بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
-قۇربانلىق قىلىنىدىغان چارۋىلارنىڭ يېشىغا رىئايە قىلىش شەرىئەتتە بۇيرۇلغان ئىشتۇر.
ئالىملارنىڭ بىردەك ئىتتىپاقىغا كۆرە: شەرىئەتتە قۇربانلىق قىلىنىدىغان چارۋىلاردا مۇئەييەن ياش بېكىتىلدى، ئۇنىڭدىن كېچىك چارۋىلارنى قۇربانلىق قىلىش توغرا بولمايدۇ، ئەگەر قۇربانلىق قىلغان بولسا ئۇنىڭ بىلەن قۇربانلىق ئادا بولمايدۇ. [ئىمام نەۋەۋىينىڭ "ئەلمەجمۇ" ناملىق ئەسىرى 1-توم 176-بەتكە قارالسۇن].
تۆۋەندە بايان قىلىنىدىغان ھەدىسلەر بۇنى ئىپادىلەيدۇ:
-بەرا ئىبنى ئازىپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مېنىڭ ئەبۇ بۇردە ئىسىملىك تاغام ھېيت نامىزىدىن بۇرۇن قۇربانلىق قىلغان ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «سىزنىڭ نامازدىن بۇرۇن ئۆلتۈرگەن قويىڭىز قۇربانلىق بولمايدۇ، بەلكى نورمال گۆش بولىدۇ» دېگەن ئېدى، تاغام: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! مېنىڭ ئۆيدە باققان ئالتە ئايلىقتىن ئاشقان پاقلىنىم بار، ئۇ ئىككى ياشقا كىرگەن قوي-ئۆچكىلەردىن سېمىز ئۇنى قايتىدىن قۇربانلىق قىلسام بولامدۇ؟ دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ھە بۇ سىزگە بولىدۇ، سىزدىن باشقا كىشىلەرگە بولمايدۇ دېدى»، يەنە بىر رىۋايەتكە كۆرە: «سىزدىن كېيىن باشقا بىر كىشىدىن دۇرۇس بولمايدۇ دېدى». ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «كىمكى قۇربانلىق قىلىدىغان ئۇلاغنى ھېيت نامىزىدىن بۇرۇن ئۆلتۈرىدىكەن، بۇ ھەقىقەتەن ئۆزى ئۈچۈن ئۆلتۈرگەن گۆش بولىدۇ، نامازدىن كېيىن ئۆلتۈرسە بۇنىڭ بىلەن قۇربانلىقى ئادا بولىدۇ، مۇسۇلمانلارنىڭ يولى بويۇنچە ئىش قىلغان بولىدۇ». [بۇخارى رىۋايىتى 5563-، 5556-ھەدىسلەر. مۇسلىم رىۋايىتى 1961-ھەدىس].
بۇ ھەدىستە ئۆچكىنىڭ ياشقا توشمىغان ئوغلىقىنىڭ قۇربانلىققا كۇپايە قىلمايدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ، ئوغلاقنىڭ مەنىسىنى كېيىن بايان قىلىمىز.
ئىبنى قەييىم "تەھزىيب ئەسسۈنەن" ناملىق ئەسەردە مۇنداق دەيدۇ: «سىزدىن كېيىن باشقا بىر كىشىدىن دۇرۇس بولمايدۇ» دېگەن بۇ سۆز ياشقا توشمىغان قوزىنىڭ ئۇ ساھابىدىن باشقا كىشىلەردىن دۇرۇس بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ".
-جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قۇربانلىققا چارۋىلاردىن ياشقا توشقاننى قۇربانلىق قىلىڭلار، ئەگەر ياشقا توشقاننى تېپىش قېيىن بولۇپ قالسا، قويدىن ئالتە ئايلىقتىن ئاشقان پاقلاننى قۇربانلىق قىلساڭلار دۇرۇس بولىدۇ». [مۇسلىم رىۋايىتى 1963-ھەدىس].
بۇ ھەدىستىمۇ قويدىن ياشقا توشقاننى قۇربانلىق قىلىش، ئەگەر بولمىغاندا قوينىڭ ئالتە ئايلىقتىن ئاشقان پاقلىنى بولسا دۇرۇس بولىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.
ئىمام نەۋەۋىي "مۇسلىمنىڭ شەرھىسىدە" مۇنداق دەيدۇ: "ئالىملار مۇنداق دەيدۇ: قۇربانلىققا تۆگە، كالا، قوي-ئۆچكە قاتارلىق چارۋىلاردىن ياشقا توشقانلىرى بولىشى كېرەك، بۇ ئېنىقتۇر، لېكىن ھەرقانداق ھالەتتە قوينىڭ ئالتە ئايلىقتىن ئاشقان پاقلىنىدىن باشقا ياشقا توشمىغان ھەرقانداق نەرسىنى قۇربانلىق قىلىش توغرا بولمايدۇ".
ھاپىز ئىبنى ھەجەر: "ئەتتەلخىيس" 4-توم 285-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ھەدىسنىڭ كۆرۈنىشى: ياشقا توشقان قوي تاپالمىغان كىشى پاقلان قۇربانلىق قىلسا دۇرۇس بولىدىغانلىقى ئىپادىلىنىدۇ، ئەمما ئالىملارنىڭ بىرلىكى بۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، بۇنى: ياشقا توشقانلىرىنى قۇربانلىق قىلىش ئەۋزەل بولىدۇ دېسەك، بۇنىڭدىن: مۇستەھەپ بولغىنى: قۇربانلىققا ياشقا توشقان ئۇلاغ بولىشى كېرەك دېمەكتۇر".
نەۋەۋىيمۇ مۇسلىمنىڭ شەرھىسىدە مۇشۇنداق دېگەن.
"ئەۋنىل مەبۇدتا" بۇنى: بېكىتىلگەن چۈشەندۈرۈش دېگەن.
ئاندىن قۇربانلىققا قوي-ئۆچكىلەردىن ياشقا توشقانلىرى بولمىسا ئالتە ئايلىقتىن ئاشقان ئوغلاق بولسىمۇ بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ھەدىس بايان قىلغان. ئۇ ھەدىسلەردىن: ئۇقبە ئىبنى ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە قوينىڭ پاقلىنىنى قۇربانلىق قىلغان». [نىسائى رىۋايىتى 4382-ھەدىس. ھاپىز ئىبنى ھەجەر بۇ ھەدىسنىڭ ئىسنادى كۈچلۈك دېگەن. ئەلبانى نەسائىينىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].
"پىقھى توپلاملىرى"5-توم 85-بەتتە قۇربانلىق قىلىنىدىغان چارۋىلارنىڭ شەرتى توغرىسىدا مۇنداق كەلگەن:
" ئىككىنچى شەرت": قۇربانلىق قىلىنىدىغان ئۇلاغ ياشقا توشقان بولىشى كېرەك، تۆگە، كالا ۋە قوي-ئۆچكە قاتارلىق چارۋىلار ياشقا توشقان ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولىشى كېرەك، پاقلاندىن ئالتە ئايلىقتىن ئاشقىنى بولىشى كېرەك، ئەگەر ئۇنىڭدىن كىچىكلىرى بولسا قۇربانلىق دۇرۇس بولمايدۇ دېگەن قاراشتا ئۆلىمالار ئىتتىپاققا كەلگەن. بۇ پىقھى ئالىملار ئارىسىدا بىرلىككە كەلگەن قاراش بولۇپ، ئۇلار ياشقا توشقان ۋە ئالتە ئايلىقتىن ئاشقان پاقلان بولۇشى كېرەك دېگەن شەرتنى ئىزاھلاشتا پەرقلىق قاراشتا بولدى".
ئىبنى ئابدۇلبەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: قوينىڭ پاقلىنىدىن باشقا قۇربانلىق قىلىنىدىغان چارۋىلاردىن ۋە ئۆچكىنىڭ ئوغلىقىدىن ياشقا توشمىغانلىرى قۇربانلىققا دۇرۇس بولمايدۇ، ئۇنىڭ ھەممىسىدە ياشقا توشقان ياكى ئۇنىڭدىن چوڭلىرى دۇرۇس بولىدۇ، قوينىڭ پاقلىنىدىنمۇ ياشقا توشقانلىرى دۇرۇس بولىدۇ". ["تەرتىپ تەمھىيد" 10-توم 267-بەت].
ئىمام نەۋەۋىي :"ئەلمەجمۇ" 8-توم 366-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ئىسلام ئۇممىتى قۇربانلىققا: تۆگە، كالا، ئۆچكىلەردە ياشقا توشمىغانلىرىنىڭ دۇرۇس بولمايدىغانلىقىغا، ئەمما قوينىڭ پاقلىنى بولۇپ قالسا، ئۇنىڭ دۇرۇس بولىدىغانلىقىغا بىرلىككە كەلگەن، لېكىن ھەنبەلى مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ بەزىسى، ئىبنى ئۆمەر ۋە زۆھرى قاتارلىق ئالىملار ياشقا توشمىغان پاقلاننىڭ قۇربانلىققا دۇرۇس بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئەتا ئىبنى رەباھ ۋە ئەۋزائىي قاتارلىق ئالىملار: تۆگىنىڭ بوتىلىقى، كالىنىڭ موزىيى، ئۆچكىنىڭ ئوغلىقى ۋە قوينىڭ پاقلىنىنىڭ قۇربانلىققا دۇرۇس بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغان".
-ئالىملارنىڭ قۇربانلىق قىلىنىدىغان چارۋىلارنىڭ يېشى توغرىسىدىكى قارىشى.
قۇربانلىققا چارۋىلارنىڭ يېشىنى بېكىتىشنى شەرت قىلىشتا ئىماملار ئارىسىدا پەرقلىق قاراشلار بولدى:
-ھەنەپى، مالىكى، ھەنبەلى مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ قارىشىدا: قوينىڭ پاقلىنىدىن ئالتە ئايلىقتىن ئاشقىنى بولسا دۇرۇس بولىدۇ، شاپىئى مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ قارىشىدا ياشقا كىرگەن بولۇش كېرەك.
