تاۋاپ قىلىۋېتىپ ھاجەتكە چىقسا، تاھارەت ئىلىپ كېرىپ تاۋاپنى يېڭىدىن باشلامدۇ ياكى كەلگەن يەردىن داۋام قىلامدۇ؟

سوئال: 224464

مەن ھەجدە پەرز تاۋاپنى قىلىپ ئۈچىنچى تاۋاپنى تامام قىلىپ بولغاندىن كېيىن تەرەت قىستاپ قىلىپ تاھارەت ئالغىلى چىقىپ تاھارەت ئىلىپ كېرىپ تاۋاپنى قالغان يەردىن باشلاپ تولۇقلىدىم، مېنىڭ قىلغان تاۋىپىم توغرا بولاپتىمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

قىسقىچە جاۋاپ

-ھەنەفىي ۋە شاپىئى مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ قارىشىغا كۆرە، بىر كىشىنىڭ تاۋاپ جەريانىدا تاھارىتى بۇزۇلسا، چىقىپ تاھارەت ئىلىپ كېرىپ ئارىدىن ئۈزۈن ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ تاۋاپنى توختىغان جايدىن داۋاملاشتۇرىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ قارىشىدا: تاۋاپتا ئارىنى ئۈزمەي تاۋاپنى ئاخىرلاشتۇرۇش شەرت ئەمەس.

-مالىكى ۋە ھەنبەلى مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ قارىشىغا كۆرە، بىر كىشىنىڭ تاۋاپ جەريانىدا تاھارىتى بۇزۇلسا، چىقىپ تاھارەت ئىلىپ كېرىپ تاۋاپنى يېڭىدىن باشلايدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ قارىشىدا: تاۋاپ جەريانىدا تاھارەتنىڭ بۇزۇلۇشى قىلغان تاۋاپنى بىكار قىلىۋېتىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن تاھارەت ئېلىپ كىرگەندىن كېيىن تاۋاپنى يېڭىدىن باشلاش كېرەك بولىدۇ. شۇنىڭدەك، تاۋاپنى تولۇق قىلىپ بولۇشتىن ئىلگىرى تاۋاپلار ئارىسىدا ئۇزۇن پاسىل بولۇپ قالسا، ئۇ ۋاقىتتىمۇ تاۋاپ بۇزۇلىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ قارىشىدا: تاۋاپنىڭ سەھىھ بولىشى ئۈچۈن تاۋاپ ئاخىرلاشقىچە ئۈزمەي ئايلىنىپ تۈگىتىش كېرەك.

مەزمۇنغا ئالاقىدار تىمىلار

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىغا كۆرە، تاۋاپنىڭ توغرا بولىشى ئۈچۈن تاۋاپ باشلانغاندىن كېيىن تاكى ئاخىرلاشقانغا قەدەر تاھارەت بولۇش كېرەك دەپ قارايدۇ، ئەمما ئۇلار، تاۋاپ قىلىۋاتقان كىشىنىڭ تاھارىتى بۇزۇلۇپ، يېڭىدىن تاھارەت ئىلىپ كىرگەندە تاۋاپنى كەلگەن جايدىن (توختىغان ساندىن) باشلامدۇ ياكى يېڭىدىن باشلامدۇ؟ دېگەن بۇ مەسىلىدە پەرقلىق ئىككى تۈرلۈك قاراشتا بولدى: ھەنەفىي ۋە شاپىئى مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ قارىشىدا: بىر كىشىنىڭ تاۋاپ جەريانىدا تاھارىتى بۇزۇلسا، چىقىپ تاھارەت ئىلىپ كېرىپ ئارىدىن ئۈزۈن ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ تاۋاپنى توختىغان جايدىن داۋاملاشتۇرىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ قارىشىدا: تاۋاپتا ئايلانمىلارنىڭ ئارىسىنى ئۈزمەي تاۋاپنى ئاخىرلاشتۇرۇش شەرت ئەمەس.

