شەنبە 18 شەۋۋال 1445 - 27 ئاپرىل 2024
Uygur

پىديە بېرىشتىكى ئىختىيارلىق توغرىسىدا

سۇئال

   ئېھرامدا ھەزەر قىلىنغان ئىشلارنى سادىر قىلغان كىشىگە قوي ئۆلتۈرۈش ياكى ئۈچ كۈن روزا تۇتۇش ياكى ئالتە مىسكىنگە يېمەك بېرىش كېرەك بولامدۇ؟. ئۇ كىشى ئۈچۈن مۇشۇ ئۈچ ئىشتىن بىرىنى تاللاش ئىختىيارلىقى بارمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ھەج ياكى ئۆمرىگە ئېھرام كىيگەن كىشىنىڭ چېچىنى ئېلىشى، تىرناقلىرىنى ئېلىشى، بېشىنى بېشىغا چاپلىشىپ تۇرىدىغان نەرسە بىلەن ئورىشى، ئەرلەر ئۈچۈن تىكىلگەن كىيىملەرنى كىيىشى، ئاياللارنىڭ پەلەي ۋە نىقاپ كىيىشى، بەدىنىگە ۋە كىيىمىگە ئەتىرگە ئوخشاش خۇشپۇراق نەرسىلەرنى ئىشلىتىشى، ئوۋ ھايۋانلىرىنى ئۆلتۈرۈشى، نىكاھ ئەقدىسى قىلىشى، جىنسى مۇناسىۋەت ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار بولغان ئىشلارنى قىلىشى ھارام بولىدۇ. بۇ ھەقتە 11356 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

    ئېھراملىق كىشىدىن يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىشلاردىن بىرىنىڭ سادىر بولىشى تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىدىن خالى بولمايدۇ:

    بىرىنچى: ئۇنتۇپ قىلىپ، بىلمەي، مەجبۇرلىنىپ ياكى ئۇخلاپ قىلىپ قىلغان بولسا ئۇ كىشىگە ھېچقانداق جازا كەلمەيدۇ.

    ئىككىنچى: چەكلەنگەن ئىشنى قىلىشنى دۇرۇس قىلىدىغان ئۈزۈر بىلەن ئۇ ئىشنى قەستەن قىلغان بولسا، ئۇ كىشىگە گۇناھ بولمايدۇ، چەكلەنگەن ئىشنىڭ پىديىسىنى ئۆتەش كېرەك بولىدۇ، بۇنىڭ بايانى تۆۋەندە كېلىدۇ.

    ئۈچىنچى: ئۈزۈرسىز قەستەن قىلغان بولسا، ئۇ كىشى گۇناھكار بولىدۇ، ئۇنىڭغا كېتىدىغان پىديە بىر قانچە تۈرلۈك بولىدۇ:

    بىرىنچى تۈرى: نىكاھ ئەقدىسى قىلغان بولسا بۇنىڭغا پىديە كەتمەيدۇ.

   ئىككىنچى تۈرى: ھەجدە ئەرەپاتتا تۇرۇشتىن ئىلگىرى جىنسى مۇناسىۋەت قىلغان بولسا، ئۇنىڭ پىديىسىگە تۆگە كېتىدۇ.

   ئۈچىنچى تۈرى: پىديىسى ئىختىيارلىق بىلەن بولىدىغىنى، ئۈچ كۈن روزا تۇتىدۇ خالىسا ئارقىمۇ-ئارقا ئۈچ كۈن تۇتىدۇ ياكى ئايرىم-ئايرىم ئۈچ كۈن تۇتسىمۇ بولىدۇ ياكى قۇربانلىققا يارايدىغان قويدىن بىرىنى بوغۇزلايدۇ ياكى كالا، تۆگىنىڭ يەتتىدىن بىرىگە شېرىك بولۇپ پىديىگە ئايرىيدۇ، ئۇنىڭ گۆشىنى ئۆزى ۋە ئائىلىسىدىكىلەر يېمەستىن يوقسۇللارغا تارقىتىپ بېرىدۇ ياكى ئالتە كەمبەغەلگە يېمەك بېرىدۇ، ھەر بىرىگە بىر يېرىم كىلو ئەتراپىدا يېمەك بېرىدۇ، چېچىنى، تىرنىقىنى ئالغان، خۇشبۇي نەرسە ئىشلەتكەن، جىنسى مۇناسىۋەت قىلمىسىمۇ ئايالى بىلەن قۇچاقلىشىپ سۆيۈشكەن، ئايال پەلەي كىيگەن، نىقاپ تاقىغان، ئەر  بېشىنى ئورىغان ۋە يىڭنىدە تىكىلگەن كىيىم كىيگەن يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىشلاردىن بىرنى قىلغانلار قوي ئۆلتۈرۈش ياكى روزا تۇتۇش ياكى كەمبەغەلگە يېمەك بېرىشتىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك ئىشنىڭ بىرىنى ئادا قىلسا پىديىگە كۇپايە قىلىدۇ.

    تۆتىنچى: پىديىسى قىلغان ئىشنىڭ جازاسى ياكى ئۇنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغان نەرسە بولسا يەنى ئوۋ ھايۋانلىرىنى ئۆلتۈرۈشكە ئوخشاش ، ئوۋ ھايۋىنىنىڭ ئوخشىشى بولۇپ قالسا ئۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۈچ ئىشنىڭ بىرىنى تاللىسا بولىدۇ:

  1-ئوۋلىغان ھايۋانغا چوڭ-كىچىكلىكتە ئوخشايدىغان بىر ھايۋان ئۆلتۈرۈپ ئۇنىڭ گۆشىنى يوقسۇللارغا تارقىتىپ بېرىش.

  2-ئوۋلىغان ھايۋانغا چوڭ-كىچىكلىكتە ئوخشايدىغان ھايۋاننىڭ قىممىتىنى ھېسابلاپ ئۇ پۇلغا يېمەك سېتىۋېلىپ ھەر بىر كەمبەغەلگە بىر يېرىم كىلو-ئىككى كىلو ئەتراپىدا تارقىتىپ بېرىلىدۇ.

   3-ھەر بىر كەمبەغەلگە يېمەك بەرگەننىڭ ئورنىغا بىر كۈندىن روزا تۇتىدۇ.

   ئەمما ئوۋ ھايۋىنىنىڭ ئوخشىشى بولمىسا ئۇ كىشى ئىككى ئىشنىڭ بىرىنى تاللايدۇ: 

   1-ئۆلتۈرۈلگەن ئوۋ ھايۋىنى قانچە كىلوغا باراۋەر كېلىدۇ دەپ جىڭلاپ ئۇنىڭ باراۋېرىدە يېمەكلىك چىقىرىپ ئۇنى مىسكىنلەرگە ھەر بىرىگە بىر يېرىم كىلو-ئىككى كىلو ئەتراپىدا تارقىتىپ بېرىدۇ.

   2-ھەر بىر كەمبەغەلگە بېرىدىغان يېمەكلىكنىڭ ئورنىغا بىر كۈندىن روزا تۇتىدۇ.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالىرى 22-توم 205-206-بەت.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

ئۇنىڭغا ئالاقىدار تىمىلار