پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

قۇربانلىق قىلغۇچىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئاۋۋالقى ئون كۈنىدە چاچلىرى ۋە تىرناقلىرىنى ئېلىشى توغرىسىدا

سۇئال

ئەر كىشى قۇربانلىق قىلىدىغان بولسا، ئايال ۋە بالىلىرى ئۈچۈن زۇلھەججە ئىيى كىرگەندە چېچى ۋە تىرناقلىرىنى ئالسا بولامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

ھەئە، ئالسا بولىدۇ، بۇنى بىز ئىلگىرى 36567- سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلدۇق، قۇربانلىق قىلغۇچىغا چېچى، تىرناقلىرى ۋە تېرىسىدىن بىر نەرسە ئېلىشى چەكلىنىدۇ، بۇ ھۆكۈم قۇربانلىقنىڭ ئىگىسى بولغان قۇربانلىق قىلغۇچىغا خاستۇر.

شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: قۇربانلىق قىلغۇچىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە چەكلىمە يوق، ئۆلىمالارنىڭ توغرا قارىشىدا ئۇلار چاچ ۋە تىرناقلىرىنى ئېلىشتىن چەكلەنمەيدۇ، ھۆكۈم پەقەت ئۆز يېنىدىن قۇربانلىق سېتىۋېلىپ، قۇربانلىق قىلىدىغان كىشىگىلا خاس. [ئىسلام پەتىۋالىرى: 2-توم، 316-بەت].

دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى: 11-توم، 397-بەتتە مۇنداق دېيىلگەن: "قۇربانلىق قىلىشنى مەقسەت قىلغان كىشى ئۈچۈن زۇلھەججە ئېيى كىرگەندىن كېيىن قۇربانلىقنى قىلىپ بولغۇچە چېچىدىن، تېرناقلىرىدىن بىر نەرسە ئېلىشى چەكلىنىدۇ، بۇ توغرىدا ئىمام بۇخارىدىن باشقا ھەدىس ئۆلىمالىرىنىڭ ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن قىلغان رىۋايىتىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: زۇلھەججە ئېيىنى كۆرگەندىن كېيىن بىرىڭلار قۇربانلىق قىلماقچى بولسا، قۇربانلىقنى قېلىپ بولغىچە چېچىدىن، تېرناقلىرىدىن ئالمىسۇن.

ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 2791-ھەدىس ۋە مۇسلىم رىۋايىتى 1977-ھەدىسلەر رىۋايىتىدە: قۇربانلىق قىلىدىغان كىشى زۇلھەججە ئېيى كىرگەندە قۇربانلىقنى قېلىپ بولغۇچە چېچىدىن ۋە تېرناقلىرىدىن بىر نەرسە ئالمىسۇن دېيىلگەن. ئۇ قۇربانلىقنى ئۆزى قىلسۇن ياكى باشقا بىر كىشىنى ۋەكىل قىلسۇن ئوخشاش، ئەمما قۇربانلىق قىلىنغۇچى كىشىلەرگە ئۇلار توغرىسىدا ھەدىس بايان قىلىنمىغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئىشلار چەكلەنمەيدۇ.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ: "شەرھۇل مۇمتىئ" ناملىق ئەسەرنىڭ 7-توم 530-بىتىدە مۇنداق دېگەن: "قۇربانلىق قىلىنغۇچى كىشىلەرگە بۇ ئىشلار چەكلەنمەيدۇ، بۇنىڭ دەلىلى مۇنۇلاردىن ئىبارەت:

1-ھەدىسنىڭ مەزمۇنىدىن چەكلىمە قۇربانلىق قىلىدىغان كىشىگىلا خاس، شۇنىڭغا ئاساسەن چەكلىمە ئائىلە باشلىقىغا خاس بولىدۇ، ئەمما ئائىلە ئەزالىرىغا ھېچ نەرسە چەكلەنمەيدۇ، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھۆكۈمنى قۇربانلىق قىلىدىغان كېلىشىگىلا ئالاقىدار قىلغان، بۇنىڭدىن قۇربانلىق قىلىنغۇچىلار ئۈچۈن بۇ ھۆكۈمنىڭ بېكىتىلمىگەنلىكى چۈشىنىلىدۇ.

2-پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئائىلىسىدىكىلەر ئۈچۈن قۇربانلىق قىلاتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلارغا: چېچىڭلار، تىرناقلىرىڭلار ۋە تېرىلىرىڭلاردىن بىر نەرسە ئالماڭلار دېگەنلىكى نەقىل قىلىنمىدى، ئەگەر ئۇلارغىمۇ چەكلەنگەن بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى بۇ ئىشلاردىن چەكلەيتتى. مانا بۇ كۈچلۈك قاراشتۇر.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر .

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى