ئاللاھ تائالا ھىدايەت قىلىپ ئىسلام دىنىغا كېرىشكە مۇشەررەپ بولغان كىشى ئۆزىگە مۇناسىپ بولغان ئىسلامى بىر ئىسىمنى تاللاپ، ئۆز نەسەبىنى ئاتىسى ۋە جەمەتىنىڭ نەسەبى بويۇنچە قويسا بولىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يېڭىدىن مۇسۇلمان بولغان ساھابىلارنى ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىشكە بۇيرۇمىغان، پەقەت ھارام ياكى ياقتۇرۇلمايدىغان ئىسىملار بولسا شۇنى ئۆزگەرتىشكە بۇيرىغان، ئەگەر سىزنىڭ ئىسمىڭىز شېرىك ئېتىقادنىڭ يىلتىزى بولغان ئىسىملاردىن بولسا، ئۇ ۋاقىتتا ئىسمىڭىزنى بىلال دېگەندەك مەنىسى ساغلام، ئۆزى توغرا بولغان ئىسىمغا ئۆزگەرتسىڭىز بولىدۇ، ئائىلە نەسىبىڭىز ئۆز ھالىتىدە قالىدۇ، شۇنىڭدەك سىز بۇ ئىشتا يەنە ئاتا-ئانىڭىزنى رازى قىلىشقا تېرىشىڭ. ئاللاھ تائالا ئۇ ئىككەيلەنگىمۇ ھىدايەت ئاتا قىلغاي. ئاللاھ تائالا سىزنى ۋە بىزنى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلسۇن. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
يېڭىدىن مۇسۇلمان بولغان كىشىنىڭ ئىسمىنى قانداق ئۆزگەرتىدىغانلىقى توغرىسىدا
سوئال: 284
مەن تۇغۇلغاندا ئاتام ماڭا ئۆزىنىڭ كۇپۇر ئېتىقادى بويۇنچە ئىسىم قويۇپتىكەن، مەن مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن ئىسمىمنى ئىسلامى ئىسىمغا ئۆزگەرتتىم، بۇ ئىشىم توغرا بوپتىمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
جاۋاپنىڭ تېكىستى
بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
مەنبە:
شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد