بىرىنچى: ئالتۇن زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يېتىدىكەن تىجارەتكە سىلىنغان بولسۇن ياكى ئۆيدە ساقلايدىغان بولسۇن ئوخشاشلا زاكات ۋاجىپ بولىدۇ، ئەمما ئاياللار ئىشلىتىدىغان دۇرۇس بولغان زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرىغا زاكات بېرىش مەسىلىسىدە پەرقلىق قاراشلار بار، كۈچلۈك قاراشتا زىبۇ-زىننەتلەرگىمۇ زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتسە زاكات بېرىش ۋاجىپ بولىدۇ. بۇنىڭ تەپسىلاتى ئىلگىرى تور بىتىمىزدە 19901 - 59866 - نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىدا بايان قىلىندى.
ئىككىنچى: 24كاراتلىق ساپ ئالتۇننىڭ زاكات ئۆلچىمى 85 گىرام بولىدۇ، كىمكى مۇشۇ ئۆلچەمدىكى ئالتۇنغا ئىگە بولسا، ئۇنىڭغا بىر يىل توشقان بولسا، ئۇنىڭدىن يۈزدە ئىككى يېرىم پىرسەنتىن (2.5%) زاكات ئايرىيدۇ، زاكاتنى شۇ ئالتۇننىڭ ئۆزىدىن ئايرىسىمۇ بولىدۇ ياكى ئالتۇننىڭ شۇ كۈندىكى باھاسى بويۇنچە قىممىتىنى ھېسابلاپ نەخ پۇل بەرسىمۇ بولىدۇ. تەپسىلى مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 64 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.
ئاللاھ تائالادىن بىزگە، سىزگە ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارغا ھالال رىزىق ئاتا قىلىشنى، ھەممەيلەننى ھەققە ھىدايەت قىلىشنى سورايمىز. ئاللاھ بۇنىڭ ئىگىسىدۇر ۋە بۇنىڭغا قادىردۇر.
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.