ئىبادەتلەرنى بىر-بىرىگە كىرىشتۈرۈش ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:
بىرىنچى: قەتئىي توغرا بولمايدۇ. يەنى ئىبادەت ئۆزى مەقسەت قىلىنىدىغان ياكى باشقىلىرىغا ئەگىشىدىغان بولسا، بۇ ئىبادەتلەرنىڭ ئارىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بىر-بىرىگە كېرىشتۈرۈشكە بولمايدۇ. مەسىلەن: ئىنسان بامداتنىڭ سۈننىتىنى ئوقۇماي كۈن چېقىپ قاپتۇ، چاشكا نامىزىنىڭ ۋاقتى بولۇپتۇ، بۇ يەردە، بامداتنىڭ سۈننىتى چاشكا نامىزى ئۈچۈن ۋە چاشكا نامىزى بامداتنىڭ سۈننىتى ئۈچۈن كۇپايە قىلمايدۇ. بۇ ئىككىسىنى بىرگە نىيەت قىلىپ ئارىسىنى جۇغلاپ ئوقۇشقىمۇ بولمايدۇ. چۈنكى بامداتنىڭ سۈننىتى ئايرىم ناماز، چاشكا نامىزى ئايرىم نامازدۇر. ئىككىسىنىڭ بىرى يەنە بىرىدىن كۇپايە قىلمايدۇ.
شۇنىڭدەك، ئىككى ئىبادەتنىڭ بىرى ئۆزىدىن بۇرۇنقىغا ئەگىشىدىغان بولۇپ قالسا، بۇنىمۇ باشقا بىرى بىلەن كىرىشتۈرۈپ ئوقۇش توغرا بولمايدۇ. مەسىلەن: بىر كىشى مەن بامداتنىڭ ئىككى رەكەت پەرزى بىلەن ئىككى رەكەت سۈننىتىنى بىرگە نىيەت قىلىپ ئوقۇيمەن دېسە، بىز: بۇنداق قىلىش توغرا بولمايدۇ دەيمىز، چۈنكى بامداتنىڭ ئىككى رەكەت سۈننىتى دېگەن ئارقىدىنلا ئوقۇلىدىغان پەرىزگە تابىدۇر، شۇڭا ئىككىسىنى بىرنىيەت بىلەن ئوقۇش توغرا بولمايدۇ.
ئىككىنچى: بۇ تۈردىكى ئىبادەتلەردىن بولغان مەقسەت، ئىبادەتنىڭ ئۆزى مەقسەت ئەمەس بەلكى ئۇنى قىلىش مەقسەت قىلىنىدۇ، بۇنىڭدا ئىبادەتلەرنى بىر-بىرىگە كىرىشتۈرۈش مۇمكىن بولىدۇ. مەسىلەن: بىر كىشى مەسچىتكە كىرگەندە كىشىلەر بامداتنىڭ پەرزىنى ئوقۇۋاتقان بولسا، ئەسلىدە ئىنسان مەسچىتكە كىرسە ئولتۇرماستىن ئىككى رەكەت مەسچىت ھۆرمىتى نامىزى ئوقۇشى كېرەك ئېدى، بۇ كىشىمۇ ئىمامغا ئەگىشىپ پەرز نامازنى ئوقۇيدۇ، ئۇ كىشىدىن ئىككى رەكەت مەسچىت ھۆرمىتى نامىزى چۈشۈپ كېتىدۇ، نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ؟، چۈنكى، بۇنىڭدىن ئىنسان مەسچىتكە كىرگەندە ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇش مەقسەت قىلىنىدۇ، شۇنىڭدەك، ئىنسان چاشكا ۋاقتىدا مەسچىتكە كېرىپ ئىككى رەكەت چاشكا نامىزى ئوقۇسا، بۇنىڭ بىلەن مەسچىت ھۆرمىتى نامىزىمۇ ئادا تاپىدۇ، ئەگەر ھەر ئىككىسىنى بىرگە نىيەت قىلىپ ئوقۇسا، مۇكەممەل بولىدۇ، بۇ ئىبادەتلەرنى بىر-بىرىگە كېرىشتۈرۈشتىكى قائىدىدۇر.
بۇنىڭ قاتارىدىن روزا. مەسىلەن: ئەرەپات كۈنىنىڭ روزىسى بولسا، شۇ كۈندە روزا تۇتۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتۇر، بۇنىڭ بىلەن ھەر ئايدا تۇتىدىغان ئۈچ كۈنلۈك روزىنى بىرگە نىيەت قىلىڭ ياكى پەقەت ئەرەپات كۈنىنىڭ روزىسىنى نىيەت قىلىڭ ئوخشاش، لېكىن سىز ئۇ ئۈچ كۈننىڭ روزىسىنى ئەرەپات كۈنى ئۈچۈن نىيەت قىلسىڭىز، بۇ ئۈچ كۈنلۈك روزىغا كۇپايە قىلمايدۇ، ئەگەر ئۇ ئۈچ كۈندىن بىرىنى ئەرەپات كۈنىدە تۇتسىڭىز، بۇ ئەرەپات كۈنىنىڭ روزىسى ۋە شۇ بىر كۈنلۈك روزىغا كۇپايە قىلىدۇ، ئەگەر ئىككىسىنى بىرگە نىيەت قىلسىڭىز ياخشى بولىدۇ.
ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.