شەنبە 18 شەۋۋال 1445 - 27 ئاپرىل 2024
Uygur

ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن بېرىلىدىغان قەرزنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

مەن نورۋىگىيىدە ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان مۇسۇلمان ئوقۇغۇچى، مېنىڭ سوئالىم، ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇشۇمنى داۋاملاشتۇرۇشۇم ئۈچۈن ماڭا بېرىدىغان قەرز پۇلى توغرىسىدا بولۇپ، بۇنىڭدىن ھېچ بىر پايدا تەلەپ قىلمايدۇ، ئوقۇغۇچى يېرىم يىللىق ئىمتىھاندا نەتىجىگە ئېرىشسە بۇ قەرز ئۇنۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇش مۇكاپاتى ياكى ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئايلىنىدۇ، ئەمما نەتىجىگە ئېرىشەلمىسە، يىللىق ئىمتىھان ئاخىرلاشقىچە ئۆسۈمسىز قەرز ھېسابىدا قالىدۇ. ئەمما ئوقۇشنى تاشلاپ چىقىپ كەتسە ياكى ئوقۇش پۈتتۈرسە ياكى بۇ قەرز ئوقۇش ياردەم پۇلى ياكى ئۇنۋېرستېت مۇكاپاتىغا ئۆزگەرمىسە، قەرز ھالىتىدە قالىدۇ، بۇ ئۈچ خىل ئەھۋالدا قەرزگە ئۆسۈم تۆلەيدۇ، سوئال: مەن مۇشۇ قەرزدىن پايدىلانسام توغرا بولامدۇ؟ ئۇ ھالال بولامدۇ؟ مەن بۇ يىل مەكتەپ پۈتتۈرىمەن، ئاللاھنىڭ پەزلى بىلەن مەن بىر قېتىممۇ ئىمتىھاندىن نەتىجىسىز قالمىدىم، ئاخىرغىچە بۇنداق ئىش يۈز بەرمەيدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن مەن بۇ قەرزنى ئالسام ئاللاھ خالىسا يىل ئوتتۇرىدا ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئايلىنىدۇ، ئەگەر مەن بىرەر ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىسەم ياكى ئوقۇشنى تاشلىسام (ئاللاھقا شۈكۈرلەر بولسۇن)، بۇ قەرزنى تىزدىن ئۆتىگىدەك ئىقتىسادىم بار، بۇ قەرزگە ئەسلىدىن ئېھتىياجىممۇ  يوق، لېكىن مەن ئىمتىھاندىن كىيىن ئۇنىڭ ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ياكى مۇكاپاتقا ئايلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن ئالايمىكىن دەيمەن، بۇ ئىشنىڭ شەرىئەتتىكى ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن بېرىلىدىغان قەرز تۆۋەندىكى ئۈچ تۈرلۈك ھالەتتىن خالى بولمايدۇ:

   بىرىنچى: ئۆسۈمسىز قەرز، ئوقۇغۇچى قەرزنى ئالغان بويۇنچە زىيادە قىلماستىن قايتۇرىدۇ، بۇ ھالەتتە قەرز ئالسا بولىدۇ.

   ئىككىنچى: ئۆسۈملۈك قەرز، بۇنىڭدا قەرز ئالغۇچىدىن قەرزنى زىيادىسى بىلەن قېتىپ ئادا قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ، بۇ ھالەتتە قەرز ئالسا توغرا بولمايدۇ، بۇ جازانە بولىدۇ.

    ئۈچىنچى: قەرز ئەسلىدە ئۆسۈمسىز بولىدۇ، لېكىن بەزى سۈرەتتە جازانە شەرتىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، گوياكى ئوقۇغۇچىغا: بۇ قەرزنى ئالغان بويۇنچە قايتۇرىسىز ياكى نەتىجىگە ئېرىشسىڭىز سىزگە ئوقۇش مۇكاپاتى بولىدۇ، لېكىن مەكتەپتىن چىكىنسىڭىز ياكى ئوقۇشتا نەتىجىگە ئېرىشەلمىسىڭىز ياكى قەرزنى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا قايتۇرمىسىڭىز، سىز ئۇ ۋاقىتتا قەرزنى زىيادىسى بىلەن بىرگە ئادا قىلىسىز دېسە، بۇنداق ھالەتتە ئۇ قەرزنى ئېلىش توغرا بولمايدۇ، ھەتتا قەرز ئالغۇچى نەتىجە قازىنىشقا ئىشەنچ قىلسىمۇ ياكى ئۆسۈمسىز قەرزنىڭ ئۆزىنى قايتۇرۇشقا ئىشەنچىسى بولسىمۇ توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بۇ توختامدا جازانە شەرتىنى ئېتىراپ قىلىش بار، شۇنىڭدەك ئۇقۇشنى داۋاملاشتۇرالماي ياكى ئىمتىھاندا نەتىجىگە ئېرىشەلمەي قالسا، جازانىغا چۈشۈپ قىلىش ئېھتىماللىقى بولىدۇ. 

   شۇنىڭغا ئاساسەن: سىزنىڭ ئۇ قەرزنى ئېلىشىڭىز توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ جازانە شەرتىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، ئۆزىڭىزنىڭ ئۇ قەرزگە ئېھتىياجىڭىز يوق ئىكەنلىكىنى يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتتىڭىز، بۇ سىزنىڭ ئۇ قەرزنى ئالماسلىقىڭىزنى كۈچلەندۈرىدۇ. ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى