جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

ھېيت نامىزىنىڭ سۈپىتى توغرىسىدا

سۇئال

ھېيت نامىزىنىڭ سۈپىتى قانداق بولىدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

ھېيت نامىزى ئوقۇشنىڭ سۈپىتى: ئىمام كىشىلەرگە ئىمام بولۇپ ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇيدۇ. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: روزا ھېيت نامىزى ئىككى رەكەت، قۇربان ھېيت نامىزى ئىككى رەكەت، پەيغەمبىرىڭلارنىڭ تىلىغا ئاساسەن قەسىر ئەمەس تولۇقتۇر، يالغاننى توقۇغان كىشى خار بولدى. [نەسائى رىۋايىتى 1420-ھەدىس. ئىبنى خۇزەيمە رىۋايەت قىلغان، شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ نىسائىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا بۇ ھەدىسكە سەھىھ دەپ باھا بەرگەن].

ئەبۇ سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيتتا ناماز ئوقۇيدىغان جايغا كەلگەندە، ئاۋۋال ناماز بىلەن باشلايتتى. [بۇخارى رىۋايىتى 956-ھەدىس].

بىرىنچى رەكەتتە باشلاش تەكبىرىنى، كەينىدىن ئالتە ياكى يەتتە تەكبىر ئېيتىدۇ، بۇ توغرىدا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيت نامىزىدا رۇكۇ تەكبىرىدىن باشقا بىرىنچى رەكەتتە يەتتە، ئىككىنچى رەكەتتە بەش تەكبىر ئېيتىلىدۇ دېيىلگەن. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى، شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ "ئىرۋائۇل غەلىيل" نىڭ 639-بېتىدە بۇ ھەدىسكە سەھىھ دەپ باھا بەرگەن].

ئاندىن بىرىنچى رەكەتتە "پاتىھە" ۋە "قاف" سۈرىسىنى ئوقۇيدۇ، ئىككىنچى رەكەتكە تەكبىر ئېيتىپ قىيامدا تۇرۇپ بولغاندىن كېيىن بەش قېتىم تەكبىر ئېيتىدۇ ۋە "پاتىھە" سۈرىسىنى، كەينىدىن "ئىقتەرەبەتىسسائەتۇ ۋەنشەققەل قەمەر" سۈرىسىنى ئوقۇيدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئىككى سۈرىنى ئىككى ھېيت نامىزىدا ئوقۇيتتى. خالىسا بىرىنچى رەكەتكە "سەببىھىسمە" نى، ئىككىنچى رەكەتكە "ھەل ئەتاكە ھەدىسۇل غاشىيە" نى ئوقۇسىمۇ بولىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھېيت نامىزىدا بۇ ئىككى سۈرىنى ئوقۇغانلىقى توغرىسىدىمۇ سەھىھ ھەدىس بايان قىلىنغان.

بۇ سۈرىلەر ئوقۇلۇپ قالسا جامائەتنىڭ ئىنكار قىلماسلىقى ئۈچۈن، ئىمام مۇسۇلمانلار بىلگۈچە ھېيت نامىزىدا بۇ سۈرىلەرنى ئوقۇش ئارقىلىق سۈننەتنى تارىتىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

نامازدىن كېيىن ئىمام كىشىلەرگە خۇتبە سۆزلەيدۇ، خۇتبە ئارىسىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىلغاندەك، ئاياللارنى ئۇلارنىڭ قىلىشى زۆرۈر ئىشلارغا بۇيرۇپ، يىراق بولۇشى تەلەپ قىلىنغان ئىشلاردىن چەكلەيدۇ. [شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھنىڭ "ئىسلام ئاساسلىرى پەتىۋاسى" 398-بەتكە قارالسۇن. "دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى" 8-توم، 300- ۋە 316-بەتكە قارالسۇن].

ناماز خۇتبىدىن بۇرۇن ئوقۇلىدۇ: ھېيت نامىزىنىڭ ئەھكاملىرىدىن: ناماز خۇتپىدىن ئىلگىرى ئوقۇلىدۇ، بۇ توغرىدا جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: ھەقىقەتەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام روزا ھېيت كۈنى ناماز ئوقۇيدىغان جايغا كەلگەندە، خۇتبە سۆزلەشتىن ئىلگىرى ناماز ئوقۇدى. [بۇخارى رىۋايىتى 958-ھەدىس ۋە مۇسلىم رىۋايىتى 885-ھەدىس].

ھېيت كۈنىدە خۇتبىنىڭ نامازدىن كىيىن بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيتتا ناماز ئوقۇيدىغان جايغا كەلگەندە ئالدى بىلەن نامازدىن باشلايتتى، نامازنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۆرۈلۈپ كىشىلەرگە قاراپ تۇراتتى، كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ سەپلىرىدە ئولتۇراتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا ۋەز-نەسىھەت قىلىپ، ياخشى ئىشلارغا تەۋسىيە قىلىپ، ئورۇنداشقا تىگىشلىك بولغان ئىشلارغا بۇيرۇيتتى، بىرەر جايغا قوشۇن ئەۋەتمەكچى بولسا ئەۋەتەتتى، بىرەر ئىشقا بۇيرىماقچى بولسا بۇيرۇيتتى، ئاندىن قايتاتتى. ئەبۇ سەئىد مۇنداق دېدى: مەرۋان مەدىنىگە ۋالى بولغانغا قەدەر كىشىلەر شۇنداق قىلدى، مەن روزا ھېيت ياكى قۇربان ھېيت نامىزىغا مەرۋان بىلەن بىللە باردىم، بىز ناماز ئوقۇيدىغان جايغا كەلگەندە، ئۇ يەردە كەسىير ئىبنى سەلت ياسىغان بىر مۇنبەر قويۇلغان ئىكەن، مەرۋان كېلىپ ناماز ئوقۇشتىن بۇرۇن مۇنبەرگە چېقماقچى بولدى، مەن ئۇنىڭ چاپىنىنىڭ پېشىنى تارتتىم، ئۇ مېنىڭ چاپىنىمنىڭ پېشىنى تارتىپ، مۇنبەرگە چېقىپ، ناماز ئوقۇشتىن ئىلگىرى كىشىلەرگە خۇتبە سۆزلىدى، مەن ئۇنىڭغا: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى! سۈننەتنى ئۆزگەرتىۋەتتىڭلار! دېدىم، مەرۋان: ئەبۇ سەئىد! سەن بىلگەن ئىشلار ئاخىرلاشتى،- دېدى، مەن: مەن ئىلگىرى بىلگەن نەرسە ھازىر بىلمەيدىغان نەرسىدىن ياخشىدۇر،- دېدىم. مەرۋان: كىشىلەر نامازدىن كېيىن بىزنىڭ خۇتبىمىزنى ئاڭلاپ ئولتۇرمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن خۇتبىنى نامازدىن بۇرۇن قىلدىم،- دېدى. [بۇخارى رىۋايىتى 956-ھەدىس].

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى