ئاياللاردىكى نورمالسىز قان كېلىشنى (ئىستىھازىنى) بېكىتىش، نورمالسىز قان كېلىش بىلەن بۇزۇق قاننىڭ ئارىسىدا پەرق بارمۇ؟ دېگەن مەسىلە توغرىسىدا

سوئال 329200

ئىستىھازە (خۇن كېسىلى) دېگەن نېمە؟ ھەيزدىن پاك بولغاندىن كېيىن دۇغ، سىرغىش نەرسىلەر كەلسە، ئايال ئىستىھازە بولغان بولامدۇ؟، ھەر نامازنىڭ ۋاقتى كەلگەندە ئىستىنجا قىلىپ، ياخشى ساقلىنىپ تاھارەت ئىلىشى ۋاجىپ بولامدۇ؟، يەنە بىر نامازنىڭ ۋاقتى كىرگەندە، تاھارىتى ئۆزلىگىدىن بۇزۇلامدۇ؟، بۇ ئىش ئايالغا بەك تەس كېلىدۇ، بولۇپمۇ سىرتتا بولۇپ قالغاندا بەك قىيىن، مەن ئىلگىرى شۇنداق بولغان، ئىستىنجا قىلاتتىم، دۇغ نەرسىلەر كەلگەندىلا تاھارەت ئالاتتىم، كىيىملىرىمگە يۇققانلىقىنى كۆرسەم يۇيۇۋېتىپ، تاھارەت ئالاتتىم، ھەر نامازنىڭ ۋاقىت كىرگەندە تاھارەت ئالمايتتىم، بۇنىڭ توغرىسى قايسى؟.

ئايال ئىستىھازە(خۇن كېسىلى) بولۇپ قالسا، ئىلگىرىكى ئايلىق ئادىتىدىن پاك بولغاندىن كېيىن يەڭگىل قان تامچىلىرى چۈشكەن بولسا، ئاندىن كېيىن تونۇشلۇق بولغان ھەيز كۆپ كەلسە، كېيىن ئاق خۇن(ئاجرالما) كېلىش بىلەن پاك بولسا، بۇ ئاق ئاجرالمىنىڭ كېلىشى ئۇ ئايالنىڭ ھەيز بىلەن ئىستىھازىدىن تەڭ پاك بولغانلىقىغا كۇپايە قىلامدۇ؟، شۇنىڭ بىلەن ئايال پاكلىقنىڭ ھۆكمىگە قايتامدۇ؟، بىلىشىمىزچە، ئۇ ئايال ھەيزدىن پاك بولۇشتىن ئىلگىرى ئىستىھازىنىڭ ھۆكمىدە بولغانمۇ؟.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

    بىرىنچى:  ئىستىھازە(خۇن كېسىلى) دېگەندىن نېمە مەقسەت قىلىنىدۇ؟.

ئىستىھازە (خۇن كېسىلى) دېگەن:  ئايالدىن ھەيز دەپ ئاتاشقا يارىمايدىغان ، ھەيزدار ھالىتىدىنمۇ زىيادە بولۇپ كېلىدىغان قاندىن ئىبارەتتۇر، كۆپچىلىك ئالىملار ئىستىھازىنى، ھەيزنىڭ ئەڭ كۆپ بولغان مۇددىتى ئون بەش كۈنىدىن زىيادە بولغان، ئەڭ ئاز مۇددىتى بىر كېچە-كۈندۈزدىن ئاز بولغان مۇددەتتە كەلگەن قان دەپ قارىغان.

ئىسلام قانۇنشۇناسلىقى ئېنسىكلوپېدىيىسى 3 -توم 197 -بەتتە مۇنداق كەلگەن: "  ئىستىھازە (نورمالسىز بەچچىدان قاناش) ئەرەبچە: ئايال ئىستىھازە بولىدۇ، ئۇ ئىستىھازە بولىدۇ دېگەن ئىبارەت بولۇپ،  ئىستىھازە قاننىڭ ئايلىق ھەيز تومۇردىن ئەمەس، بەلكى «ئەلئازىل» دەپ ئاتىلىدىغان تومۇردىن ئېقىۋاتقان ۋە توختىمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇنىڭ ئايلىق ئېنىق بەلگىلىمىسى يوق.

ھەنەپى مەزھەپ ئالىملىرى ئىستىھازىنى:  بالىياتقۇدىن ئەمەس بەلكى تومۇردىن پارتلاپ چىققان قان دەپ چۈشەندۈرگەن.

شاپىئى مەزھەپ ئالىملىرى بولسا:  بالىياتقۇنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى تومۇردىن كەلگەن كېسەل قان، ئۇ «ئەلئازىل» دەپمۇ ئاتىلىدۇ دەپ چۈشەندۈرگەن، رەملى مۇنداق دەيدۇ: "ئىستىھازە دېگەن ئايال ھەيز ۋە نىپاستىن باشقا ۋاقىتلاردا كۆرىدىغان قان بولۇپ، ئۇ، مەيلى ھەيز نىپاسقا ئۇلىنىپ كەلسۇن ياكى ئايرىم كەلسۇن ئوخشاش، بۇنى بەزى ئالىملار ھەيز يېشىغا توشمىغان قىزلارنىڭ كۆرىدىغان قېنىغا ئوخشاتقان".

شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇقەيل رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىستىھازە دېگەن، ئايال ھەيز ۋە نىپاس بولۇشقا يارىمايدىغان قاننى كۆرسە ئىستىھازە بولىدۇ، خۇددى قاننىڭ كېلىش مۇددىتى ھەيزنىڭ ئەڭ كۆپ مۇددىتىدىن ئېشىپ كەتكەن ياكى ھەيزنىڭ ئەڭ ئاز مۇددىتىگە يەتمىگەندەك ۋە توققۇز ياشقا كېرىشتىن بۇرۇن كەلگەن قانغا ئوخشاش شۇنداقلا ئايال ھامىلدار ۋاقتىدا كۆرگەن قانلاردىن ئىبارەت، ئەمما تۇغۇتتىن ئىككى ئۈچ كۈن بۇرۇن تولغاق بىلەن كەلگەن قان نىپاسنىڭ قېنى ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن ئىددەت ۋاقتى كېمىيىپ كەتمەيدۇ.  مۇشۇ ئىشلار ۋە ئۇنىڭ مەنىسىدىكى ئىشلار ئىستىھازە بولىدۇ، بۇزۇق قاننىڭ دائىرىسى بۇنىڭدىنمۇ كەڭرى بولىدۇ" .  [شەيخنىڭ پەتىۋالىرى 1 -توم 88 -بەت].

    ئىككىنچى:  ھەيزدىن پاك بولغاندىن كېيىن كەلگەن قان ياكى دۇغ ۋە سېرغىش نەرسىلەرگە ئالاقىدار بولغان ھۆكۈملەر.

ھەيزدىن پاك بولغاندىن كېيىن قان ياكى دۇغ ياكى سېرغىش نەرسىلەر كەلگەن بولسا، ئۇنىڭغا قارىلىدۇ:

1-ئەگەر قان دائىم كېلىپ تۇرىدىغان، تاھارەت ئىلىپ ناماز ئوقۇغۇدەك ئارىلىقمۇ بولماي ئۈزۈلمەي كېلىپ تۇرىدىغان بولسا، ئايال ھەر نامازنىڭ ۋاقتى كىرگەندە ئىستىنجا قىلىپ، ياخشى ساقلىنىپ تاھارەت ئالىدۇ، يەنە بىر نامازنىڭ ۋاقتى كىرگۈچە شۇ تاھارەت بىلەن پەرز ۋە خالىغان نەپلە نامازلارنى ئوقۇيدۇ ئەگەر شۇ ئارىلىقتا قان تېمىپ تۇرسىمۇ بۇنىڭ زېيىنى بولمايدۇ. ئەگەر بىر نەرسە كەلسە، يەنە بىر نامازنىڭ ۋاقتى كىرگەندە ئىلگىرىكى تاھارىتى بۇزۇلىدۇ.

"شەرھى مۇنتەھەل ئىرادات"  1 -توم 120 -بەتتە مۇنداق كەلگەن: "خۇن كېسىلىدىن، سۈيدۇك تېمىپ تۇرۇشتىن، مەزىي كېلىپ تۇرۇشتىن، يەل چىقىپ تۇرۇشتىن، قان توختىمايدىغان جاراھەتتىن ياكى توختىماي بۇرنى قاناشتىن تاھارەتسىزلىكى داۋام قىلىدىغان كىشىلەر تەرەتسىزلىك بىلەن بۇلغانماسلىق ۋە يوق قىلىش ئۈچۈن بىر نەرسە چېقىدىغان ئورۇنلارنى يۇيۇپ تۇرۇش ياكى مۇمكىن بولغانچە ئۇنى سىرتقا چىقىشتىن چەكلەيدىغان پاختا ياكى لاتا ياكى يېڭى دەۋرىدىكى مۇناسىپ نەرسىلەر بىلەن تېڭىش ياكى چېگىۋېتىش كېرەك.

