ئىسلام دىنىدا بىر-بىرىنى ھېيت بايرىمىدا تەبرىكلەش رۇخسەت قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭغا قارىتا ئالاھىدە سالام بېرىش بەلگىلەنگەن ئەمەس. بەلكى، كىشىلەر ئادەتتە ئۆزلىرىنىڭ قىلىپ كېلىۋاتقان سالام، تەبرىكلىرىنى قىلسا بولىدۇ. ساھابىلەرنىڭ (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) بىر-بىرىنى ھېيت بايرىمىدا «ئاللاھ بىزدىن ۋە سىلەردىن ياخشى ئەمەللىرىمىزنى قوبۇل قىلسۇن» دەپ تەبرىكلەيدىغانلىقى بايان قىلىنغان. ھېيت نامىزىدىن كېيىن قول ئېلىشىپ ۋە قۇچاقلىشىپ تەبرىكلىشىشنىڭ ھېچقانداق خاتاسى يوق، چۈنكى كىشىلەر بۇنى ئىبادەت قىلىش ياكى ئاللاھقا يېقىنلىشىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئادەت، ھۆرمەت ۋە ئىززەتنىڭ بەلگىسى سۈپىتىدە قىلىدۇ. ھەرقانداق ئادەت ئىسلام پىرىنسىپىدا چەكلەنمەيدىكەن بۇ ئادەت ئەسلىدىكى دۇرۇسلۇق ھالىتىدە بولىدۇ.
ئىسلامدا ھېيتنى تەبرىكلەشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا
سوئال 49021
ھېيتنى تەبرىكلەشنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟، ھېيت نامىزىدىن كېيىن قۇچاقلىشىش ۋە كۆرۈشۈشنىڭ ھۆكمى قانداق؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
قىسقىچە جاۋاپ
جاۋاپنىڭ تېكىستى
-ھېيتنى تەبرىكلەشنىڭ ھۆكمى.
ساھابىلەرنىڭ (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) بىر-بىرىنى ھېيت بايرىمىدا «ئاللاھ بىزدىن ۋە سىلەردىن ياخشى ئەمەللىرىمىزنى قوبۇل قىلسۇن» دەپ تەبرىكلەيدىغانلىقى بايان قىلىنغان.
جۇبەير ئىبنى نۇپەيردىن بايان قىلىپ، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى ھېيت كۈنى بىر-بىرى بىلەن ئۇچراشسا، بەزىسى بەزىسىگە «ئاللاھ بىزدىن ۋە سىلەردىن ياخشى ئەمەللىرىمىزنى قوبۇل قىلسۇن» دەيتتى. [ھاپىز ئىبنى ھەجەر بۇنىڭ ئىسنادى ھەسەن دېگەن].
ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ھېيت كۈنى بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمگە: «ئاللاھ بىزدىن ۋە سىزدىن ياخشى ئەمەللىرىمىزنى قوبۇل قىلسۇن» دېسە بولىدۇ. بۇنى ئىبنى قۇدامە "ئەل مۇغنى" دا نەقىل قىلغان.
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھدىن: " ھېيت كۈنىدە بىر-بىرىنى تەبرىكلەش، كىشىلەر ئادىتى بويۇنچە: ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىشىدۇ، بۇنىڭ شەرىئەتتە ئەسلى بارمۇ يوقمۇ؟ ئەگەر شەرىئەتتە بۇنىڭ ئەسلى بولسا، نېمە دېيىش كېرەك بولىدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: " ھېيت كۈنى ھېيت نامىزىدىن كېيىن بىر-بىرىگە بىلەن ئۇچرىشىپ بىر-بىرىنى تەبرىكلەپ : "ئاللاھ بىزدىن ۋە سىلەردىن ياخشى ئەمەللىرىمىزنى قوبۇل قىلسۇن"، يەنە قايتا ھېيت قىلغىلى مۇيەسسەر قىلسۇن دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىشى يوللۇق. بۇ توغرىدا بىر قىسىم ساھابىلارنىڭمۇ شۇنداق قىلغانلىقى بايان قىلىنغان. ئىمام ئەھمەد ۋە باشقا مۇجتەھىد ئىماملارمۇ بۇنىڭغا رۇخسەت قىلغان، لېكىن ئىمام ئەھمەد مۇنداق دېگەن: " مەن باشقىلارنى ئالدىن تەبرىكلىمەيمەن، ئەگەر مېنى تەبرىكلىسە مەن جاۋاپ قايتۇرىمەن، چۈنكى سالامغا جاۋاپ قايتۇرۇش ۋاجىپتۇر، ئەمما دەسلەپتە تەبرىك يوللاش بولسا بۇيرۇلغان سۈننەت ئەمەستۇر، شۇنداقلا چەكلەنگەن ئىشمۇ ئەمەس، بۇنى قىلغان كىشىنىڭ ئەگىشىدىغان كىشىسى بار، تەرك قىلغان كىشىنىڭمۇ ئەگىشىدىغان كىشىسى بار" .
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.
[پەتىۋا كۇبرا 2 -توم 228 -بەت].
شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: " ھېيتنى تەبرىكلەشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ ئۇنىڭ مۇئەييەن بىر پورمۇلاسى بارمۇ؟ دەپ سورالغاندا، مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: "ھېيتنى تەبرىكلەش دۇرۇس، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئايرىم تەبرىكلەيدىغان بىر پورمۇلا يوق، ئەگەر گۇناھ بولمىغان ئەھۋالدا كىشىلەرنىڭ ئادەتتىكى تەبرىكلىرى دۇرۇس بولىدۇ".
يەنە مۇنداق دېگەن: "بەزى ساھابىلارنىڭ ھېيتنى تەبرىكلىگەنلىكى بايان قىلىنغان، مۇبادا ئۇلارنىڭ ھېيتنى تەبرىكلىگەنلىكى بايان قىلىنمىغان تەقدىردىمۇ، كىشىلەر رامىزاننى تاماملاپ، ھېيتنىڭ كىرگەنلىكىنى بىلگەندە بىر-بىرىنى تەبرىكلەش ئادەت بولغان ئىشلاردىندۇر".
-ھېيت نامىزىدىن كېيىن قۇچاقلىشىش ۋە كۆرۈشۈشنىڭ ھۆكمى.
يەنە ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: ھېيت نامىزىدىن كېيىن قۇچاقلىشىش ۋە كۆرۈشۈشنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: " ھېيت نامىزىدىن كېيىن قول ئېلىشىپ، قۇچاقلىشىپ تەبرىكلىشىشنىڭ ھېچقانداق خاتاسى يوق، چۈنكى كىشىلەر بۇنى ئىبادەت قىلىش ياكى ئاللاھقا يېقىنلىشىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئادەت، ھۆرمەت ۋە ئىززەتنىڭ بەلگىسى سۈپىتىدە قىلىدۇ. ھەرقانداق ئادەت ئىسلام پىرىنسىپىدا چەكلەنمەيدىكەن بۇ ئادەت ئەسلىدىكى دۇرۇسلۇق ھالىتىدە بولىدۇ". [شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالار مەجمۇئەسى 16 -توم 208 - 210 -بەت].
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.
مەنبە:
ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى