يەكشەنبە 28 جىمادۇسسانى 1446 - 29 دىكابىر 2024
Uygur

بەزى ھەدىيە-سوغاتلار چەكلەنگەن-ھارام پارىخورلۇق قاتارىدىن ھېسابلىنامدۇ؟

سۇئال

مەن ھۆكۈمەت ئورنىدا خىزمەت قىلىمەن، مېنىڭ بىرگە ئىشلەيدىغان خىزمەتدىشىم بار، بىز بىر-بىرىمىزگە توي مۇناسىۋىتى ياكى كۆڭۈل يېقىنلىقى سەۋەبىدىن ھەدىيە-سوغات تەقدىم قىلىشساق توغرا بولامدۇ؟، بىلىشىمىزچە بىزنىڭ ئارىمىزدا ھېچ قانداق مەنپەئەتكە ئالاقىدار ئىش يوق، بىزنىڭ بىرىمىز بۆلۈم باشلىقى يەنە بىرىمىز ئادەتتىكى خىزمەتچى ئەمەس، ھەر ئىككەيلەن ئوخشاش خىزمەتچى ئارىمىزدا ئۇنىڭدىن باشقا ئىش يوق، سوئالدا بايان قىلىنغاندەك، مەن سوغات بىلەن پارىخۇرلۇقنىڭ ئارىسىنى ئايرىيالمايمەن، بەزى ۋاقىتتا شوكولات دېگەندەك نەرسىلەرنى ئېلىپ كېلىپ بۆلۈمىدىكى ھەممە خىزمەتچىلەرگە تەقدىم قىلىمەن، بۇنى بۆلۈم باشلىقىغىمۇ تەقدىم قىلىمەنمۇ ياكى ئۇنىڭغا تەقدىم قىلىشىم توغرا بولمامدۇ؟، سوئالدا بايان قىلىنغاندەك، ئىككى يىلغا يېقىن بولدى ئاپام ۋاپات بولدى، ئاپام دوختۇرخانىدا ۋاقتىدا بىر قېتىم شوكولات ياكى پىرەنىك ئالغاچ كېلىپ ئاپامغا قارايدىغان سېستىرالارغا (ئۇلارنى ئاپامغا ياخشىراق قارامدىكىن دەپ) تارقىتىپ بەردىم، ئۇ ۋاقىتتا بۇنىڭ رىشۋەت بولىدىغانلىقى قىلچىلىكمۇ ئېسىمدە يوق ئېدى، ئەمدى ئۆتكەن ئىشنى ھازىر ئويلاپ باقسام رىشۋەت بولىدىكەن، مەن ئۇ ئىشىمغا قاتتىق پۇشايمان قىلدىم، مەن لەنەتكە ئۇچرايدىغانلاردىن بولۇشنى خالىمايمەن، مەن بۇ خاتالىقتىن قول ئۈزدۈم ۋە پۇشايمان قىلدىم، مەن بۇ قىلمىشىم ئۈچۈن رەببىمگە تەۋبە قىلىشىم ئۈچۈن نېمە قىلىشىم كېرەك؟، ئۆتكەن ئىككى يىللىق ناماز، روزىلىرىمغىمۇ پارىخۇرلۇقنىڭ تەسىرى بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ياخشىلىقتا ئۇلارغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمىتى، سالامى ۋە بەرىكىتى بولسۇن.

بىرىنچى: ھەدىيە-سوغات دېگەن كىشىلەرنىڭ دىللىرىنى بىر-بىرىگە باغلايدىغان، ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىرىنى قويۇقلاشتۇرىدىغان ئىسلامى قىرىنداشلىقنى بىر-بىرىگە باغلايدىغان ياخشى بىر ئىشتۇر.

پارىخورلۇق بولسا زۇلۇمغا، باشقىلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىشقا، ئىنسانىي ئەخلاققا زىت ئىشلارغا ئىلىپ بارىدىغان چەكلەنگەن-ھارام ئىشلاردىندۇر.

سوغات بىلەن پارىخۇرلۇقنىڭ ئارىسىدىكى پەرق ئېنىق، ھەدىيە-سوغات دېگەن كىشىلەرنى بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈشكە تۈرتكە بولىدىغان ئامىلدۇر. پارىخورلۇق بولسا كىشىلەرنى بىر-بىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىشقا ياكى باشقىلارنىڭ ھەققىنى چۈشۈرۈۋېتىشكە ئېلىپ بارىدۇ، ئەمما ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە بېرىدىغان ھەدىيەلەر، ئەگەر ئۇ كىشىنىڭ ھوقۇقى بولغانلىقى ياكى باشقا پايدىلىق سەۋەبلىرى بولغانلىقى ئۈچۈن بېرىلسە، بۇ ھارام بولىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇنىڭدىن چەكلىگەن، چۈنكى بۇ شەكىلدە قىلىنغان ھەدىيە مۇدىرغا ياكى سوتچىغا مايىل بولۇشقا ئىلىپ بارىدۇ، شۇنىڭ ھەدىيە بەرگۈچىلەرگە ئۇلارنىڭ ھەققى بولمىغان نەرسىلەرنى بېرىۋېتىدىغان ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ.
شۇنىڭغا ئاساسەن: بىر بۆلۈمدە خىزمەت قىلىدىغان خىزمەتدىشىڭىزغا بەرگىنىڭىز پارا بولمايدۇ بەلكى ئۇ سوغات-ھەدىيە بولىدۇ، چۈنكى ئۇ خىزمەتداشلار ئارىسىدىكى مۇھەببەت، سەمىيمىلىكنىڭ بەلگىسىدۇر، بۇنىڭدىن ھەدىيە ئارقىلىق مەنپەئەتلىنىش شەكىللەنمەيدۇ.

ئەمما بۆلۈم باشلىقى ياكى مۇدىرغا بېرىلگەن نەرسە بولسا سوغات بولماستىن بەلكى ئۇ رىشۋەت ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى مۇدىر دېگەننىڭ خىزمەتچىلەرنى باشقۇرۇش ھوقۇقى بولىدۇ، بەلكىم بۇ ھەدىيەلەر مۇدىرنىڭ بەزى قارارلىرىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن، بۇ مەسىلە مۇھىم بولغانلىقى ئۈچۈن 139393- نومۇرلۇق پەتىۋانىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

لېكىن شوكولات تارقىتىش قاتارلىقلار ئىنسانلار ئادەتتە ئۆزئارا قىلىدىغان ئىشلار بولۇپ رىشۋەت ھېسابلانمايدۇ، بولۇپمۇ، مۇدىرغا ئايرىم بىر نەرسىلەرنى تارقاتماستىن، بىر بۆلۈمدە خىزمەت قىلىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىگە ئوخشاش تارقىتىلسا ھەرگىز ئۇ دائىرىگە كىرمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەتچىلەرنىڭ ھەممىسىگە تەڭ تارقىتىپ مۇدىرنى ئايرىپ قويۇش بۇ ئىنسانىي ئادەت ۋە ئەخلاق ھېسابلانمايدۇ.

ئىككىنچى: دوختۇرغا ياكى سېستىراغا بىمار ياكى ئۇنىڭ تەۋەلىكىدىن ھەدىيە-سوۋغاتلارنى بېرىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بۇنداق قىلىش، ئۇلارنى بۇ بىمارغا باشقا بىمارلارغا كۆڭۈل بۆلگەندىنمۇ بەكرەك كۆڭۈل بۆلۈشكە ئېلىپ بارىدۇ، ھەتتا بەزى ۋاقىتتا سېسترا، دوختۇرلار ھەدىيە-سوغات بەرمىسە جىددىيلىك ۋە سەمىمىيەت بىلەن خىزمەت قىلمايدىغان بولۇپ قالىدۇ.

لېكىن ئادەتتە كىشىلەر ئارىسىدا بولۇۋاتقان تاتلىق- تۇرۇم  تەقدىم قىلىش دېگەندەك ئاددى ئىشلاردىن ئەپۇ قىلىنىدۇ.

شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھدىن: ” دوختۇرغا كېسەلنى داۋالاپ بولغاندىن كېيىن ھەدىيە بېرىش شەرىئەتتە دۇرۇسمۇ ياكى ھاراممۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: “ھۆكۈمەت دوختۇرخانىسىدىكى دوختۇر بولسۇن ياكى خەلق دوختۇرخانىسىدىكى دوختۇر بولسۇن بىمارنى داۋالىتىش جەريانىدا بىر نەرسە بەرمەسلىك كېرەك، ئەگەر بىر نەرسە ۋەدە قىلماستىن داۋالاش ئاخىرلىشىپ چىقىپ كېتىدىغان ۋاقىتتا بىر نەرسە ھەدىيە قىلسا بولىدۇ، لېكىن ئۇنىڭدىن كېيىن بولسىمۇ ھەدىيە قىلماسلىق ياخشى بولىدۇ، چۈنكى دوختۇرنى ھەدىيە بىلەن كۆندۈرۈپ قويسا، ھەممە بىمارلارغا ئوخشاش قارىماسلىقى، ھەدىيە بەرگەنگە بىر خىل ۋە بەرمىگەنگە بىر خىل قارىشى مۇمكىن، شۇنىڭ ئۈچۈن داۋالاش ئاخىرلاشقاندىن كېيىنمۇ بىر نەرسە بەرمەسلىك ياخشى بولىدۇ. بەلكى ئاللاھدىن مۇۋەپپەقىيەت، نەتىجە قازىنىشىنى تىلەپ دۇئا قىلىپ قويۇش ياخشى بولىدۇ. يەنى ئاللاھ رازى بولسۇن، ئاللاھ ياخشى مۇكاپات بەرسۇن دېگەندەك گۈزەل سۆزلەرنى قىلسا بولىدۇ”. [“نۇرۇن ئەلەددەربى پەتىۋاسى” 19- بۆلۈم 380-381-بەتلەر].

ئىلگىرى بۇ تور بەتتە كىشىلەرنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە خىزمەت سەۋەبىدىن ھەدىيە-سوغات بېرىشىنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى پەتىۋا بايان قىلىندى. بۇ ھەقتە 83590- نومۇرلۇق پەتىۋانىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

مۇسۇلمان كىشى بىر ئىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى بىلمەي تۇرۇپ قىلغان بولسا، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى ئەپۇ قىلىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‏وَلَيْسَ عَلَيْكُمْ جُنَاحٌ فِيمَا أَخْطَأْتُمْ بِهِ وَلَكِنْ مَا تَعَمَّدَتْ قُلُوبُكُمْ وَكَانَ اللَّهُ غَفُوراً رَحِيماً  تەرجىمىسى: «سىلەر سەۋەنلىكتىن قىلىپ سالغان ئىشلاردا سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، لېكىن قەستەن قىلغان ئىشىڭلاردا (سىلەرگە گۇناھ بولىدۇ)، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇ» [سۈرە ئەھزاب 5-ئايەت].

ھۆكۈمنى بىلمىگۈچى قەستەن گۇناھ قىلمايدۇ، بۇ ئىش سىزنىڭ ئىلگىرىكى ناماز ۋە روزا دېگەندەك ئىبادەتلىرىڭىزگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئىسلامنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدە جازانە يېگەنلەرنىڭ ئەھۋالىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: فَمَنْ جَاءَهُ مَوْعِظَةٌ مِنْ رَبِّهِ فَانْتَهَى فَلَهُ مَا سَلَفَ وَأَمْرُهُ إِلَى اللَّهِ وَمَنْ عَادَ فَأُولَئِكَ أَصْحَابُ النَّارِ هُمْ فِيهَا خَالِدُونَ  تەرجىمىسى: «كېيىن (يەنى جازانە مەنئى قىلىنغاندىن كېيىن ئۇنىڭدىن) يانسا، بۇرۇن ئالغىنى ئۆزىنىڭ بولىدۇ، ئۇنىڭ ئىشى ئاللاھقا تاپشۇرۇلىدۇ. قايتا جازانە قىلغانلار ئەھلى دوزاخ بولۇپ، دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ» [سۈرە بەقەرە 275-ئايەت].

ئى ئاللاھنىڭ بەندىسى! شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، سىز بايان قىلغان ئىشنىڭ سىزنىڭ، ناماز، زاكات، روزا قاتارلىق تائەت-ئىبادەتلىرىڭىز بىلەن ھېچ ئالاقىسى يوق، ئۇ ئىشلار توغرا شەكىلدە يۈز بەرسۇن ياكى چەكلەنگەن شەكىلدە يۈز بەرسۇن بۇنىڭ ھېچ پەرقى يوق، سىزنىڭ قىلغان ئىشلىرىڭىز خاتالىقتىن بولسىمۇ سىزنىڭ ئەمەللىرىڭىزنى بۇزمايدۇ، ئەگەر سىز ئۇ ئىشلارنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلمەسلىكتىن قىلغان بولسىڭىزمۇ شۇنداق بولىدۇ، ئەگەر ئۇ ئىش ھەقىقەتتە خاتا بولماي توغرا بولسىچۇ؟.

ھازىر بىزنىڭ سىزگە قىلىدىغان مۇھىم نەسىھىتىمىز: بۇ تۈردىكى ۋەسۋەسىدىن پۈتۈنلەي يۈز ئۆرۈڭ، بۇنىڭدىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھلىق تىلەڭ، ئۇنىڭغا قارىماڭ ھەتتا ئۇنى كۆڭلىڭىزگىمۇ كەلتۈرمەڭ، ئەگەر ئۇ ئىش نەپسىڭىزدە ئورۇنلىشىپ قالسا، ئۇ سىزنىڭ دىنى ۋە دۇنيالىق ئىشلىرىڭىزنى بۇزىۋېتىدۇ.

بىزنىڭ بۇ تور بەتتە ۋەسۋەسە  ۋە ئۇنى داۋالاش توغرىسىدىكى نۇرغۇن جاۋابلار بار، شۇنىڭغا مۇراجىئەت قىلىپ، پايدىلىنىڭ، يەنە سىزنى ئىشەنچىلىك دوختۇرغا كۆرۈنۈپ بېقىشقا تەۋسىيە قىلىمىز، بۇنداق بولغاندا تىبابەتتىكى ماددى داۋالاش بىلەن ئىمان، ئەخلاق، مەرىپەتنىڭ ئارىسىنى جۇغلاپ داۋالاش بولىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن سىزنىڭ شىپا تېپىشىڭىز تىزلىشىدۇ، ۋەسۋەسىنىڭ قىيىنچىلىقىدىن نېرۋىلىرىڭىز راھەتلىنىدۇ.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى