قىز بالىغا "ھەۋۋا" دەپ ئىسىم قويۇشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سوئال 146122

قىز بالىغا "ھەۋۋا" دەپ ئىسىم قويسا توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

قىز بالىغا ھەۋۋا دەپ ئىسىم قويسا بولىدۇ، بۇنىڭدا خاتالىق بولمايدۇ، چۈنكى ئەسلىدە ئىسىملار شەرىئەتتە چەكلەنگەن بولمىسا ياكى يامان مەنالارنى ئۆز ئېچىگە ئالمىسا ئۇنىڭدا رۇخسەت ۋە دۇرۇسلۇق بارلىقى مەلۇمدۇر. بۇ ھەقتە مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 7180-101401- نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

ھەۋۋا دېگەن بۇ ئىسىم سەلەپلەرنىڭ ئارىسىدا تونۇشلۇق ئىسىم ئىدى، ئايال ساھابىلاردىنمۇ: ھەۋۋا بىنتى يەزىيد بىن سەكەن. ئىبنى ئەسىير مۇنداق دەيدۇ: " ئەنسارىلاردىن بەيئەت قىلغان ئاياللارنىڭ ئارىسىدا  ئېرىدىن بۇرۇن مۇسۇلمان بولغان، قەيس ئىبنى خەتىيمنىڭ ئايالى بار ئىدى ئۇ: ھەۋۋا بىنتى يەزىيد بىن سەكەن ئىدى". ["ئەسەدۇل غابە" 7-توم 73-بەت. ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھنىڭ" ئەلئىسابەتى پى تەميىزىس ساھابە" 7-توم 588-بەت.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەرجەلەر

ئىسىملار ، تەخەللۇسلار ۋە لەقەملەر

مەنبە: 

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

مەزمۇنغا ئالاقىدار تىمىلار

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

App StoreGoogle Play