مالىكى ۋە ھەنبەلى مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ قارىشىغا كۆرە، بىر كىشىنىڭ تاۋاپ جەريانىدا تاھارىتى بۇزۇلسا، چىقىپ تاھارەت ئىلىپ كېرىپ تاۋاپنى يېڭىدىن باشلايدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ قارىشىدا: تاۋاپ جەريانىدا تاھارەتنىڭ بۇزۇلۇشى قىلغان تاۋاپنى بىكار قىلىۋېتىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن تاھارەت ئېلىپ كىرگەندىن كېيىن تاۋاپنى يېڭىدىن باشلاش كېرەك بولىدۇ، شۇنىڭدەك، تاۋاپنى تولۇق قىلىپ بولۇشتىن ئىلگىرى ئايلانمىلار ئارىسىدا ئۇزۇن پاسىل بولۇپ قالسا، ئۇ ۋاقىتتىمۇ تاۋاپ بۇزۇلىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ قارىشىدا: تاۋاپنىڭ سەھىھ بولىشى ئۈچۈن تاۋاپ ئاخىرلاشقىچە ئۈزمەي تۈگىتىش كېرەك.[پىقھى ئېنسىكلوپېدىيىسى 29-توم 131-بەت].

شەيخ ئابدۇل ئەزىز بىن باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "تاۋاپ قىلغۇچىنىڭ تاۋاپ جەريانىدا تاھارىتى بۇزۇلسا، تاۋاپمۇ نامازغا ئوخشاش بولغانلىقى ئۈچۈن، بېرىپ تاھارەت ئېلىپ كېلىپ تاۋاپنى يېڭىدىن باشلايدۇ، بۇ توغرا قاراش، گەرچە بۇ مەسىلىدە ئالىملار ئارىسىدا پەرقلىق قاراشلار بولسىمۇ، لېكىن توغرىسى تاۋاپ ۋە ناماز ئوخشاشتۇر. بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ نامازدا تاھارىتى بۇزۇلسا، نامازدىن چىقىپ تاھارەت ئىلىپ كېلىپ نامازنى يېڭىدىن باشلىسۇن». ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى. ئىبنى خۇزەيمە سەھىھ دېگەن. ئومۇمەن تاۋاپ بولسا نامازنىڭ تۈرىدىندۇر". [شەيخ ئىبنى باز پەتىۋالار مەجمۇئەسى 10-توم 160-بەت].

شەيخ مۇھەممەد بىن ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: "تاۋاپ ۋە سەئى قىلىشتا ئارىلىقنى ئۈزۈپ قويماستىن ئارقىمۇ-ئارقا قىلىش شەرتتۇر، ئەگەر ئىككى ئايلانمىنىڭ ئارىسىنى ئۈزمەي داۋاملاشتۇرماستىن ئارىلىقنى بەك ئۈزۈپ قويسا، بىرىنچى ئايلىنىش بىكار بولۇپ كېتىدۇ، ئۇ كىشىگە تاۋاپنى يېڭىدىن باشلاش ۋاجىپ بولىدۇ. ئەمما ئارىلىقنى بەك ئۈزۈپ قويماستىن تۆت، بەش مىنۇت ئەتراپىدا ئۈزۈپ قويۇپ ئاندىن يەنە داۋاملاشتۇرغان بولسا، بۇنىڭ زىيىنى بولمايدۇ". [ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالىرى مەجمۇئەسى 22-توم 293-بەت].

شەيخ بىن ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: بىر كىشى پەرز تاۋاپنى باشلىدى، تاۋاپ جەريانىدا تاھارىتى بۇزۇلدى، تاھارەت ئىلىپ كېلىپ تاۋاپنى يېڭىدىن باشلىماستىن توختىغان ساندىن باشلاپ تاماملىدى، بۇنداق قىلسا توغرا بولامدۇ؟ ئەگەر توغرا بولمىسا، ئۇ كىشى نېمە قىلىشى كېرەك؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: تاۋاپ جەريانىدا تاھارىتى بۇزۇلۇپ كېيىن قايتىدىن تاھارەت ئىلىپ كېرىپ، تاۋاپنى كەلگەن يەردىن باشلىسا، ئەگەر بىز: تاۋاپ ئۈچۈن تاھارەت بولىشى شەرت دېسەك، ئۇ كىشىنىڭ تاۋاپ جەريانىدا تاھارىتى بۇزۇلغانلىقى ۋە تاۋاپنى يېڭىدىن باشلىماستىن توختىغان جايدىن داۋاملاشتۇرغانلىقى ئۈچۈن قىلغان تاۋاپى بىكار بولىدۇ، بۇنىڭغا كۆرە، ئۇ كىشى ھازىر پەرىز تاۋاپنى ئادا قىلمىغان بولىدۇ.

ئەمما بىز: تاۋاپنىڭ سەھىھ بولىشى ئۈچۈن تاھارەت بولۇش شەرت قىلىنمايدۇ دېسەك، قاراپ باقايلى: ئۇ كىشىنىڭ تاھارەت ئىلىش ئۈچۈن چېقىپ-كېرىشىگە ئۈزۈن ۋاقىت كەتتىمۇ؟ئەگەر ئۇزۇن ۋاقىت كەتكەن بولسا تاۋاپى توغرا بولمايدۇ، چۈنكى تاۋاپتا تاۋاپنى ئۈزۈلدۈرمەي قىلىش شەرت قىلىنىدۇ. ئەمما سۇ بار ئورۇن يېقىن بولۇپ، تاھارەت ئېلىپ تىزلا قايتىپ كېلىپ تاۋاپنى داۋاملاشتۇرغان بولسا، ئۇ كىشىنىڭ قىلغان تاۋاپى توغرا بولىدۇ".[ئىبنى ئۇسەيمىن رىسالىلىرى ۋە پەتىۋالىرى مەجمۇئەسى 22-توم 357-بەت].

ئومۇمەن ھەج ۋاقىتلىرىدا بەك قىستاڭچىلىق بولغانلىقى ئۈچۈن تاۋاپ جەريانىدا تاھارىتى بۇزۇلغان كىشىنىڭ تاھارەت ئىلىپ كېرىشىگە ئۈزۈن ۋاقىت كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تاۋاپنى ئۈزۈلدۈرمەي قىلىش شەرتى يوق بولىدۇ، ئارىلىققا پاسىل چۈشىدۇ، بۇنداق ھالەتتە تاھارەت ئىلىپ كېرىپ تاۋاپنى توختىغان ئورۇندىن باشلاپ تولۇقلاش توغرا بولمايدۇ.

بۇنىڭغا ئاساسەن: ئەگەر سىز ھازىرغىچە پەرز تاۋاپنى قايتىدىن قىلمىغان بولسىڭىز، سىزنىڭ قىلغان ھەججىڭىز تولۇق بولماپتۇ، سىز پەرز تاۋاپنى ئادا قىلىۋېتىش ئۈچۈن تىزدىن مەككىگە كېلىشىڭىز كېرەك، چۈنكى پەرز تاۋاپ دېگەن ھەجنىڭ ئادا قىلمىسا بولمايدىغان ئەڭ مۇھىم ئاساسىدىن بىرىدۇر. ئەمما سىز تاۋاپنى ئۈزمەي ئۇلاپ قىلىش شەرت ئەمەس، تاھارەت ئىلىپ كىرسە كەلگەن ئورۇندىن داۋاملاشتۇرىدۇ دېگەن قاراشتىكى بىرەر ئالىمنىڭ پەتىۋاسىغا كۆرە قىلغان بولسىڭىز، بۇنداق ھالەتتە سىزگە ھېچ نەرسە كەلمەيدۇ، قىلغان تاۋاپىڭىز توغرا بولىدۇ، ھەججىڭىزمۇ تامام بولغان بولىدۇ. بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن: 34695- 109356-109246-106577-23876-36850-253569-49012-نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەرجەلەر

مەنبە

موقع الإسلام سؤال وجواب

answer

مەزمۇنغا ئالاقىدار تىمىلار

at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android