نىكاھتا مېھرى ئۈچۈن مالنىڭ بولىشى زۆرۈردۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: وَأُحِلَّ لَكُمْ مَا وَرَاءَ ذَلِكُمْ أَنْ تَبْتَغُوا بِأَمْوَالِكُمْ مُحْصِنِينَ غَيْرَ مُسَافِحِينَ فَمَا اسْتَمْتَعْتُمْ بِهِ مِنْهُنَّ فَآتُوهُنَّ أُجُورَهُنَّ فَرِيضَةً تەرجىمىسى: «بۇلاردىن (يەنى يۇقىرىدىكى ئېلىش دۇرۇس بولمايدىغان ئاياللاردىن) باشقىلىرىنى زىنادىن ساقلىنىپ، ئىپپەتلىك بولغىنىڭلار ھالدا، ماللىرىڭلارنى سەرپ قىلىپ (يەنى مەھرىنى بېرىپ) نىكاھلاپ ئېلىشىڭلار ھالال قىلىندى. قايسىكى ئاياللارنى (نىكاھلاپ ئېلىپ) پايدىلانساڭلار، ئۇلارغا (نىكاھ ۋاقتىدا) بېكىتىلگەن مەھرىلىرىنى بېرىڭلار». [سۈرە نىسا 24 -ئايەت. ]
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام خۇتبە سۆزلەۋاتقاندا كېلىپ ئۆزىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تەقدىم قىلغان ئايال توغرىسىدا، بۇ ئايال بىلەن تويىنى قىلىپ قويۇشنى تەلەپ قىلغان ساھابىغا: «تۆمۈردىن بولغان ئۈزۈك بولسىمۇ تېپىپ كەلگىن» دېگەن.
ئىنسان ھەر ۋاقىت توي مېھرىنى ئاتىماي توي قىلغان بولسا، ئۇ ئايالغا ئۆزىنىڭ تەڭ-تۇشلىرىنىڭ تويلۇق مېھرىگە ئوخشاش تويلۇق مېھرى بېرىش ۋاجىپ بولىدۇ.
ئايالغا قۇرئان كەرىم، ھەدىس شېرىپ ياكى باشقا پايدىلىق ئىلىملەرنى، ھۈنەر-كەسىپلەرنى ئۆگىتىش بەدىلىگە نىكاھ قىلسىمۇ بولىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يۇقىرىدا بىز سۆزلىگەن ھەدىستىكى، ئۆزىنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا تەقدىم قىلغان ئايال بىلەن تويىنى قىلىپ قويۇشنى تەلەپ قىلغان ساھابى تويلۇق مېھرىگە بېرىدىغان ھېچ نەرسە تاپالمىغاندا، ئۇنىڭ قۇرئان كەرىمدىن مەلۇم ئايەتلەرنى ئۆگىتىپ قويۇش بەدىلىگە ئۇ ئايال بىلەن نىكاھىنى قىپ قويغان.
تويلۇق مېھرى دېگەن ئايالنىڭ خاس ھەققى بولۇپ، ئەقلى-ھۇشى جايىدا ئايال ئۆز ھەققىدىن چۈشۈپ بەرسە يەنى تويلۇق ئالماي نىكاھ قىلىشقا رازى بولسا دۇرۇس بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: وَآتُوا النِّسَاءَ صَدُقَاتِهِنَّ نِحْلَةً فَإِنْ طِبْنَ لَكُمْ عَنْ شَيْءٍ مِنْهُ نَفْساً فَكُلُوهُ هَنِيئاً مَرِيئاً تەرجىمىسى: «ئاياللارغا ئۇلارنىڭ مەھرىلىرىنى خۇشاللىق بىلەن سوۋغا قىلىپ بېرىڭلار. ئەگەر ئۇلار ئۇنىڭدىن بىر قىسمىنى سىلەرگە ئۆتۈنۈپ بەرسە، ئۇنى مەززىلىك، سىڭىشلىق (يەنى پاك ـ ھالال بىلىپ) يەڭلار».[سۈرە نىسا 4 -ئايەت.]
پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇل ئەزىز بىن باز رەھىمەھۇللاھنىڭ "دەۋەت كىتابى" 2 -توم 210 -بەت.