تويلۇق مېھرىنى كىم بېكىتىدۇ؟، ئۇنىڭ مىقدارى قانچىلىك بولىدۇ؟، تويلۇق مېھرى بېكىتىلمىسىمۇ نىكاھ قىلىش دۇرۇس بولامدۇ؟

سوئال 224876

توي كۈنى بىر ئورۇنغا كېلىش ئۈچۈن يىگىت قىزغا بېكىتىلگەن تويلۇق مېھرىنى بېرىشى كېرەكمۇ؟ تويلۇق مېھرى قانچىلىق مىقداردا بولىشى كېرەك؟، تويلۇق مېھرى بېكىتىلمىسىمۇ نىكاھ قىلىش دۇرۇس بولامدۇ؟.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

تويلۇق مىقدارىنى بېكىتىش بولسا، تويى بولىدىغان قىز ياكى ئۇنىڭ ۋەلىيسىنىڭ بېكىتىلىشىگە قۇيىلىدۇ، تويى بولىدىغان قىز بىلەن ئۇنىڭ ۋەلىيسى تويلۇق مېھرىنىڭ مىقدارىنى بېكىتىشتە پەرقلىق قاراشتا بولۇپ قالسا، ئالىملارنىڭ قارىشىغا كۆرە، ئۇنىڭدا ئېتىبارغا ئېلىنىدىغان مەنبە تويى بولىدىغان قىزنىڭ تەڭتۈشلىرىنىڭ تويلۇق مېھرىنىڭ ئوخشىشىدۇر، تويى بولىدىغان قىز بۇنىڭغا رازى بولسا، بۇ ئۇنىڭ تويلۇق مېھرى بولىدۇ، ئەگەر ۋەلىسى ئۇنىڭدىنمۇ زىيادە ئېلىشنى مەقسەت قىلسا، بۇ ۋاقىتتا ۋەلىنىڭ سۆزى ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ، ئەگەر قىز تويلۇق مېھرىنى ئاز بېكىتسە، ئۇ ۋاقىتتا ۋەلىيسىنىڭ سۆزى كۈچكە ئىگە بولىدۇ . بۇ مەسىلىدە 224378  -نومۇرلۇق پەتىۋاغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

ئەمما تويلۇق مېھرىنىڭ بېكىتىلگەن ئېنىق مىقدارى يوق، بەلكى ئۇ قىز-يىگىت تەرەپ مۇۋاپىق كەلگەن بويىچە ياكى ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن يىگىت بىلەن قىزنىڭ ۋەلىيسى مۇۋاپىق كەلگەن مىقداردا بولىدۇ، لېكىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرسەتمىسى ۋە تۇتۇپ ماڭغان يولى بولسا، تويلۇق مېھرىنى زىيادە قىلىۋەتمەسلىك، يەڭگىل قىلىشتۇر.

نىكاھتا تويلۇق مېھرىنى بېكىتىش زۆرۈردۇر، ئەگەر ئىككى تەرەپ تويلۇق مېھرىنىڭ مىقدارىدا ئىتتىپاق كەلگەن بولسا، ئۇ ۋاقىتتا بۇ قىزنىڭ خاس ھەققى ھېسابلىنىدۇ، ۋەلىيسىنىڭ بۇنى قىزغا تاپشۇرۇپ بېرىشى كېرەك بولىدۇ، قىزنىڭ رازىلىقىسىز ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسىنى ئېلىۋالمايدۇ.

نىكاھ ئەقدىسىدىن كېيىن قىز ئەقلى ھۇشى جايىدا بولۇپ، ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئېرى ئۈچۈن تويلۇق مېھرىنىڭ ھەممىسىدىن ياكى بەزىسىدىن چۈشۈپ بەرسە دۇرۇس بولىدۇ، ئەگەر ئىككى تەرەپنىڭ نىكاھى تويلۇق مېھرىسىز قىلىنغان بولسا، نىكاھ دۇرۇس بولىدۇ، قىز ئۈچۈن ئۇنىڭ تەڭتۈشلىرىنىڭ تويلۇق مېھرىنىڭ ئوخشىشى بېكىتىلىدۇ.  بۇ توغرىدا ئارتۇقچە مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 111127 - 112153 - نومۇرلۇق پەتىۋا قارالسۇن.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەرجەلەر

تويلۇق

مەنبە: 

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

Previous
كېيىنكى
answer

مەزمۇنغا ئالاقىدار تىمىلار

at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android