چارشەنبە 11 مۇھەررەم 1446 - 17 ئىيۇل 2024
Uygur

ئىلان تور بەتلىرىدىن بوشلۇق سېتىۋېلىپ پايدا ئىلىش توغرىسىدا

سۇئال

   ئىلان توربەتلىرىدىن ئورۇن سېتىۋېلىپ پايدا ئېلىش توغرىسىدا ھارامغا چۈشۈپ قالماسلىق ۋە جازانە ئىشلىرىغا كېرىپ قالماسلىق ئۈچۈن ئېنىق مەلۇماتقا ئېرىشىشنى مەقسەت قىلىمەن، بۇنىڭ تەپسىلاتى مۇنداق: بۇ يەردە ئېلاننى بېسىپ پايدا ئالىدىغان تور بېكىتى بار، مەن بىر دوللارغا ئىلان ئورنى سېتىۋالىمەن، بۇنىڭ بەدىلىگە مېنىڭ تور بېتىمگە يەتمىش زىيارەتچى كېرىدۇ، شىركەت ماڭا سېتىۋالغان ئورۇن ئۈچۈن 3200 گە قەدەرنۇقتا بېرىدۇ، مەن بىر دوللار مەبلەغ سالسام پايدىدىن 159% پايدا ماڭا قايتىدۇ، ئاندىن شىركەت ئىېلانلىرىنى ھەر بىر ئەزانىڭ ئالغان نۇقتسىغا كۆرە تارقىتىپ بېرىدۇ، ماڭا يەتكەن ھەر بىر ئېلانغا نومۇر كېلىدۇ، مەسىلەن: ئېلاننىڭ ئورنى بىر دوللار بولسا 2000 نومۇر بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن مېنىڭ كارتىمدا 1200 نۇقتا بولىدۇ، بىر دوللار بىلەن باشقا بىر ئىلان ئورنى سېتىۋالغىلى ياكى پۇلنى تارتىۋالغىلى بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ھەر بىر ئەزا ئۆزىنىڭ تور بېكىتىنى زىيارەت قىلىشقا لايىق بولىدۇ ۋە باشقا ئەزالارنىڭ تور بېكىتىنىمۇ زىيارەت قىلالايدۇ، بۇ ھەرگىزمۇ ناچار ئىلان ئەمەس بەلكى پايدا ئالىدىغان ئىلاندۇر، قويۇلغان ئىلان يىگىرمە تۆت سائەت داۋام قىلىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭ ئۈستىنى بېسىپ قويمىسا ئىلان باشقا بىر ئەزانىڭ بېكىتىگە كېتىدۇ، دوستلىرىمنى ئورتاقلىشىشقا چاقىرىشىم مۇمكىن بولدۇ، ئەزالارنىڭ ئىېلانلىرىنى بېسىشى بىلەنمۇ نىسبەت ھاسىل بولىدۇ، ئالغان پايدىنى قايسى ۋاقىتتا ئىلىشىنى خالىسام شۇ ۋاقىتتا ئالالايمەن، تور بەتنىڭ پايدىسى تۇنىستىكى ماشىنا ئېكسپورت قىلىش شىركىتىدىن بولىدۇ. مىنىڭ سوئالىم:

  1-مۇشۇ تور بەتلەرگە ئىشتىراك بولۇپ ئۇنىڭغا مەبلەغ سىلىش دۇرۇس بولامدۇ؟.

   2-ئەگەر بۇ جازانە بولسا بۇنىڭغا مەبلەغ سالماستىن خىزمەت قىلسا بولامدۇ؟، چۈنكى تور بەت سىزگە مەبلەغ سالمىسىڭىزمۇ كۈندىلىك مەشغۇلىيەت ئىلىپ بېرىشىڭىزغا رۇخسەت قىلىدۇ.

   3-ئەگەر مەبلەغ سالماي خىزمەت قىلىش دۇرۇس بولسا، تور بەتكە يېڭىدىن ئەزا جەلپ قىلىش توغرا بولامدۇ؟، چۈنكى ئالىدىغان پايدا ئەزالارنىڭ نىسبىتىگە كۆرە بولىدۇ، ئەمما ئەزا بولغانلارنىڭ مەبلەغ سالىدىغان ياكى سالمايدىغانلىقىنى بىلمەيمەن.

   4-مەن شىركەتتىن ئالغان پايدىلىرىمنى قايتىدىن يەنە شىركەتكە مەبلەغ سالسام بولامدۇ؟، بىلىشىمچە مەن دەسلەپتە تور بەتكە كېرىدىغان ۋاقتىمدا خاس مېلىمدىن بىر دوللارمۇ مەبلەغ سالمىدىم؟.

   5-ئەگەر مېنىڭ قىلغان ئىشىمنىڭ ھەممىسى جازانە بولسا، مەن ھېسابىمنى باشقا بىرىگە سېتىۋەتسەم توغرا بولامدۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

  بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   بىرىنچى: بۇ تور بېكەتكە ئىشتىراك بولۇش پۇلسىز بولىشى كېرەك، ئەگەر پۇللۇق بولۇپ قالسا ئۇنىڭ قىمار ياكى جازانە بولۇپ قىلىش ئېھتىماللىقى بولغانلىقى ئۈچۈن ھارام بولىدۇ، چۈنكى ئۇ مالنى مالغا كېچىكتۈرۈپ ياكى كام-زىيادە قىلىپ ئالماشتۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر.

   ئىككىنچى: قويۇلىدىغان ئېلانلار دۇرۇس بولۇش كېرەك.

  ئۈچىنچى: ئىشتىراك بولغۇچى زىيارەتچىلەرنى كۆپ ئىكەن دەپ خىيال قىلدۇرۇش ئۈچۈن مەشھۇر تور بېكەتنى ئىجارىگە ئېلىش ياكى سېستىمنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئېلاننى بېسىپ قويۇش يوللىرى بىلەن ھىيلە قىلماسلىقى كېرەك.

   تۆتىنچى: ئۇنىڭغا بېرىدىغان مال مەلۇملۇق بولىشى كېرەك مەسىلەن بىر قېتىم بېسىش مۇنچە پۇل دېگەندەك.

   سىزنىڭ سوئالىڭىزدىن: بۇ توربەتكە ئىشتىراك بولۇشنىڭ بىكارلىق ئەمەس ئىكەنلىكى، بەلكى دوللار ئۆتەيدىغانلىقى ئېنىق بولدى. بۇنىڭغا كۆرە بۇ توربەتكە ئىشتىراك بولۇش ھارام بولىدۇ.

    سىزنىڭ تور بېكىتىڭىزگە ئېلان چىقىرىپ دوللارنى پايدا ئالغانلىقىڭىز، ئۇنىڭ ھالال بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ، بۇ تور بەت بىلەن بولغان ھەقىقى كېلىشىم دېگەن: سىز پۇل تۆلەپ تور بېكىتىڭىز ئارقىلىق ئۇ ئېلاندىن پايدىلىنىسىز، شۇنىڭ بىلەن ئىېلانلىرىنى بېسىپ ئۇنىڭدىن پايدا ئىلىش، باشقىلارنى دەۋەت قىلىش، ئۇلارنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن پايدا ئىلىش مۇمكىن بولىدۇ، بۇ كېلىشىم ھارامدۇر، ئۇنىڭدا قىمار ۋە جازانە تېپىلىدۇ.

    ئەمما قىمار دېگەن: سىز ئىېلانلىرىنى ھەر قېتىم باسقاندا كۆپرەك نەتىجىگە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىپ پۇل تۆلەيسىز، بۇ بەزى ۋاقىتتا ھاسىل بولمايدۇ، ئۇنىڭ ھاسىل بولىشى بېكىتىلمىگەن، بىر نەرسىگە ئېرىشىش ئېھتىماللىق بىلەن بولىدۇ، بۇ قىمارنىڭ ئۆزىدۇر.

    جازانىنىڭ يولى بولسا: مالنىڭ مۇقابىلىدە زىيادە قىلىپ ياكى ۋاقىتتىن كېچىكتۈرۈپ مال بېرىشتۇر.

سىزنىڭ تور بەتتىن ئېلان بېرىشتىكى مەقسىتىڭىز، پۇل بېرىش بىلەنلا بولسا، ئۇنىڭدا توختىسىڭىز، ئىېلانلىرىنى بېسىپ قويغاندىن كىرگەن پايدىنى ئالمىسىڭىز، بۇ مۇمكىن بولمايدۇ، چۈنكى ئېلان بىلەن پايدا بىرگە جۇغلاشمايدۇ. بۇنىڭدا ھارامغا ھىيلە قىلغانلىق ئېنىقتۇر. بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئۈچۈن 198784 -نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    ئىككىنچى: ھېسابىڭىزنى باشقىلارغا سېتىش بولسا، ئۇنىڭدىن تور بېتىڭىزنى سېتىشنى مەقسەت قىلسىڭىز، بۇنىڭدا بىر مەسىلە يوق.

    ئەگەر ئىلان بېتىگە ئىشتىراك بولغان كىشىگە نۇقتىلار ۋە پايدىلار بولغان مۇئەييەن بىر ھېسابنى ساتماقچى بولسىڭىز بۇنى سېتىش دۇرۇس بولمايدۇ. يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك بۇنداق كېلىشىم ھارامدۇر. شۇنىڭدەك بۇنىڭغا باشقىلارنى دەۋەت قىلىشمۇ توغرا بولمايدۇ. ئۇنداق قىلغاندا، گۇناھ - مەسىيەت ۋە دۈشمەنلىككە ياردەم بەرگەنلىك بولىدۇ.

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى