جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

ئىلىكتۇرۇنلۇق تور ئويۇنلىرى بولۇپ، بىرى ئۆلسە يەنە بىرىدىكى ھاياتلىق بىلەن قايتىدۇ بۇنداق ئويۇنلارنى ئويناش ھۆكمى توغرىسىدا

237205

تارقاتقان ۋاقىت : 30-06-2020

كۆرگۈچىلەر : 1725

سۇئال

ئىلىكتۇرۇنلۇق تور ئويۇنى بولۇپ، بۇنىڭدا ئويۇن ئوينىغۇچى ئۈچۈن بىر قانچە ياكى ئۈچ دېگەندەك روھ بولىدۇ، بىرنى يوق قىلسا قايتىدىن يەنە بىرى بىلەن ئوينايدۇ، بۇنداق ئويۇننى ئويناش توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

     ئىسلام دىنى ئىنساننىڭ ئۆزىنى راھەتلەندۈرۈشىنى، توغرا بولغان ۋاستىلار بىلەن كۆڭۈل خوشلىقى ھاسىل قىلىشنى چەكلىمەيدۇ. ئەسلىدە ئىلىكتۇرۇنلۇق تور ئويۇنلىرى ئىنساننى ناماز، ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش قاتارلىق شەرئى ئەمەللەردىن چەكلەپ قويمىسا، شەرىئەتتە چەكلەنگەن ھارام ئىشلارنى ئۆز ئېچىگە ئالمىسا بۇنى ئوينىسا توغرا بولىدۇ، ئەمما بۇنىڭ قاتارىدىن ئەك بەك چەكلىنىدىغان ئويۇنلار مۇنۇلاردىن ئىبارەت:

   1-زېمىندىكى ياخشىلار بىلەن ئاسماندىكى ئەسكىلەر ئارىسىدىكى ئۇرۇشنى شەكىللەندۈرىدىغان ئويۇنلار، بۇ ئويۇنلار ئاللاھ تائالاغا يالغاننى توقۇيدىغان، ھەقىقى ئۇلۇغلايدىغان، ئېسىل پەرىشتىلەرنى ھاقارەت قىلىدىغان پىكىر-قاراشلارنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ.

   2-كاپىرلارنىڭ بەلگىلىرى بولغان كېرست بەلگىسى قاتارلىق نەرسىلەرنى ئۇلۇغلايدىغان، ئۇنىڭ يېنىدىن ئۆتسە كۈچ-قۇۋۋەت، ساغلاملىق ھاسىل بولىدىغان شۇنىڭدەك خىرىستىئان دىنىدا تۇغۇلغان كۈننى ئۇلۇغلاش تەقلىدىدە ياسالغان كارتلار بولغان ئويۇنلار.

   3-سېھرىگەرلەرنى ئېتىراپ قىلىدىغان ۋە ئۇلارنى ئۇلۇغلايدىغان ئويۇنلاردىن ئىبارەت. ئۇنىڭدىن باشقا بىز ئىلگىرى 2898-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلغان چەكلەنگەن ئويۇنلارنىڭ ھەممىسىنى ئويناش ھارام بولىدۇ.

    سوئالدا بايان قىلىنغان شەكىلدىكى ئويۇنلارنى ئوينىغۇچىنىڭ ئويۇننىڭ قائىدىسى بويىچە، ئويۇندا ئۈچ روھى بولىدىغان، ياكى بىر قەلبىدىن ئۆتسە ئۇنىڭغا ھاياتلىق بېرىدىغان شۇنىڭ بىلەن ئويۇننى داۋاملاشتۇرىدىغان بولسا بۇنىڭدا گۇناھ بولمايدۇ، بۇمۇ كۆڭۈل ئېچىش ئويۇنلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى بۇ ھەقىقى ئىش ئەمەس شۇنىڭدەك ئويۇن ئوينىغۇچىلارمۇ بۇنى توغرا دەپ قارىمايدۇ، بۇ پەقەت ئويۇنغا قاتناشقانلاردىن يەنە بىرىگە پۇرسەت يارىتىپ بېرىش بولىدۇ، لېكىن ئويۇننىڭ ئەمەلى ۋاقىئەلىككە ئوخشاپ قالغانلىقى ئۈچۈن بۇنى ئۇلار ئىككىنچى ھاياتلىق بىلەن ئىككىنچى قېتىم ئۇرۇنۇش دەپ ئاتايدۇ.

    ئەسلىدە ئويۇن ئىشلىرىغا شەرىئەتتە كەڭ يول تۇتۇلغان بولۇپ، شەرىئەت قىزلارنىڭ قورچاق قاتارلىق جىسىمنى ئىپادىلەيدىغان ئويۇنلارنى ئوينىشىنى دۇرۇس دېگەن، گەرچە بۇ نەرسىلەر ئەمەلىيەتكە زىت بولسىمۇ خۇددى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قاناتلىق ئات ياساپ ئوينىغىنىدەك.

    ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تەبۇك ئۇرىشى ياكى خەيبەر ئۇرىشىدىن قايتىپ كەلگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھوجىرىسىغا مىلەڭزە تارتىلغان بولۇپ، شامال مىلەڭزىنى ئۇچۇرۇپ ھوجىرنىڭ بىر تەرىپىدە تۇرغان ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھانىڭ قورچاقلىرىنى ئاشكارا قىلدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئى ئائىشە بۇ نېمە؟ دەپ سورىغاندا، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: ئۇ مېنىڭ قورچاقلىرىم دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ نەرسىلەرنىڭ ئوتتۇرسىدىكى قاناتلىق بىر ئاتنى كۆرۈپ: ئۇلارنىڭ ئوتتۇرسىدىكى نېمە؟ دەپ سورىغان ئىدى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: ئات دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئاتنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى نېمە؟دەپ سورىغان ئىدى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: قانات دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: قانىتى بار ئاتمۇ! دېگەن ئىدى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: سىلە سۇلايمان ئەلەيھىسسالامنىڭ قاناتلىق ئېتى بارلىقىنى ئاڭلىمىغانمۇ؟دېدى، بۇ سۆزنى ئاڭلاپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئوتتۇر چېشلىرى كۆرۈنگۈدەك ھالەتتە كۈلۈپ كەتتى». [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى4932-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسنى سەھىھ دەپ "ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا" كەلتۈرگەن].

    شۇنداقتىمۇ بۇ ئويۇنلارنى ئوينىغاندا، خىرىستىئارنلار ۋە بۇت پەرەسلەرنىڭ دىنى شۇئارى بولغان كېرست ۋە بۇزانىڭ شەكلىنى ئۆز ئېچىگە ئالغان ئويۇن بولۇپ قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 103237-نومۇرلۇق سوئالنىڭ نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

ئۇنىڭغا ئالاقىدار تىمىلار