يەكشەنبە 19 شەۋۋال 1445 - 28 ئاپرىل 2024
Uygur

داۋالىنىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

   بىر كىشى ساقايمايدىغان كېسەللىكنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا بولسا، ئىلاج پايدا قىلمىسا، ئازراق ئۈمىت بىلەن بولسىمۇ ئىلاجنى قوبۇل قىلامدۇ؟. ئىلاج ئۇ كىشىگە ئەكىس تەسىر بېرىدىغان بولۇپ، كېسەللىكى ئېغىر تۇرۇپ داۋالىنىشقا ئۇنىمىسا قانداق بولىدۇ؟. ئومۇمى تەرەپتىن مۇسۇلمانغا داۋالىنىش ۋاجىپ بولامدۇ ياكى يۇقىرىقىدەك ئەھۋال ئاستىدا ئۇ كىشى ئۈچۈن ئىختىيارلىق بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن. ئومۇمى تەرەپتىن داۋالىنىش يوللۇق، بۇ توغرىدا ئەبۇ دەردا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن ئاللاھ بىر كېسەللىكنى پەيدا قىلسا، ئۇنىڭ ئىلاجىنىمۇ بىرگە چۈشۈرىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن داۋالىنىڭلار، ھارام بىلەن داۋالانماڭلار». [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 3376-ھەدىس].

    ئۇسامە بىن شەرىكنىڭ ھەدىسىدە مۇنداق دەيدۇ: بىر سەھرالىق كىشى: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! داۋالىنىمىزمۇ؟ دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «داۋالىنىڭلار، ھەقىقەتەن ئاللاھ بىر كېسەللىكنى پەيدا قىلسا، ئۇنىڭ ئىلاجىنىمۇ بىرگە چۈشۈرىدۇ، پەقەت بىر كېسەلنىڭ داۋاسى يوق،» دېگەندە، ساھابىلاردىن: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئۇ قايسى كېسەل؟ دەپ سورىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ياشانغانلىق» دېدى. [تىرمىزى رىۋايىتى 4-توم 383-بەت، 1961-ھەدىس. بۇ ھەدىس ھەسەن، سەھىھ دېدى. بۇ ھەدىس "سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى ناملىق ئەسەردە 2930-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرۈلگەن].

    ھەنەپى ۋە مالىكى قاتارلىق كۆپچىلىك ئۆلىمالار داۋالىنىشنى دۇرۇس دەپ قارىدى، شاپىئى ئالىملىرى، قازى ئەبۇ يەئلە، ئىبنى ئەقىيل، ھەنبەلى مەزھىبىدىن ئىبنى جەۋزى قاتارلىق ئالىملار داۋالىنىش مۇستەھەپ  دەپ قارىدى، بۇنىڭ دەلىلى «ھەقىقەتەن ئاللاھ بىر كېسەللىكنى پەيدا قىلسا، ئۇنىڭ ئىلاجىنىمۇ بىرگە چۈشۈرىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن داۋالىنىڭلار، ھارام بىلەن داۋالانماڭلار» دېگەن ھەدىسىدۇر. بۇنىڭدىن باشقىمۇ داۋالىنىشقا بۇيرىغان ھەدىسلەر بار.

     ئۇلار مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھىجامەت قىلدۇرغانلىقى ۋە داۋالانغانلىقى داۋالىنىشنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ»، شاپىئى ئالىملىرىنىڭ مۇستەھەپ دېگەن سۆزىنىڭ ئورنى بولسا، كەسكىن ئىپادە بىلدۈرمەسلىكتۇر، ئەگەر كەسكىن ئىپادە بىلدۈرسە، جاراھەتنى تاڭغانغا ئوخشاش، ئۇ ۋاقىتتا داۋالىنىش ۋاجىپ بولىدۇ. (بۇ ھازىرقى دەۋرىدىكى بەزى ھالەتلەردە قان يۆتكىگەنگە ئوخشايدۇ). ئىبنى ئابىدىننىڭ: "ھاشىيە" 5-توم 215-بەت، ھىدايە، پەتھۇل قەدىرنىڭ تولۇقلىمىسى 8-توم 134-بەت، پەۋاكىھۇن دەۋانى 2-توم 359-بەت، رەۋزاتۇت تالىبىين 2-توم 96-بەت، كەششاپۇل قىنا 2-توم 76-بەت، ئىنساپ 2-توم 463-بەت، ئەدابۇش شەرىيئە 2-توم 359-بەت، ھاشىيەتۇل جەمەل 2-توم 134-بەت.

    ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «داۋالىنىشقا بۇيرۇلغان ھەدىسلەر سەھىھ ھەدىس، بۇ تەۋەككۇلغا زىت كەلمەيدۇ، شۇنداقلا ئاچلىق، ئۇسسۇزلۇق، ئېسسىق ۋە سوغۇق قاتارلىق نەرسىلەرنى ئۆزىنىڭ ئەكسى بىلەن يوق قىلىش زىت بولمىغاندەك، بەلكى تەۋھىدنىڭ ھەقىقىتى پەقەت ئاللاھ بېكىتىپ بەرگەن سەۋەبنى شەرىئەتتە ۋە تەقدىردە يولغا قويۇلغان تەقەززاسى بويۇنچە بىۋاستە تۇتۇشتۇر، ئەگەر بۇنى يوق قىلىۋېتىش تەۋەككۇلنى تەنقىت قىلىشتۇر. شۇنداقلا بۇ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى ۋە ھېكمىتىنىمۇ تەنقىت قىلىشتۇر. سەۋەبنى يوق قىلىۋېتىش گۇمان جەھەتتىن سەۋەبنى قۇيۇش تەۋەككۇلدىن كۈچلۈك بولىدۇ دېگەن قاراشنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ، ئەگەر سەۋەبنى ئاجىزلىقتىن تەرك قىلسا بۇ ئىنسان دىن ۋە دۇنيالىق ئىشىدا ئۆزىگە پايدىلىق بولغان نەرسىگە ئېرىشىشتە ۋە دىن ۋە دۇنيالىقتا ئۆزىگە زىيانلىق بولغان نەرسىنى يوق قىلشتا دىلنىڭ ئاللاھقا تايىنىشنىڭ ھەقىقىتى بولىدۇ، ئەگەر ئۇنداق قىلمىسا ئۇ كىشى شەرىئەتنى ۋە ھېكمەتنى بىكار قىلغان بولىدۇ. ئىنسان ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى تەۋەككۇل ۋە تەۋەككۇلنى ئاجىزلىق قىلماسلىقى كېرەك» [زادىل مىئاد 4-توم 15-بەت. پىقھى توپلاملىرى 11-توم 116-بەت].

    يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان سوئالنىڭ جاۋابىنىڭ خۇلاسىسىدە، ئالىملارنىڭ قارىشىدا داۋالىنىش ۋاجىپ ئەمەس، لېكىن داۋالىنىش بىلەن كەسكىن بىر پايدا بولغاندا ۋاجىپ بولىدۇ، سوئالدا زىكىر قىلىنغان ھالەتتە داۋالىنىش بولسا، كەسكىن بىر پايدىنى بېكىتمەيدۇ، كېسەل ئىلاجىدىن ئەزىيەتكە ئۇچرايدۇ، ئۇ كىشىنىڭ داۋالىنىشنى تەرك قىلىشىدا گۇناھ بولمايدۇ، كېسەل ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىش، ئاللاھقا يالۋۇرۇشنى ئۇنۇتماسلىقى كېرەك، ئاسماننىڭ ئىشىكلىرى دۇئا ئۈچۈن ئوچۇقتۇر، ئۇ كىشى قۇرئان كەرىم بىلەن رۇقىيە ئوقۇشى لازىم، ئۆزىگە پاتىھە سۈرىسى، پەلەق، ناس سۇرىلىرىنى ئوقۇپ سۈپلىشى كېرەك. تىلاۋەتتە ئەجىر-ساۋاپ بولۇش بىلەن بىرگە ئۇ كىشىگە جىسمانى ۋە روھى تەرەپتىن مەنپەئەت بار، بىر ئاللاھدىن باشقا شىپالىق ئاتا قىلغۇچى يوقتۇر.

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد