روزىدارنىڭ بەلغەمنى يۇتىۋېتىشىنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سوئال 208210

سىلەر12597 -نومۇرلۇق بۇ پەتىۋادا:  روزىدار بەلغەمنى يۇتۇۋەتسە بۇنىڭ بىلەن روزىسى بۇزۇلمايدۇ چۈنكى ئۇ يېمەك-ئىچمەك قاتارىدىن ئەمەس دەپ بايان قىپسىلەر، لېكىن 78479 - نومۇرلۇق پەتىۋادا:  يېمەك-ئىچمەك ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ھەرقانداق  نەرسىنى يۇتۇۋەتسە، ھەتتا مېتال پۇلنى يۇتىۋەتسىمۇ شۇنداق بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن روزىسى بۇزۇلىدۇ دەپ بايان قىلىپسىلەر، مەن بەك ھەيران قالدىم، بۇرنىدىن چۈشكەن ماڭقا ياكى بەلغەم دېگەندەك نەرسىلەرنى قەستەن يۇتۇۋەتسە بۇنىڭ بىلەن روزا بۇزۇلامدۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

قىسقىچە جاۋاپ

ئالىملارنىڭ كۈچلۈك قارىشىغا كۆرە، بەلغەمنى يۇتۇۋېتىش روزىنى بۇزمايدۇ، شۇنداقلا، ھەر قانداق بىر نەرسىنى يۇتۇۋېتىش بىلەن روزا بۇزۇلىدۇ دېگەن قائىدىگىمۇ قارشى كەلمەيدۇ، مۇبادا يۇتۇۋەتكەن نەرسە يىمەكلىك بولماستىن تاش قاتارلىق نەرسىلەر بولسا بۇنىڭ روزىغا تەسىرى بولمايدۇ.

مەزمۇنغا ئالاقىدار تىمىلار

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ئالىملارنىڭ كۈچلۈك قارىشىغا كۆرە، بەلغەمنى يۇتۇۋېتىش روزىنى بۇزمايدۇ، شۇنداقلا، ھەر قانداق بىر نەرسىنى يۇتۇۋېتىش بىلەن روزا بۇزۇلىدۇ دېگەن قائىدىگىمۇ قارشى كەلمەيدۇ، مۇبادا يۇتۇۋەتكەن نەرسە يىمەكلىك بولماستىن تاش قاتارلىق نەرسىلەر بولسا بۇنىڭ روزىغا تەسىرى بولمايدۇ.

"ھاۋىل كەبىير"  3-توم 456 -بەتتە مۇنداق كەلگەن:  ئىمام شاپىئى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: "ئەگەر تاش ياكى يېمەك بولمىغان نەرسىلەرنى يۇتۇۋەتكەن بولسا ياكى ئوكۇل ئاستۇرغان ياكى جاراھەتكە دورا قويغان بولسا، بۇ دىماغقا يېتىپ قالسا ياكى دورا تېمىتىپ ئۇ دىمىقىغا يەتكەن بولسا، بۇ ئىشلار ئېسىدە بولسا روزىسى بۇزۇلىدۇ، ئەگەر ئېسىدە بولمىسا، ئۇ كىشىگە ھېچ نەرسە كېرەك بولمايدۇ".

ماۋەردىي مۇنداق دەيدۇ: "بۇ توغرا قاراش، كىمكى ئۆزىنىڭ روزىدار ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، قەستەن يېمەك-ئىچمەكنى ياكى يېمەك-ئىچمەك بولمىغان تەڭگە، تاش، ياڭاق ياكى بادام دېگەندەك نەرسىلەرنى يۇتۇۋەتكەن بولسا، روزىسى بۇزۇلىدۇ مۇشۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىلەن ئۇ كىشىگە شو كۈنلۈك روزىنىڭ قازاسىنى قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ، ئەگەر ئېسىدە يوق قىلىپ سالغان بولسا، ئۇ كىشى روزىدار ھېسابلىنىدۇ".

قارشىلىق بولماسلىق يولى: بەلغەم دېگەن بەدەننىڭ ئىچىدە بولۇپ ، ئەسلىدە بەدەندىن پەيدا بولغان، ئەگەر ئىنسان ئۆزىدىن چىققان بەلغەمنى يۇتۇۋەتسە، ئۇ سىرتتىن بىر نەرسىنى يۇتۇۋەتكەن ھېسابلانمايدۇ، ئەمما تاش قاتارلىق نەرسىلەرنى يۇتىۋېتىپ قالسا، ئۇ ۋاقىتتا بەدەننىڭ سىرتىدىكى نەرسىنى يۇتۇۋەتكەن بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن روزىسى بۇزۇلىدۇ.

ئىبنى ھەبىيب مۇنداق دەيدۇ: "كىمكى بەلغەم چىقىرىپ ئاندىن كانىيدىلا ئۇنى يۇتۇۋەتكەن ياكى كانىيىدىن ئۈزۈلۈپ تىلىنىڭ ئەتراپىغا كېلىپ بولغاندا يۇتۇۋەتكەن بولسا، ئۇ كىشى گەرچە خاتا ئىش قىلغان بولسىمۇ بۇنىڭغا ھېچ نەرسە بولمايدۇ، چۈنكى بەلغەم دېگەن يېمەك-ئىچمەك ئەمەس، ئۇ ئىنساننىڭ بېشىدىن چىقىدۇ.

باجى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " ئىبنى ھەبىيبنىڭ سۆزى: ئۇ كىشى بەلغەمنى يەردىن ئالمىدى، بەلكى ئۇ ئادەتتە تۈكرۈككە ئوخشاش ئېغىزدا يىغىلىپ قالىدۇ، تۈكۈرۈكىنى يۇتۇۋەتسە ھېچ نەرسە بولمىغان بىلەن بەلغەمنى ئېغىزىدىن چىقىرىۋېتىش ئىمكانىيىتى تۇرۇپ يۇتۇۋېتىش مەكروھ بولىدۇ" .  [تاجىل ئىكلىيل 2 -توم 426 -بەت].

بۇرنىدىكى ماڭقىنى ئېچىگە تارتىپ ئاغزىغا كەلتۈرۈپ يۇتۇۋەتكەن بولسا، كۈچلۈك قاراشتا بۇنىڭ بىلەن روزا بۇزۇلمايدۇ.

"تەبيىنۇل ھەقائىق شەرھى كۇنزۇل دەقائىق" 1 -توم 324 -بەتتە مۇنداق كەلگەن: "بۇرنىدىكى ماڭقىنى ئېچىگە تارتىپ ئاغزىغا كەلتۈرۈپ، ئۇنى قەستەن يۇتۇۋەتكەن بولسا بۇنىڭ بىلەن روزا بۇزۇلمايدۇ".

"بەھرۇر رائىق شەرھى كۇنزۇل دەقائىق"  2 -توم 294 -بەتتە مۇنداق كەلگەن: "روزىدار كىشى بۇرنىغا ماڭقا كەلگەندە ، ئۇنى ئېچىگە تارتىپ ئاغزىغا كەلتۈرۈپ قەستەن يۇتۇۋەتسە بۇنىڭ بىلەن روزىسى بۇزۇلمايدۇ، چۈنكى ئۇ تۈپرۈكنىڭ ئورنىدا بولىدۇ.  ئەمما ئۇنى بۇرنىدىن ياكى ئاغزىدىن چىقىرىپ، قولىدا تۇتۇپ ئاندىن يەنە يۇتۇۋەتكەن بولسا، ئۇ كىشىگە شۇ كۈنلۈك روزىنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەك بولىدۇ.  "ئەززەھىيرە" ناملىق ئەسەردىمۇ: "بۇرنىدىن ياكى ئاغزىدىن چېقىدىغان ماڭقا، بەلغەم ۋە تۈپرۈك قاتارلىق نەرسىلەرنى يۇتۇۋەتسە، بۇنىڭ بىلەن روزىسى بۇزۇلمايدۇ دەپ كەلگەن".

ئىلگىرىمۇ "بەلغەم، ماڭقىلارنىڭ" ئادەتتە يىرگىنىدىغان نەرسىلەردىن ئىكەنلىكى، ئېغىزىدىن چىقىرىۋېتىش ئىمكانىيىتى بولغاندا ئۇنى چىقىرىۋېتىش كېرەكلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلدى.

نۇرغۇن ئالىملار"بەلغەم، ماڭقىنى يۇتۇۋەتسە روزا بۇزۇلىدۇ" دېگەنلەرنىڭ قارىشىغىمۇ رىئايە قىلىپ بەلغەم، ماڭقىلارنى يۇتىۋەتمەستىن تۈكۈرۋېتىش كېرەكلىكىنى بايان قىلدى، چۈنكى بۇ رىئايە قىلغىلى بولمايدىغان ئىش ئەمەس.

ھەنەفىي مەزھىبىدىكى ئەللامە شىرنىبلالى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:  "ئەلھۇججە" ناملىق ئەسەردە:  ئىبراھىم نەخەئىيدىن:  بەلغەم، ماڭقىنى يۇتۇۋەتسە قانداق بولىدۇ؟ دەپ سورالغاندا، ئۇ كىشى:  ئېغىز توشقۇدەك بولمىسا، (ھەنەفىي ئالىملىرىنىڭ بىرلىككە كەلگەن قارىشىدا) روزا بۇزۇلمايدۇ دېگەن. ئەمما ئېغىز توشقۇدەك بولسا ئىمام ئەبۇ يۈسۈپنىڭ قارىشىغا كۆرە روزا بۇزۇلىدۇ، ئىمام ئەبۇ ھەنىپە رەھىمەھۇللاھنىڭ قارىشىغا كۆرە روزا بۇزۇلمايدۇ.

ئىمام شاپىئى رەھىمەھۇللاھ:  گەرچە روزا بۇزۇلمىسىمۇ بەلغەم ۋە ماڭقىلارنى تۈكۈرۋېتىش كېرەك دەيدۇ، ئەللامە ئىبنى شەھنە رەھىمەھۇللاھمۇ بۇنىڭغا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن، ئۇ كىشى بەلغەم، ماڭقىلارنى تۈكۈرۋېتىشكە قادىر بولۇپ تۇرۇپ، يۇتىۋېتىپ قالسىمۇ ئالىملارنىڭ بىرلىككە كەلگەن قارىشىدا روزىسى توغرا بولىدۇ". [مىراقى پەلاھ شەرھى نۇرۇل ئىيزاھ 246 -بەت].

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەرجەلەر

روزا

مەنبە

موقع الإسلام سؤال وجواب

answer

مەزمۇنغا ئالاقىدار تىمىلار

at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android