جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

ئايالدىن داۋاملىشىپ كەلگەن ئاق سۇيۇقلۇقنىڭ روزىغا تەسىرى بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا

سۇئال

   ئايالدىن سۇغا ئوخشاش قۇرۇغاندىن كېيىن رەڭگى ئاقىرىپ كېتىدىغان سۇيۇقلۇق چىقسا، بۇنىڭ بىلەن تۇتقان روزا ۋە ئوقۇغان نامازلىرىمىز توغرا بولامدۇ؟، يۇيۇنۇش ۋاجىپ بولامدۇ؟، چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن، بۇنداق سۇيۇقلۇق مەندىن بەك كۆپ چىقىدۇ، ئېچ كىيىملىرىمدە بۇنى كۆرۈمەن، تۇتقان روزام ۋە ئادا قىلغان نامازلىرىمنىڭ توغرا بولىشى ئۈچۈن كۈندە ئىككى- ئۈچ قېتىم يۇيۇنىمەن؟.  

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بۇنداق سۇيۇقلۇق ئاياللاردىن كۆپ كېلىدۇ، بۇ نىجىس ئەمەس، پاكىزدۇر، بۇنىڭ ئۈچۈن يۇيۇنۇش كېرەك بولمايدۇ، پەقەت تاھارەت بۇزۇلىدۇ، تاھارەت ئالسا بولىدۇ.

   شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن بۇ توغرىدا سورالغاندا، شەيخ مۇنداق دېگەن: كۆپ ئىزدەنگەندىن كېيىن، ئايالدىن كېلىدىغان بۇ سۇيۇقلۇقنىڭ سۈيدۈك يولىدىن ئەمەس بەلكى بالىياتقۇدىن چىقىدىغانلىقى ئېنىق بولدى، بۇ سۇيۇقلۇق پاكىزدۇر. بۇ سۇيۇقلۇق ھۆكۈمدە پاك بولغانلىقى ئۈچۈن كىيىم ياكى بەدەنگە يۇقۇپ قالسا، نىجىس بولمايدۇ.

     ئەمما تاھارەت ئېلىش تەرەپتىن:  ئۇ تاھارەتنى بۇزىدۇ، لېكىن ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ كەلسە، ئۇ ۋاقىتتا تاھارەتنى بۇزمايدۇ، لېكىن ئايال پەقەت نامازنىڭ ۋاقتى كىرگەندىن كېيىن ئاندىن تاھارەت ئالىدۇ. ئېھتىيات قىلىپ بىر نەرسە قويىۋالسا بولىدۇ.

    ئەمما بۇ سۇيۇقلۇق ئۈزۈلۈپ-ئۈزۈلۈپ كەلسە، ئەگەر ئادەتتە ناماز ۋاقىتلىرىدا ئۈزۈلىدىغان بولسا، نامازنىڭ ۋاقتى چىقىپ كېتىشتىن ئەنسىرمىسە، نامازنى ئۇنىڭ ئۈزۈلىدىغان ۋاقتىغا كېچىكتۈرۈپ ئادا قىلىدۇ، ئەگەر نامازنىڭ ۋاقتىنىڭ چىقىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىسە، ئۇ ۋاقىتتا تاھارەت ئىلىپ بىر نەرسە قويۇۋېلىپ نامازنى ئادا قىلىدۇ، بۇنىڭ ئاز-كۆپ بولىشىنىڭ پەرقى يوق، چۈنكى ئۇ ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن شۇ يولدىن چىققانلىقى ئۈچۈن تاھارەتنى بۇزىدۇ. ["ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالار مەجمۇئەسى"  11 -توم 284 -بەت].

    چېقىدىغان سۇيۇقلۇقنىڭ ئەتراپقا تاراپ كېتىشى ، بەدەنگە ۋە كىيىمگە يۇقۇپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە مىقدارىنى ئازلىتىش ئۈچۈن چېقىدىغان ئورۇنغا پاختا ياكى باشقا مۇۋاپىق نەرسىلەرنى قويىۋېلىشى كېرەك.

مۇشۇنىڭغا ئاساسەن:  بۇ سۇيۇقلۇق چىققاندا يۇيۇنۇش كېرەك بولمايدۇ، روزىغا تەسىرى بولمايدۇ، نامازغا نىسبەتەن ئەگەر سۇيۇقلۇق ئۈزۈلمەي كېلىدىغان بولسا ئۇ ۋاقىتتا ھەر ناماز ئۈچۈن ۋاقتى كىرگەندە يېڭىدىن تاھارەت ئالىدۇ.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى