دۇشەنبە 22 جىمادۇسسانى 1446 - 23 دىكابىر 2024
Uygur

رامزاننىڭ كۈندۈزدە ساقلىنىش قاپچۇقى ئىشلىتىپ ئايالىغا يېقىنچىلىق قىلغان كىشى توغرىسىدا

سۇئال

   بىر كىشى رامزاننىڭ كۈندۈزىدە ساقلىنىش قاپچۇقى ئىشلىتىپ ئايالىغا يېقىنچىلىق قىلغان، ئايالىمۇ يولدىشىنىڭ: مەن بىر دىنى ئوقۇغۇچىدىن سورۇدۇم، ساقلىنىش قاپچۇقى ئىشلىتىپ بىرگە بولسا، ئىككى خەتنىگاھنى بىر-بىرىگە تېگىشتىن چەكلەيدىكەن، ھەقىقى جىما قىلغانلىق بولمايدىكەن دېگەن سۆزى بويىچە ماسلىشىپ بىرگە بولغان بولسا قانداق بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى  ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

   بىرىنچى: روزا تۇتقان كىشى رامىزاننىڭ كۈندۈزدە ئايالى بىلەن بىرگە بولىشى چەكلىنىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:  أُحِلَّ لَكُمْ لَيْلَةَ الصِّيَامِ الرَّفَثُ إِلَى نِسَائِكُمْ هُنَّ لِبَاسٌ لَكُمْ وَأَنْتُمْ لِبَاسٌ لَهُنَّ عَلِمَ اللَّهُ أَنَّكُمْ كُنْتُمْ تَخْتَانُونَ أَنْفُسَكُمْ فَتَابَ عَلَيْكُمْ وَعَفَا عَنْكُمْ فَالْآنَ بَاشِرُوهُنَّ وَابْتَغُوا مَا كَتَبَ اللَّهُ لَكُمْ وَكُلُوا وَاشْرَبُوا حَتَّى يَتَبَيَّنَ لَكُمُ الْخَيْطُ الْأَبْيَضُ مِنَ الْخَيْطِ الْأَسْوَدِ مِنَ الْفَجْرِ ثُمَّ أَتِمُّوا الصِّيَامَ إِلَى اللَّيْلِ  تەرجىمىسى: «روزا كېچىلىرىدە ئاياللىرىڭلارغا يېقىنچىلىق قىلىش سىلەرگە ھالال قىلىندى، ئۇلار سىلەر ئۈچۈن كىيىمدۇر (يەنى ئۇلار سىلەرگە ئارىلىشىپ ياشايدۇ ۋە كىيىم بەدەنگە يېپىشقاندەك يېپىشىدۇ)، سىلەرمۇ ئۇلار ئۈچۈن كىيىمسىلەر (يەنى سىلەرمۇ ئۇلارغا ئارىلىشىپ ياشايسىلەر ۋە كىيىم بەدەنگە يېپىشقاندەك يېپىشىسىلەر). ئاللاھ ئۆزۈڭلارنىڭ ئۆزۈڭلارنى ئالدىغانلىقىڭلارنى (يەنى روزا كېچىسى يېقىنچىلىق قىلغىنىڭلارنى) بىلدى. ئاللاھ تەۋبەڭلارنى قوبۇل قىلىپ سىلەرنى ئەپۇ قىلدى. ئەمدى ئۇلارغا (يەنى ئاياللىرىڭلارغا) يېقىنچىلىق قىلىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە تەقدىر قىلغان نەرسىنى (يەنى پەرزەنتنى) تەلەپ قىلىڭلار، تاكى تاڭنىڭ ئاق يىپى قارا يىپىدىن ئايرىلغانغا (يەنى تاڭ يورۇغانغا) قەدەر يەڭلار ۋە ئىچىڭلار، ئاندىن كەچ كىرگۈچە روزا تۇتۇڭلار.» [سۈرە بەقەرە 187-ئايەت].

   ئاللاھ تائالا ھەدىس قۇددۇسىيدا مۇنداق دەيدۇ: «روزا تۇتقۇچى مېنىڭ رازىلىقىمنى كۆزلەپ يېمەك-ئېچمەك ۋە شەھۋېتىنى تەرك قىلىدۇ، روزا مەن ئۈچۈندۇر، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى مەن بىرىمەن، بىر ياخشىلىق ئون باراۋېرىگىچە بولىدۇ». [بۇخارى رىۋايىتى 1894-ھەدىس].

    ئەۋرىتىگە قاپچۇق ئىشلىتىپ ئايالى بىلەن بىرگە بولغان كىشى شەكسىز ئۆزىنىڭ شەھۋېتىنى قاندۇرغان بولىدۇ. ساقلىنىش قاپچۇقى ئىشلىتىپ ئايالىغا يېقىنچىلىق قىلىش بىلەن: يۇيۇنۇش، روزىنىڭ بۇزۇلۇشى، پەرىز تاۋاپنى ئادا قىلمىغان بولسا ھەجنىڭ بۇزۇلۇشى، ئايالى ئادەت كۆرۈپ قالغان ۋاقىتتا بۇنداق قىلىشنىڭ ھاراملىقى، ئايالىنى رەجئى تالاق قىلغان بولسا، بۇنىڭ بىلەن قايتىۋېلىش ھاسىل بولۇش قاتارلىق ھۆكۈملەرگە تەرتىپ بېرىلىدۇ.

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ :"ئەررەۋزە" ناملىق ئەسەرنىڭ 1-توم 82-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ئەگەر ئەۋرىتىنى نىپىز بىر نەرسە بىلەن ئوراپ كىرگۈزگەن بولسىمۇ، بۇنىڭ بىلەن يۇيۇنۇش كېرەك بولىدۇ، ئەمما ئەۋرىتىنى ئورىغان رەخت قېلىن بولۇپ، ئايالنىڭ جىنسى ئەزاسىدىكى نەملىكنىڭ ئەۋرىتىگە يېتىشنى چەكلىسە، يەنى ئىككى ئەۋرەتنىڭ بىرىنىڭ قىززىقلىقىنى يەنە بىرىگە يېتىشتىن چەكلىسە ئۇ ۋاقىتتا يۇيۇنۇش كېرەك بولمايدۇ.

   مەن دەيمەنكى، بەھرۇر رەقائىقنىڭ مۇسەننىپى مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھەجنىڭ بۇزۇلىشىدىمۇ شۇنداق بولىدۇ، باشقا مەسىلىلەردىمۇ شۇنداق بولىشى تەلەپ قېلىنىدۇ".

"تەھپەتۇل مۇھتاج" 3-توم 397-بەتتە مۇنداق دېگەن: "بارلىق ئالىملارنىڭ قارىشىدا، ئەۋرىتىنى كىرگۈزۈپ جىم تۇرۇۋالسا، گەرچە مەنى چىقمىسىمۇ روزىسى بۇزۇلىدۇ.

   شىرۋانى بۇ كىتابنىڭ ھاشىيەسىدە مۇنداق دەيدۇ: "مۇسەننىپنىڭ روزىسى بۇزۇلىدۇ دېگەن سۆزى گەرچە ئىككى ئەۋرەتنى بىر-بىرىگە تېگىشتىن چەكلەيدىغان نەرسە بولسىمۇ روزىنىڭ بۇزۇلۇشى ئېنىق دېمەكتۇر".

   "كەشاپۇل قىنا"1-توم 201-بەتتە مۇنداق دېگەن: "ھەيىزدار ئايالغا يېقىنچىلىق قىلىش چەكلىنىدۇ، گەرچە ئەۋرىتىگە ساقنىلىش قاپچۇقى ياكى بىر نەرسە ئوراپ قىلغان بولسىمۇ ئوخشاش".

   بۇ سۆزىنى دېگەن ئادەم خاتالاشقان، روزىنىڭ قۇرۇلمىسىنى تۈپ يىلتىزىدىن بۇزۇۋېتىدۇ، ئەگەر ئەقلى بار كىشى ئازراق ئويلانسا، بۇ ئىشنىڭ نەقەدەر قەبىھ ۋە ناچار ئىكەنلىكى ئاشكارا بولاتتى، ئەگەر ئىنسان روزا تۇتۇپ يېمەك-ئىچمەكتىن چەكلىنىپ، ئاندىن ئەۋرىتىگە بىر نەرسە ئوراپ ھەر كۈنى ئايالى بىلەن يېقىنچىلىق قىلسا، بۇ قانداقمۇ روزا تۇتقانلىق بولىدۇ؟!.

    بەلكى نورمال ئەھۋالدا ئېھتىلام بولسا، ياكى مەنىي چىقىپ كەتسە روزا بۇزۇلمايدۇ دېگەن بولسا، ئۇ كىشى جىما قىلىپ، مەنىي چىقىپ ئاندىن مەن روزىدار دېگەن بولىشى مۇمكىن!. ئىسلام شەرىئىتى مۇنداق ئويۇنلاردىن پاكتۇر.

    ئەگەر مۇشۇ سۆز بويىچە، يات بىر ئايال بىلەن جىما قىلىپ، مەن زىنا قىلمىدىم، ساقلىنىش قاپچۇقى بىلەن بولغانلىقى ئۈچۈن جىما ھاسىل بولمىدى دېسە، بۇ پەتىۋانى بەرگۈچى ئۇ كىشىگە نېمە دەيدۇ؟!.

     شۇنىڭ ئۈچۈن ئەۋرىتىگە بىر نەرسە ئوراپ يېقىنچىلىق قىلسا، توساق بولغانلىقى ئۈچۈن جىما بولمايدۇ دېگەن سۆزنى ھەر قانداق بىر شەخس دېسە مەيلى پىقىھ، ئالىم بولۇپ كەتسۇن ئۇنىڭ بۇ سۆزى ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ، بولۇپمۇ ھازىرقى نىپىز قاپچۇقلار لەززەتتىن ھېچ نەرسىنى توسۇپ قالالمايدۇ، بۇ ئىلگىرىكى پىقھى ئالىملىرى سۈپەتلىگەن قىلىن رەختلەردىن ئەمەس.

ئىككىنچى: پەتىۋا دېگەن ئۆز ئەھلىدىن ئېلىنىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ كىشىگە تۆۋەندىكى ئىشلار كېرەك بولىدۇ:

   1-چەكلەنگەن-ھارام ئىش قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلىش.

  2-جىما قىلىش ئارقىلىق بۇزۇۋەتكەن ئاشۇ بىر كۈنلۈك روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلىش.

   3-رامزاننىڭ كۈندۈزدە ئايالى بىلەن جىما قىلغانلىققا كاپارەت بېرىش: ئۇ بولسىمۇ، قۇل ئازاد قىلىش، ئەگەر بۇنىڭغا قادىر بولالمىسا، ئۈزۈلدۈرمەي ئىككى ئاي روزا تۇتۇش، بۇنىڭغا قادىر بولالمىسا، ئاتمىش مىسكىنگە يېمەك بېرىشتىن ئىبارەتتۇر. جىما قىلغاندا مەنىي چۈشكەن بولسۇن ياكى چۈشمىگەن بولسۇن ئوخشاش.

    "پىقھى توپلاملىرى" 35-توم 55-بەتتە مۇنداق كەلگەن: "رامزاننىڭ كۈندۈزدە ئۈزۈرسىز، قەستەن ئايالىنىڭ پەرجىگە(جىنسى ئەزاسىغا)جىما قىلغان كىشى ئۈچۈن مەنىي چىقسۇن ياكى چىقمىسۇن بارلىق پىقھى ئالىملارنىڭ بىردەك قارىشى بىلەن كاپارەت ۋاجىپ بولىدۇ".

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى