چارشەنبە 22 شەۋۋال 1445 - 1 ماي 2024
Uygur

چۈشكۈرگۈچىنىڭ ھەمدە ئېيتىشى، ۋە ئاڭلاپ جاۋاپ بەرگەن كىشىگە قايتا جاۋاپ قايتۇرۇشى توغرىسىدا

سۇئال

  مۇسۇلمانلاردىن كۆپلىگەن كىشىلەر: چۈشكۈرگەندە ئۇنىڭغا جاۋاپ بەرگەن كىشىگە: "ئاللاھ بىزگە ۋە سىزگە رەھمەت قىلسۇن ياكى ئاللاھ بىزنى ۋە سىزنى ھىدايەت قىلسۇن" دېگەندەك جاۋابنى بېرىدۇ، بۇنداق جاۋاپ قايتۇرۇش توغرىمۇ؟ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن مۇشۇنداق كەلگەنمۇ؟ بۇنىڭ توغرا شەكلى قايسى؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   چۈشكۈرگۈچىنىڭ ئاللاھقا ھەمدە ئېيتىشى بۇنى ئاڭلىغان كىشىنىڭ  پەرقلىق دۇئالار بىلەن جاۋاپ بەرگەنلىكى توغرىسىدا ھەدىسلەر بايان قىلىنغان:

   ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار چۈشكۈرسە ئەلھەمدۇ لىللاھ دېسۇن، بۇنى ئاڭلىغان كىشى يەرھەمۇكەللاھ دېسۇن، چۈشكۈرگەن كىشىگە يەرھەمۇ كەللاھ دېگەندە، ئۇ كىشى: ئاللاھ سىزنى ھىدايەت قىلسۇن ۋە ئەھۋالىڭىزنى ئىسلاھ قىلسۇن دېسۇن». [بۇخارى رىۋايىتى 6224-ھەدىس].

    ئىمام بۇخارى"ئەدابۇل مۇپرەد"ناملىق ئەسەر 249-بەتتە: بۇ ھەدىس مۇشۇ باپتا رىۋايەت قىلىنغان ئەڭ سەھىھ ھەدىس دېگەن.

    ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار چۈشكۈرسە ھەر قانداق ھالەتتە ئاللاھقا ھەمدىلەر بولسۇن دېسۇن، بۇنى ئاڭلىغان كىشى يەرھەمۇكەللاھ دېسۇن، چۈشكۈرگەن كىشىگە يەرھەمۇ كەللاھ دېگەندە، ئۇ كىشى: ئاللاھ سىزنى ھىدايەت قىلسۇن ۋە ئەھۋالىڭىزنى ئىسلاھ قىلسۇن دېسۇن». [ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى 5033-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرى توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

    سالىم ئىبنى ئۇبەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار چۈشكۈرسە، ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا ھەمدىلەر بولسۇن دېسۇن، بۇنى ئاڭلىغان كىشى يەرھەمۇكەللاھ دېسۇن، چۈشكۈرگەن كىشىگە يەرھەمۇ كەللاھ دېگەندە، ئۇ كىشى: ئاللاھ بىزنى ۋە سىلەرنى مەغپىرەت قىلسۇن دېسۇن». [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 5031-ھەدىس. تىرمىزى رىۋايىتى 2740-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى زەئىپ دەپ ئەبۇ داۋۇدنىڭ زەئىپ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

   "سەھىھ ئەدابۇل مۇپرەد" ناملىق ئەسەر715-ھەدىستە، ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا توختالغان.

    ئەبۇ جەمرەتە مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ چۈشكۈرگىنىنى ئاڭلاپ جاۋاپ قايتۇرسام، ئۇ ماڭا: ئاللاھ تائالا سىزنى ۋە بىزنى دوزاختىن سالامەت قىلسۇن، ئاللاھ سىزگە رەھمەت قىلسۇن دېدى». [شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ: "سەھىھ ئەدابۇل مۇپرەد" 955-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].

    ئىمام مالىك ناپىدىن بايان قىلغان ئەسەردە: «ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ چۈشكۈرۈپ ئەلھەمدۇ لىللاھ دېگەندە، ئۇنىڭغا: ئاللاھ سىزگە رەھمەت قىلسۇن دېگەندە، ئۇ زات: ئاللاھ تائالا بىزگە ۋە سىزگە رەھمەت قىلسۇن ۋە بىزنى ۋە سىزنى مەغپىرەت قىلسۇن دېگەن». [ئىمام مالىك "ئەلمۇئەتتە" 1800-ھەدىس].

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ "مۇسلىمنىڭ شەرھىسى"دە مۇنداق دەيدۇ: قازى ئىياز مۇنداق دېگەن: "ئالىملار چۈشكۈرگەن كىشى ھەمدىنى قايسى شەكىلدە ئېيتىش ۋە قانداق جاۋاپ بېرىشتە پەرقلىق قاراشتا بولدى، بۇ توغرىدا كەلگەن ئەسەرلەرمۇ پەرقلىق بولدى، بەزىلەر: ئاللاھقا ھەمدىلەر بولسۇن دەيمىز دېسە، يەنە بەزىلەر: ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا ھەمدىلەر بولسۇن دەيمىز دەيدۇ، بەزىلەر: ھەرقانداق ھالەتتە ئاللاھقا ھەمدىلەر بولسۇن دەيمىز دەيدۇ.

    ئىبنى جەرىر تەبەرى: مۇشۇ لەۋزىلەرنىڭ قايسىسىنى تاللىسا بولىدۇ دەيدۇ، بۇ توغرا قاراشتۇر، ئالىملارنىڭ ھەممىسى چۈشكۈرگەندە ئاللاھ تائالاغا ھەمدە ئېيتىشقا بۇيرۇلغانلىقتا ئىتتىپاققا كەلگەندۇر.

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئالىملار چۈشكۈرگەن كىشىنىڭ ئۆزىگە جاۋاپ بەرگەن كىشىگە جاۋاپ قايتۇرۇشى توغرىسىدا پەرقلىق قاراشلاردا بولدى، بەزىلەر: ئاللاھ سىزنى ھىدايەت قىلسۇن ۋە ئەھۋالىڭىزنى ئىسلاھ قىلسۇن دەيمىز دەيدۇ. يەنە بەزىلەر: ئاللاھ تائالا: بىزنى ۋە سىزنى مەغپىرەت قىلسۇن دەيمىز دەيدۇ. ئىمام مالىك ۋە شافىئىي رەھىمەھۇمۇللاھ: بۇ ئىككى لەۋزىنىڭ بىرىنى تاللايدۇ، بۇ ئەڭ تۇغرىسى، بۇ ئىككى لەۋزە توغرىسىدىكى ھەدىسلەر سەھىھ ھەدىسلەردۇر.

سۆزنىڭ خۇلاسىسى: چۈشكۈرگۈچىنىڭ ئېيتىدىغان ھەمدىسى ۋە ئۇنى دېگەن كىشىگە رەت قايتۇرىشىمۇ تۈرلۈك شەكىلدە كەلگەن:

   "ئەلھەمدۇ لىللاھ"، ھەر قانداق ھالەتتە ئاللاھقا ھەمدىلەر دېسۇن، ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا ھەمدىلەر بولسۇن.

   قارشى تەرەپكە بېرىدىغان جاۋاپمۇ تۈرلۈك يوللار بىلەن بولىدۇ:

   ئاللاھ سىزنى ھىدايەت قىلسۇن ۋە ئىشلىرىڭىشنى ياخشى قىلسۇن دېسۇن، ئاللاھ بىزنى ۋە سىلەرنى مەغپىرەت قىلسۇن.

ئاللاھ تائالا بىزنى ۋە سىلەرنى دوزاختىن ساقلىسۇن، ئاللاھ سىلەرگە رەھمەت قىلسۇن.

ئاللاھ تائالا بىزگە ۋە سىزگە رەھمەت قىلسۇن، بىزنى ۋە سىزنى مەغپىرەت قىلسۇن. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان لەۋزىلەرنىڭ ھەممىسى سەھىھ ھەدىسلەردە بايان قېلىنغان. مۇسۇلمان كىشى بۇنىڭدىن قايسىسىنى تاللىسا بولىدۇ.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى