ئالىم-ئۆلىمالار ئىككى ھەيزنىڭ ئارىسىدىكى پاكىزلىق ۋاقتى ئەڭ ئاز قانچە كۈن بولىدۇ؟ دېگەن مەسىلىدە پەرقلىق قاراشتا بولدى، بۇنىڭ بايانىنى ئىلگىرى ئىككى ھەيزنىڭ ئارىسىدىكى پاكىزلىقنىڭ ئېنىق بەلگىلەنگەن بىر ۋاقتى يوق دەپ سۆزلىگەن، ئايالغا بىرىنچى ھەيز كېلىپ ساقايغاندىن كېيىن يەنە بىر قېتىم ھەيز كەلسە، ئىككى قېتىملىق ھەيزنىڭ ئارىسىدىكى پاكىزلىق ۋاقتى ئۇزۇن بولسۇن ياكى قىسقا بولسۇن كېيىن كەلگىنىمۇ ھەيز ھېسابلىنىدۇ.
شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىككى ھەيزنىڭ ئارىسىدىكى پاكىزلىق ۋاقتى ئون ئۈچ كۈن بولىدۇ دېيىلگەن، ئۇنىڭ ئەڭ كۆپ ۋاقتىنىڭ بەلگىلىمىسى بولمىغاندەك ئەڭ ئاز ۋاقتىنىڭمۇ بەلگىلىمىسى يوق دېيىلگەن. بۇ توغرا قاراشتۇر.
مۇشۇ توغرا قاراشقا ئاساسەن: " ئايالنىڭ بىر ئايدا ئىككى قېتىم ھەيز كۆرۈشى مۇمكىن بولىدۇ، لېكىن ئايال ھەيز قېنىنى: بۇ ھەيز دەپ بىلىشى كېرەك، ئەمما ئۇنىڭدىن باشقا سۇيۇق سىرغىش ئاز مىقداردا كەلگەن قان بولسا، ھەيز بولماستىن بەلكى ئىستىھازە (خۇن) ھېسابلىنىدۇ". [ئىبنى ئۇسەيمىننىڭ نۇرۇن ئەلەددەربى پەتىۋاسى]. بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئۈچۈن 5595 -نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.
شۇنىڭغا كۆرە ئاتىڭىزدىن ھەيزدىن پاك بولۇپ بىر ھەپتىدىن كېيىن كەلگىنى ھەيز قېنىنىڭ سۈپىتىدە بولسا، ئۇمۇ ھەيز ھېسابلىنىدۇ.
ئەمما بىر ئايدا ئىككى قېتىم ھەيز كۆرىدىغان ئايالغا نىسبەتەن ھەيز ۋاقتىنىڭ ئونبەش كۈندىن ئېشىپ كېتىشىنىڭ ھېچ زېيىنى يوق، بىر ئايدا ئون ئالتە ياكى ئون يەتتە كۈن ھەيز كۆرىدىغان ئاياللارمۇ بولغان، بۇ شۇ ئاياللارنىڭ بېكىتىلگەن ئايلىق ئادىتى بولغان.
ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " ھەيزنىڭ ئەڭ ئاز ۋە ئەڭ كۆپ ۋاقتىنىڭ ئېنىق بىر بەلگىلىمىسى يوق، ئايالنىڭ ئۆزىنىڭ داۋاملىشىۋاتقان ئادىتى بويۇنچە كۆرگىنى ھەيز بولىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭ تولۇق بىر كۈن بولمىغان ھالەتتە كەلگىنىمۇ ھەيز بولىدۇ، ئەگەر ئايالنىڭ ئايلىق ئادىتى ئون يەتتە كۈندىن زىيادە بولۇپ شۇ مۇددەتتە ئۈزلۈكسىز كەلگىنىمۇ ھەيز بولىدۇ.
ئەمما قان ئۈزۈلمەي كېلىپ تۇرىدىغان بولسا، بۇنىڭ ھەيز ئەمەسلىكى مەلۇم بولىدۇ، چۈنكى بۇنىڭ ھەيز بولمايدىغان لۇغەتتە تەرەپتىنمۇ ۋە شەرئى تەرەپتىنمۇ بىلىنگەن. ئايال دېگەن بىر ئاي ئىچىدە بەزى كۈنلەر پاك بولىدۇ، بەزى كۈنلەر ئادەت كۆرىدۇ، پاكلىقى ئۈچۈن ئايرىم ھۆكۈم بولىدۇ، ئادەت كۈنلىرى ئۈچۈن ئايرىم ھۆكۈم بولىدۇ". [پەتىۋالار مەجمۇئەسى 19 -توم 237 -بەت].
شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ھەيزنىڭ ئەڭ ئۇزۇن ۋاقتى ئونبەش كۈن دېگەنمۇ بىر مەزھەپنىڭ قارىشىدۇر، ئۇلارنىڭ دەلىلى: ئۆرپ-ئادەتتۇر، ئادەتتە ئايالنىڭ ئايلىق ئادىتى ئونبەش كۈندىن زىيادە بولمايدۇ، بۇنىڭدىن زىيادە بولغىنى ئاينىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، پاكلىق ۋاقتىنىڭ ھەيز ۋاقتىدىن ئاز بولىشى مۇمكىن بولمايدۇ.
ئايلىق ئادىتى ئون ئالتە كۈن بولغان بولسا، پاكلىق ۋاقتى ئون تۆت كۈن بولىدۇ، ھەيز ۋاقتى پاكلىق ۋاقتىدىن زىيادە بولىشى مۇمكىن بولمايدۇ.
بۇ مەسىلىدىكى توغرا قاراش: ھەيزنىڭ ئەڭ كۆپ ۋاقتىنىڭ بەلگىلىمىسى يوق، ئايلىق ئادىتى ئون يەتتە ياكى ئون ئالتە كۈن بېكىتىلگەن ئاياللارمۇ بار، ئۇنداق بولغاندىن كېيىن، ئادەت كۆرۈپ گەرچە كەلگەن قاننىڭ تەبىئىتى، رەڭگى ۋە كۆپلۈكى ئوخشاش بولسىمۇ، ئون بەشىنچى كۈنى كۈن ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرى قان كەلسە ھەيز دەپ، كۈن ئولتۇرۇپ بىر-ئىككى مىنۇتتىن كېيىن قان كەلسە ئۇنى ئىستىھازە(خۇن كېسىلى دەپ) ھەيزنىڭ قېنىنى ئىستىھازىگە ئۆزگەرتىشنىڭ ھېچ بىر دەلىلى يوق، ئەگەر ئۇلارنىڭ دېگەن شۇ سۆزىگە دەلىل بولغان بولسا ئېدى بىز بۇنى قوبۇل قىلاتتۇق.
مەسىلەن: ئەگەر ئايالنىڭ ھەر ئايدا بېكىتىلگەن ۋە داۋام قىلغان ئادىتى ئون يەتتە كۈن بولغان بولسا، بىز بۇنىڭ ھەممىسىنى ھەيز دەيتتۇق.
ئەمما ئاينىڭ ھەممىسىدە قان ئۈزلۈكسىز كەلگەن بولسا ياكى بىر ئايدا بىر-ئىككى كۈن قان كەلمىگەن بولسا ياكى بىر قانچە سائەت توختاپ يەنە كەلگەن بولسا، بىر ئايدا بىر قانچە سائەتلا پاك بولىدىغان بولسا، بۇنىڭ ھەممىسى ئىستىھازىدۇر(خۇن كېسىلىدۇر) ." [شەرھىل مۇمتى 1 -توم 471-472 -بەت].
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.