شۇنداقلا، ھەر نامازنىڭ ۋاقتى كىرگەندە ئۇ ئورۇننى يۇيۇدۇ، بەك بۇلغانمىغان بولسا، قايتىدىن چېگىش ۋە يۇيۇش كېرەك بولمايدۇ، چۈنكى تاھارەتنى بۇزىدىغان نەرسىلەرنىڭ كۆپ بولغانلىقى ۋە كۈچلۈك بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ساقلىنىش مۇمكىن بولمايدۇ. دائىم تاھارىتى بۇزۇلىدىغان كىشى ئەگەر بىر نەرسە چىقسا، ھەر بىر نامازنىڭ ۋاقتى كىرگەندە يېڭىدىن تاھارەت ئالىدۇ،".

2-كېلىدىغان نەرسە مەلۇم ۋاقىت ئۈزۈلۈپ، تاھارەت ئىلىپ ناماز ئوقۇغۇدەك ۋاقىت ئۆتىدىغان بولسا، پاك ھالىتىدە ناماز ئوقۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۈزۈلىدىغان ۋاقتىنى ساقلايدۇ، ئەگەر ناماز جەريانىدا بىر نەرسە كەلسە، قايتىدىن تاھارەت ئىلىپ نامازنى باشقىدىن ئوقۇيدۇ.

"مەتالىپ ئۇلۇننۇھا" 1 -توم 266 -بەتتە مۇنداق كەلگەن: "دائىم كېلىپ تۇرىدىغان ئۈزۈرلۈك نەرسىلەر تاھارەت ئىلىپ ناماز ئوقۇغۇدەك ئارىلىقتا ئۈزۈلسە، شۇ ۋاقىتتا پەرز ئەمەلنى قىلىۋېلىش كېرەك، چۈنكى بۇ ۋاقىتتا پەرز ئەمەلنى ئۈزۈرسى يوق كىشىدەك ئادا قىلغىلى بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ پەرزنى مۇشۇ ۋاقىتتا ئادا قىلىش مۇئەييەنلىشىدۇ.

ئەمما پەقەت ئۈزۈلمەي داۋام قىلسا، ئەگەر ئۈزۈلسىمۇ تاھارەت ئىلىپ نامازنى ئادا قىلغۇدەك ۋاقىت ئۆتمىسە، ياكى كۈتۈپ تۇرسا ئۇنىڭ ئۈزۈلىدىغان بىر ۋاقتى بولمىسا، بۇنداق ھالەتتە ناماز ۋاقتى كىرگەندە يېڭىدىن تاھارەت ئىلىپ نامازنى ئادا قىلىدۇ، شۇنىڭدەك، ئۆزۈلۈپ  تاھارەت ئىلىپ، ناماز ئادا قىلغۇدەك ۋاقىت ئېچىدىمۇ بۇنىڭدىن خالى بولمايدىغان كىشى جاپا-مۇشەققەتكە چۈشۈپ قالماسلىق ئۈچۈن شۇ ھالىتىدە پەرز ئەمەلنى ئادا قىلىدۇ".

    ئۈچىنچى:  ئايالنىڭ ھەيزدىن پاك بولغاندىن كېيىن ئاق ئاجرالمىلارنى كۆرۈشى.

ئايال ئاق ئاجرالمىنى (ئاق خۇننى) كۆرگەندە ھەيزدىن پاك بولىدۇ، پاك بولغاندىن كېيىن قان ياكى دۇغ ياكى سىرغىش نەرسىلەر كەلسە ۋە داۋاملاشسا، بۇ بۇزۇق قان ياكى ئىستىھازە بولىدۇ،  ئەگەر داۋاملاشمىسا ئىستىھازىنىڭ ھۆكمىدە بولمايدۇ. ئۇ ئايالنىڭ ئىلگىرى خۇن كېسىلى بولغانلىقى ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ، ئاللاھ ئۇ كېسەللىكتىن سالامەت قىلسۇن.

بىز:  بۇزۇق قان ياكى ئىستىھازە دېدۇق، بۇنى بەزى پىقھى ئالىملىرىنىڭ ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىنى ئايرىغانلىقىغا ئاساسەن دېدۇق، ئالىملار ھەيزگە ئۇلىنىپ كەلگەن قاننى ئىستىھازە دېدى، شۇنداق بولغاندا، خۇن كېسىلى بولغان ئايالدىن ئاق خۇن كەلمەيدۇ، بۇ پەقەت ئىسىمدىكى پەرق بولسىمۇ ئەمما ھۆكۈم ئوخشاش.

ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:  ھاۋىينىڭ ئاپتۇرى مۇنداق دېگەن: "ئاياللار تۆت تۈرلۈك بولىدۇ، پاك، ھەيزدار، خۇن كېسىلى ۋە بۇزۇق قان كىلىدىغان قاتارلىقلار.  پاك دېگەن دائىم پاكتۇر، ھەيزدار دېگەن ئۆزىنىڭ ھەيز كۆرىدىغان ۋاقتىدا قاننى كۆرىدۇ، ئىستىھازە دېگەن ھەيزدىن كېيىنلا ھەيزنىڭ سۈپىتىگە ئوخشىمايدىغان رەڭدىكى قاننى كۆرىدۇ، بۇزۇق قان كېلىدىغان ئايال دېگەن، ھەيز قېنى بولمىغان قان بىلەن باشلانغاندۇر.  بۇ ھاۋىينىڭ ئاپتۇرىنىڭ سۆزىدۇر.

ئىمام نەۋەۋىي بۇنىڭدىن ئىلگىرى مۇنداق دەيدۇ:  ئىمام شاپىئى مۇنداق دېگەن: "قىز بالا توققۇز ياشقا كېرىشتىن ئىلگىرى قاننى كۆرسە، بۇ بۇزۇق قان ھېسابلىنىدۇ، بۇ ئىستىھازە دېيىلمەيدۇ، چۈنكى ئىستىھازە دېگەن ھەيزدىن كېيىنلا كېلىدۇ... بۇمۇ ھاۋىينىڭ ئاپتۇرىنىڭ سۆزىدۇر.

سۆزنىڭ خۇلاسىسى:  ئىستىھازە (خۇن كېسىلى) دېگەن بۇ سۆز:  ھەيز قېنى تۈگىگەندىن كېيىنلا كەلگەن ۋە ئۆزى ھەيزگە ئوخشىمايدىغان قاننى كۆرگەن ئايالغا ئىشلىتىلىدۇ.

ئەمما ھەيزدىن پاك بولۇپ مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن كەلگەن قان بولسا بۇزۇق قان بولۇپ، ئىستىھازە دەپ ئاتالمايدۇ، بىر قىسىم ئالىملار بۇنىڭغا مۇۋاپىق كەلگەن.

كۆپچىلىك ئالىملار بۇنىڭ ھەممىسىنى ئىستىھازە دەپ ئاتاپ مۇنداق دەيدۇ: ئىستىھازە دېگەن ئىككى تۈرلۈك بولۇپ، بىرى ھەيز قېنىدىن كېيىنلا كېلىدۇ، بۇ يۇقىرىدا بايان قىلىندى، يەنە بىرى ھەيزگە ئۇلىنىپ كەلمەيدۇ، بۇ توققۇز ياشقا توشمىغان قىزنىڭ كۆرگەن قېنى، بەك ياشىنىپ قالغان موماينىڭ كۆرگەن قېنى، ۋە بىر كېچە-كۈندۈزدىن ئاز ۋاقىت كەلگەن قان قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولۇپ، بۇنىڭ ھۆكمى تاھارەتنى سۇندۇرىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ.

قاننىڭ بۇ ئىككى تۈرىنى: ئەبۇ ئابدۇللاھ زۇبەيرى، قازى ھۈسەين، مۇتەۋەللىي، ئىمام بەغەۋىي، سەرەخسى "ئەل ئەمالىي"دا، "ئۇددە"نىڭ ساھىبى ۋە باشقا ئالىملار ئوچۇق بايان قىلغان، بۇ توغرا بولغان ۋە ئىلگىرى لۇغەت ئالىملىرىدىن ئەزھەرىي ۋە باشقا ئالىملارنىڭ: ئىستىھازە دېگەن ئۆز ۋاقتىنىڭ غەيرىدە كەلگەن قان دېگەن  قارىشىغا مۇۋاپىق قاراشتۇر". [ئەل مەجمۇ 2- توم 346-بەت].

"رەۋزەتۇت تالىبىين" 1- توم 137-بەتتە مۇنداق كەلگەن: "ئىستىھازە دېگەن: ئايال كىشىدىن كەلگەن ھەيز ۋە نىپاستىن باشقا ھەممە قانغا ئىشلىتىلىدۇ، ئۇ قان مەيلى ھەيزگە ئۇلىنىپ ھەيز كۈنلىرىدىنمۇ زىيادە كەلسۇن ياكى ھەيزگە ئۇلانماي ئايرىم كەلسۇن خۇددى توققۇز ياشقا كىرمىگەن قىز بالىدىن قان كەلگەنگە ئوخشاش، بەزى ئالىملار پەقەت ھەيزگە ئۇلىنىپ كەلگەن قاننىلا ئىستىھازە دەپ ئاتىغان، باشقا قانلارنى بولسا بۇزۇق قان دەپ ئاتىغان، ئەمما بۇنىڭ ھەممىسىدە بېرىلىدىغان ھۆكۈم ئوخشاشتۇر".

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەرجەلەر

ھەيز ۋە نىپاس

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

Previous
كېيىنكى
at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android