بىرىنچى: كۆپچىلىك پىقھى ئالىملىرىنىڭ قارىشىغا كۆرە، ھەيزدىن پاك بولۇش ھەيز ئورنىنىڭ تولۇق قۇرۇشى بىلەن ئەمەلىيلىشىدۇ. لېكىن ئىمام مالىك رەھىمەھۇللاھدىن: " ھەيز ئورنىنىڭ تولۇق قۇرۇشى بىلەن ھەيزدىن پاك بولۇش ھاسىل بولمايدۇ بەلكى ئاق ئاجراتما كەلگەندىن كىيىن پاكلىنىش ئاندىن ھاسىل بولىدۇ" دېگەن قاراش نەقىل قىلىنغان.
شەيخ ئەبۇ ئۆمەر دىبيان"پاكلىق ئېنسىكلوپېدىيىسى" 7-توم 37-بەتتە مۇنداق دېگەن: " تۆتىنچى تەتقىقات: ھەيزدارنىڭ پاك بولۇش ئالامىتى: بەزى ئالىملار: ھەيز ئۈزۈلگەندە مۇتلەق پاك بولىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئاق ئاجراتما كەلسۇن ياكى كەلمىسۇن ئوخشاش بولىدۇ دەيدۇ، بۇ ھەنەفىي، شاپىئى ۋە ھەنبەلى مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ قارىشىدۇر.
يەنە بەزى ئالىملار: ھەيز ئۈزۈلگەندىن كېيىن ئاق ئاجراتما كەلگەنلىكىنى كۆرمىسە پاك بولمايدۇ، ئەگەر ئاق ئاجراتما كەلمەيدىغان ئاياللار بولسا، ئۇلارغا نىسبەتەن ھەيز ئورنىنىڭ تولۇق قۇرۇشى پاك بولغانلىقنىڭ ئالامىتىدۇر. بۇ "ئەل مۇدەۋۋىنە" ناملىق ئەسەردە ئىمام مالىك رەھىمەھۇللادىن بايان قىلىنغاندۇر.
بەزى ئالىملار پاك بولغانلىقنىڭ ئىككى ئالامىتى بار دەيدۇ: ھەيز ئورنىنىڭ تولۇق قۇرۇشى ۋە ئاق ئاجىراتمىنىڭ كېلىشىدۇر، ئايال ئۇ ئىككىسىنىڭ قايسى بېرىنى كۆرسە، بۇ، ئۇ ئايالنىڭ ھەيزدىن پاك بولغانلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر. بۇ ئايال ئۆزىنىڭ ئادىتە تولۇق قۇرۇش بىلەن پاك بولىدىغان ياكى ئاق ئاجىراتمىنىڭ كېلىشى بىلەن پاك بولىدىغان بولسۇن ئوخشاشتۇر. ئىمام مالىك رەھىمەھۇللاھنىڭ يارەنلىرىدىن ئىبنى ھەبىيب رەھىمەھۇللاھمۇ بۇ سۆزنى دېگەن. 317771- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.
ئىككىنچى: ئايالنىڭ ھەيزدىن پاك بولغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان، ھەيز ئورنىنىڭ تولۇق قۇرۇق بولىشى قانچىلىق ۋاقىتتا ھاسىل بولىدۇ؟.
ھەيز ئورنىنىڭ قۇرۇق بولىشىنى بېكىتىدىغان مەلۇم بىر ۋاقىت يوق، ئايال ھەيزدىن پاك بولغاندا ھەتتا بىر سائەت مۇددەتتە بولسىمۇ قۇرۇش ھاسىل بولىدۇ. ئاندىن يەنە قان كەلسە بۇ ھەيز ھېسابلىنىدۇ، قۇرۇش ھەيز ئارىسىغا كىرگەن پاكىزلىق ھېسابلىنىدۇ.
ئەمما قۇرۇش ئادەتنىڭ ئاخىرىقى ۋاقتىدا بولسا، ئىش ئۇ ۋاقىتتا ئوچۇق ۋە ئېنىق بولۇپ، بۇ ئايالنىڭ ھەيزدىن پاك بولغانلىقىدۇر.
ئىمام نەۋەۋىي "ئەل مەجمۇ" 2-توم 543-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ھەيزنىڭ ئۈزۈلگەنلىكى ۋە پاكىزلىقنىڭ مەۋجۇت بولغانلىقىنىڭ ئالامىتى قاننىڭ ۋە سېرىق، دۇغ نەرسىلەرنىڭ چېقىشىنىڭ ئۈزۈلىشىدۇر. بۇ نەرسىلەر ئۈزۈلسە يەنى كەلمىسە، پاكىز بولغان بولىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئاق ئاجراتما چىقسۇن ياكى چىقمىسۇن بۇنىڭ پەرقى يوق".
بەھۇتىي"كەشاپۇل قىنا" 1-توم 212-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ئەگەر ئايال ئىددەت جەريانىدا، ھەيز ئورنىغا پاختا ياكى ئاق لاتا كىرگۈزسە ئۇنىڭ رەڭگى ئۆزگەرمەستىن تولۇق ئاق ھالەتتە بولسا تولۇق پاك بولغان بولىدۇ. مۇبادا بۇ ئاز ۋاقىت بولسىمۇ مەيلى، ئۇنىڭ تولۇق بىر كۈنگە يېتىشى ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ، بۇ ھالەتتە ئۇ ئايال پاكلانغان ھېسابلىنىدۇ ۋە يۇيۇنىدۇ. بۇ توغرىدا ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ: «ئايال تولۇق پاكلىقنى كۆرسە يۇيۇنىدۇ» دېگەن. شۇنداقلا ناماز ئوقۇيدۇ، پاك بولغان ئاياللار قىلغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالا ھەيزنى ئەزىيەت دەپ سۈپەتلىگەن، ئەزىيەت يوقالسا، ھەيزنىڭ يوق بولغانلىقى سەۋەبتىن ناماز ۋاجىپ بولىدۇ، باشقا ئاياللارغا ئوخشاش يۇيۇنۇپ بولغاندىن كېيىن جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش ئۆچ كۆرەلمەيدۇ".
ئۈچىنچى: مەلۇم بىر ھۆكۈمدە، ئېتىبارغا ئېلىنىدىغان تۆت مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ سۆزىگە كۆرە ئەمەل قىلسا، بۇ ئەمەلنىڭ نەتىجىسى قانداق بولىدۇ؟.
ئەگەر سىز ھەيز ئورنىغا پاختا ياكى ئاق لاتىنى كىرگۈزۈپ ئۇنىڭ ئۆزگەرمەي ئاق چىققانلىقىنى كۆرسىڭىز پاك بولىسىز دېگەن قاراشتىكى كىشىلەرنىڭ سۆزىگە ئەمەل قىلغان بولسىڭىز، بۇ ئېتىبارغا ئېلىنىدىغان سۆز، يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك، ئىمام مالىك رەھىمەھۇللاھدىنمۇ بۇ قاراش نەقىل قىلىنغان، سىزگە ھېچ خاتالىق بولمايدۇ، ھېچ نەرسىنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەك بولمايدۇ.
بەلكى مۇبادا، سىز بىلمەسلىكتىن باشقىچە چۈشىنىپ، مۇشىنچىلىك ۋاقىت ساقلاش ۋاجىپ بولىدۇ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى پاك بولمايدۇ دەپ ئويلىغان بولسىڭىز، بۇنىڭ بىلەن سىزگە ھېچ نەرسىنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەك بولمايدۇ، سىز بۇنىڭدا خاتا چۈشەنچىڭىز بىلەن ئۈزۈرلۈك ھېسابلىنىسىز.
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇنىڭغا كۆرە، مۇبادا دەلىلنى بىلمىگەنلىكتىن ۋاجىپ بولغان تاھارەتنى تەرك قىلسا، مەسىلەن: تۆگە گۆشى يەپ تاھارەت ئالماپتۇ، ئاندىن تۆگە گۆشى يېسە تاھارەت ئىلىشنىڭ ۋاجىپ بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى دەلىلنى بىلگەن بولسا ياكى تۆگە قوتۇنىدا ناماز ئوقۇپتۇ، كېيىن تۆگە قوتۇنىدا ناماز ئوقۇشنىڭ دۇرۇس بولمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى دەلىلنى بىلگەن بولسا، ئۇ كىشى ئۆتكەنكى نامازلىرىنى قايتىدىن ئوقۇمدۇ؟ دېگەن مەسىلىدە ئىككى تۈرلۈك قاراش بار، بۇ قاراشنىڭ ئىككىلىسى ئىمام ئەھمەدتىن بايان قىلىنغان".
بۇنىڭ ئوخشىشى: بىر كىشى ئەۋرىتىنى تۇتۇپ تاھارەت ئالماي ناماز ئوقۇپتۇ، كېيىن ئەۋرىتىنى تۇتسا تاھارەت ئىلىشنىڭ ۋاجىپلىقىنى بىلگەن بولسا قانداق قىلىدۇ؟، دېگەن مەسىلىدۇر.
مۇشۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىدىكى توغرا قاراش: ئۆتكەن ناماز ياكى ئىبادەتلەرنى قايتىدىن ئادا قىلىش ۋاجىپ بولمايدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالا خاتا قىلغان ۋە ئۇنتۇپ قالغان ئىشلاردىن ئەپۇ قىلغان. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَمَا كُنَّا مُعَذِّبِينَ حَتَّى نَبْعَثَ رَسُولًا تەرجىمىسى: « پەيغەمبەر ئەۋەتمەي تۇرۇپ (ھېچ ئادەمنى) جازالىغىنىمىز يوق» [سۈرە ئىسرا 16-ئايەت.]
ھەر قانداق بىر كىشىگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەلۇم بىر ئىشتىكى بۇيرۇقى يەتمىگەن بولسا، ئۇ ئىشنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكىنىڭ ھۆكمى ئۇ كىشىنىڭ ئۈستىگە يۈكلەنمەيدۇ.
بىر قېتىملىق سەپەردە ئۆمەر بىلەن ئەممار رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار ئېھتىلام بولۇپ قىلىپ سۇ تاپالماي، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ناماز ئوقۇمىغان، ئەممار رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بولسا توپىغا يۇمۇلۇۋېتىپ ناماز ئوقۇغاندا، بۇ ئىش رەسۇلۇللاھقا يەتكۈزۈلگەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ ھېچ بىرىنى نامازنى قايتىدىن ئوقۇشقا بۇيرۇمىغان.
شۇنىڭدەك، ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ جۇنۇپ بولۇپ قىلىپ يۇيۇنغىلى سۇ تاپالماي بىر قانچە كۈن ناماز ئوقۇغانلىقىنى دېگەندە، ئۇنى ئۆتۈپ كەتكەن نامازلارنى قايتىدىن ئوقۇشقا بۇيرۇمىغان.
شۇنىڭدەك، ساھابىلاردىن روزىدا ئاق يىپنى قارا يىپتىن ئايرىپ كۆرەلىگۈچىلىك يورۇق چۈشكىچە سەھەرلىك يېگەن كىشىنى شۇ كۈنلۈك روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلىشقا بۇيرۇمىغان.
قىبلە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىق خەۋىرى يەتمەي، يەنىلا بەيتىل مۇقەددەسكە قاراپ ناماز ئوقۇغان كىشىگە ئۆتكەن نامازلارنى قايتىدىن ئوقۇشقا بۇيرۇمىغان.
مۇشۇ مەسىلىلەرنىڭ قاتارىدىن: خۇن كېسىلى بولغان ئايال ئۆز ئېتىقادىدا ئۆزىگە ناماز ئوقۇش ۋاجىپ ئەمەس دەپ قاراپ مەلۇم مۇددەت ناماز ئوقۇمايدۇ، بۇ ئايالنىڭ ئۆتۈپ كەتكەن نامىزىنىڭ قازاسىنى قىلىشى توغرىسىدا ئىككى قاراش بار، ئۇنىڭ بىرى: ئىمام مالىك ۋە باشقا ئالىملاردىن نەقىل قىلىنغاندەك، قازاسىنى قىلىش كېرەك بولمايدۇ، چۈنكى خۇن كېسىلى بولغان ئايال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: مەن بەك كۆپ ھەيز كۆرىمەن، قان ئۈزۈلمەي كېلىدۇ، بۇ ئىش مېنى ناماز ئوقۇش ۋە روزا تۇتۇشتىن چەكلەپ قويدى دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ ئايالنى بۇنىڭدىن كېيىن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارغا بۇيرىدى، ئوقۇماي ئۆتۈپ كەتكەن نامازلارنىڭ قازاسىنى قىلىشقا بۇيرىمىدى.
مېنىڭ يېنىمدا مۇتەۋاتىر شەكىلدە نەقىل قىلىنغان دەلىللەر بار، يەنى: سەھرادا ۋە شەھەردىن يىراق جايلاردا ئولتۇراقلىشىپ، بالاغەتكە يەتكەندىمۇ ئۆزىگە نامازنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغان، بەلكى ئايالغا ناماز ئوقۇڭ دېسە، مەن چوڭ بولغاندا، ياشىنىپ موماي بولغاندا ئوقۇيمەن دەيدۇ، ئۇ ئايال ئۆز قارىشىدا ناماز دېگەن ئاياللارغا ياشىنىپ موماي بولغاندا ۋاجىپ بولىدۇ دەپ قارىغان، پىرىغا ئەگىشىدىغان سوپىيلارنىڭ ئارىسىدىمۇ نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزلىرىگە نامازنىڭ پەرز بولغانلىقىنى بىلمەيدۇ، توغرا قاراشتا ئۇلار كېيىن ئۇ ۋاقىتتا ئوقۇمىغان نامازلارنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەك بولمايدۇ". [پەتىۋالار مەجمۇئەسى 21-توم 101-102-بەت].
-تۆتىنچى: ناماز ۋاقتى بولغاندىن كېيىن ناماز ئوقۇشتىن ئىلگىرى ئادەت كۆرۈپ قالغان ئايالنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا.
نامازنىڭ ۋاقتى كېرىپ نامازنى ئادا قىلىپ بولغىچە ئادەت كۆرۈپ قالغان ئايال، ھەيزدىن پاك بولغاندىن كېيىن ئۇ نامازنىڭ قازاسىنى قىلامدۇ؟.
بۇ مەسىلىدە ئالىم-ئۆلىمالار ئارىسىدا پەرقلىق قاراش بارلىقى ئېنىق.
پىقھى ئالىملىرىنىڭ بەزىسى جۈملىدىن ھەنبەلى مەزھەپ ئالىملىرى: نامازنىڭ ۋاقتى كېرىپ ناماز باشلاش تەكبىرىنى قىلىپ نامازغا تۇرغىدەك ۋاقىت ئۆتكەندە، ئادەت كۆرۈپ قالغان بولسا، ئۇ نامازنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەك بولىدۇ.
" زادىل مۇستەقنى"تا مۇنداق دېيىلگەن: " ئەگەر ناماز ئادا قىلغۇچى نامازنىڭ ۋاقتى كېرىپ نامازنى باشلىغۇدەك ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، ئەقلىنى يوقۇتىپتۇ ياكى ئايال بولسا ئادەت كۆرۈپ قالغان بولسا، ئايال ھەيزدىن پاك بولغاندىن كېيىن، ئەقلىنى يوقاتقان كىشىنىڭ ئەقلى-ھۇشى جايىغا كەلگەندىن كېيىن ئۇ نامازنىڭ قازاسىنى قىلىدۇ".
شاپىئى مەزھىبىدىكى ئالىملار: ئۇ نامازنىڭ قازاسىنى قىلىش ئۈچۈن، نامازنىڭ ۋاقتى كېرىپ، شۇ نامازنى ئادا قىلىپ بولغىدەك ۋاقىت ئۆتكەن بولسا دېگەننى شەرت قىلدى.
ھەنەفىي مەزھىبىدىن زۇپەر ۋە شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە قاتارلىقلار(ئاللاھ ئۇلارغا رەھمەت قىلسۇن) : ناماز ۋاقتى كىرگەندىن تارتىپ ئايال پاك بولۇپ، ئاخىرىدا ناماز ئادا قىلىش مۇمكىن بولمىغۇدەك ۋاقىت قالغاندا (يەنى كېيىنكى نامازنىڭ ۋاقتى كېرىشكە ئاز قالغاندا) ئادەت كۆرۈپ قالغان بولسا، ئۇ ۋاقىتتا شۇ نامازنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەك دەيدۇ.
مالىكى مەزھىبىنىڭ قارىشىمۇ بۇنىڭغا يېقىن بولۇپ، ئۇلار مۇنداق دەيدۇ: "نامازنىڭ ۋاقتى ئاخىرلىشىپ پەقەت بىر رەكەت ناماز ئادا قىلىشقا يەتكۈدەك ۋاقىت قالغاندا ئادەت كۆرۈپ قالسا، كېيىن پاك بولغاندا شۇ نامازنىڭ قازاسىنى قىلىدۇ.
ھەنەفىي مەزھەپ ئالىملىرى، مالىكى مەزھىبىدىكى بىر قاراشتا ئۇ بولسىمۇ ئىبنى ھەزمىنىڭ مەزھىبى: ئايال نامازنىڭ ئاۋۋالقى ۋاقتىدا، ئوتتۇرىدىكى ۋاقتىدا ياكى ئاخىرقى ۋاقتىدا ئادەت كۆرۈپ قالسۇن ئۇ نامازنىڭ قازاسىنى قىلىش مۇتلەق ۋاجىپ بولمايدۇ دەيدۇ.[پاكلىق ئېنسىكلوپېدىيىسى 7-توم 159-بەت].
شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەمما ئۇ كىشىگە ۋاقىتنىڭ نامازغا يېتىشمەيدىغان دەرىجىدە قىس بولىشى كېرەك بولمايدۇ دېگەنلەر مۇنداق دەيدۇ:" ئىنسان ئۈچۈن نامازنى ئەڭ ئاخىرقى ۋاقتىغىچە كېچىكتۈرسە دۇرۇس بولىدۇ، شۇ ۋاقىتتا نامازنى ئادا قىلىشتىن چەكلەپ قويىدىغان بىرەر ھادىسە يۈز بەرسە، ئۇ كىشى نامازغا سەل قارىغان ياكى قەستەن كىچىكتۈرگەن بولمايدۇ، بەلكى ئۆزىگە ۋاجىپ بولغاننى قىلغۇچىدۇر، چۈنكى بۇنداق ئىش ئاياللارنىڭ ئادەت كۆرۈش ئىشلىرىدا كۆپ يۈز بېرىدۇ، ھېچ بىر ئايالدىن ناماز ۋاقتى ئارىسىدا ئادەت كۆرۈپ قىلىپ، ئادەت كۆرۈپ قالغان ۋاقىتتا ئوقۇيالمىغان نامىزىنىڭ قازاسىنى قىلغانلىقى نەقىل قىلىنمىغان، ئەسلى قائىدە: زىممىسىگە مەسئۇلىيەت يۈكلەنمىگەنلىكتۇر. بۇ مۇلاھىزە بەك كۈچلۈك مۇلاھىزىدۇر.
شۇنىڭغا ئاساسەن: تەكلىپ يوقالسا ياكى كەڭرىي ۋاقىتتا چەكلىمە تېپىلىپ قالسا، بۇ ۋاقىتتا ئادا قىلالمىغان نامازنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەك بولمايدۇ، ئەگەر ئېھتىياتەن قازاسىنى قىلسا ياخشى بولىدۇ، ئەگەر قىلماي قالسا گۇناھ بولمايدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك بولىدۇ.
بىز دەيمىزكى: ئەگەر ئۇ كىشى نامازنى ئادا قىلغۇدەك بىر ۋاقىتنى تاپسا، ئۇ كىشى نامازنىڭ ۋاقتىنى تاپقان بولدى، ئەمما تەكلىپ يوقالسا ياكى شۇ ۋاقىتتا نامازنى ئادا قىلىشتىن چەكلەيدىغان بىر چەكلىمە تېپىلسا، ئۇ كىشىگە نامازنى كېچىكتۈرۈش دۇرۇس بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى گۇناھكار بولمايدۇ، قەستەن قازا قىلغان بولمايدۇ، ئۇنىڭ قازاسىنى قىلىشمۇ ۋاجىپ بولمايدۇ.
ئىككىنچى قاراش ئېھتىيات قىلىشتۇر. [شەرھىل مۇمتى 2-توم 131-بەت].
ئۇ كىشى مۇشۇ ھالەتتە نامىزىنىڭ قازاسىنى قىلسا، ئېھتىياتەن ياخشى بولىدۇ، قازاسىنى قىلمىسا، ھېچ نەرسە بولمايدۇ.
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.