- ھەنەپى، مالىكى، ھەنبەلى مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ قارىشىدا: ئۆچكىدىن ياشقا كىرگىنى بولسا دۇرۇس بولىدۇ، شاپىئى مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ قارىشىدا بىر ياشنى تاماملىغان بولۇش كېرەك.
- ھەنەپى، شاپىئىي، مالىكى ۋە ھەنبەلى مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ قارىشىدا: كالىدىن قۇربانلىقنىڭ دۇرۇس بولىشى ئۈچۈن ئۈچ ياشنى تاماملىغان بولىشى كېرەك.
- ھەنەپى، شاپىئىي، مالىكى ۋە ھەنبەلى مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ قارىشىدا: تۆگىدىن قۇربانلىقنىڭ دۇرۇس بولىشى ئۈچۈن بەش ياشنى تاماملىغان بولىشى كېرەك.
"بەدائىئىس سەنائى"5-توم 70-بەت، "بەھرۇر رائىق" 8-توم 202-بەت، "ئەتتاج ۋەل ئىكلىل" 4-توم 363-بەت، "شەرھى مۇختەسەر خەلىيل" 3-توم 34-بەت "ئەلمەجمۇ" 8-توم 365-بەت، " ئەلمۇغنى" 13-توم 368-بەتكە قارالسۇن.
شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ : "قۇربانلىق ئەھكاملىرى" ناملىق ئەسەردە مۇنداق دەيدۇ: "ياشقا توشقان دېگەنلىك: تۆگىدىن بەش ياشقا توشقان، كالىدىن ئىككى ياشقا توشقان، قويدىن بىر ياشقا توشقان، پاقلاندىن ئالتە ئايلىققا توشقان، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكە قاتارلىق چارۋېلاردىن بەلگىلەنگەن ياشقا توشمىغانلىرى قۇربانلىققا دۇرۇس بولمايدۇ، شۇنىڭدەك قوينىڭ پاقلىنىنىڭمۇ ئالتە ئايغا توشمىغانلىرى قۇربانلىققا توغرا بولمايدۇ".
سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى تەشۋىقات پەتىۋا كومىتېتىنىڭ 11-توم 377-بەتتىكى پەتىۋاسىدا مۇنداق كەلگەن: "شەرئى دەلىللەرگە كۆرە: قۇربانلىققا قوينىڭ پاقلىنىدىن ئالتە ئايلىققا توشقىنى، ئۆچكىنىڭ ئوغلىقىدىن بىر ياشقا توشقىنى، كالىنىڭ موزىيىدىن ئىككى ياشنى توشقۇزغۇنى، تۆگىنىڭ بوتۇلىقىدىن بەش ياشنى تولۇقلىغىنى دۇرۇس بولىدۇ، ئەمما ئۇنىڭدىن كېچىك بولغانلىرى ھەديەدىمۇ ۋە قۇربانلىقتىمۇ دۇرۇس بولمايدۇ، بۇ قۇربانلىقتىن ئەڭ ئاسان بولغىنىدۇر، چۈنكى قۇرئان، ھەدىستىن بولغان دەلىللەرنىڭ بەزىسى بەزىسىنى چۈشەندۈرىدۇ". [دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى 11-توم 377-بەت].
كاسانى "بەدائىئ ۋە سەنائىئ" ناملىق ئەسىرى 5-توم 70-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "يۇقىرىدا بايان قىلىنغان قۇربانلىق قىلىنىدىغان چارۋىلارنىڭ يېشىنى بېكىتىش بولسا، كەمچىللىك بولۇشنى چەكلەش بولۇپ ھەرگىزمۇ زىيادە بولۇپ كېتىشنى چەكلەش ئەمەس، ھەتتا يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ياشتىكىدىنمۇ كېچىك ئۇلاغلارنى قۇربانلىق قىلىشقا بولمايدۇ، ئۇنىڭدىن چوڭ ياشتىكى چارۋىلارنى قۇربانلىق قىلسا دۇرۇس بولىدۇ بەلكى ياخشى بولىدۇ، ئەمما قۇربانلىققا: ھامىلدار ئۇلاغ، قوينىڭ قوزىسى، كالىنىڭ موزىيى ۋە تۆگىنىڭ بوتىلىقى دۇرۇس بولمايدۇ، ھەقىقەتەن دەلىلدە كەلگەندەك: بىز يۇقىرىدا بايان قىلغان ياشلارنىڭ بەلگىلىمىسى كەلدى، ئەمما ئۇلارنىڭ نەزىرىدە كىچىكلىرى بۇ ياش بىلەن ئاتالمىدى.
بۇنىڭدىن: مەزھەپ ئىماملىرىنىڭ قارىشىدا: ئىككى ياشتىن كىچىك بولغان موزاينى قۇربانلىق قىلىشنىڭ دۇرۇس بولمايدىغانلىقى ئېنىق بولدى. بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئىلىش ئۈچۈن 106597- ۋە 36432- نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.