بېلىق، ئات، كىيىك ياكى توخۇ قاتارلىق نەرسىلەر قۇربانلىققا يارىمايدۇ، چۈنكى قۇربانلىقنىڭ شەرتلىرىدىن: ئۇنىڭ تۆگە، كالا، قوي، ئۆچكە قاتارلىق ھايۋانلاردىن ياكى ئۇلارنىڭ تۈرلىرىدىن بولىشىدۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَلِكُلِّ أُمَّةٍ جَعَلْنَا مَنْسَكًا لِيَذْكُرُوا اسْمَ اللَّهِ عَلَى مَا رَزَقَهُمْ مِنْ بَهِيمَةِ الأَنْعَامِ تەرجىمىسى: «ھەر ئۈممەت ئاللاھ ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن چارۋىلارنى (شۈكۈر قىلىش يۈزىسىدىن قۇربانلىق قىلغانلىرىدا) ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئېيتسۇن دەپ، ئۇلارغا قۇربانلىقنى بەلگىلىدۇق» [سۈرە ھەج 34-ئايەت].
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ياكى ساھابىلارنىڭ ھېچ بىرىدىن قۇربانلىقتا: تۆگە، كالا، قوي، ئۆچكە قاتارلىق ھايۋانلاردىن باشقىسىنى قۇربانلىق قىلغانلىقى نەقىل قىلىنمىغان. ["پەتھىل قەدىر" 9-توم 97-بەت].
ئىمام نەۋەۋىي "ئەل مەجمۇ" 8-توم 364-366-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "قۇربانلىق قىلىش دۇرۇس بولىدىغان ھايۋانلار: تۆگە، كالا، قوي، ئۆچكە قاتارلىقلار ياكى ئۇلارنىڭ تۈرلىرىدىن بولىشى كېرەك، يەنى تۆگىنىڭ ھەممە تۈرلىرىدىن، كالىنىڭ ھەممە تۈرىدىن، قوينىڭ ۋە ئۆچكىنىڭ ھەممە تۈرلىرىدىن بولىدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ۋەھشىلىرى مەسىلەن: ياۋا كالا (قوتاز)، ياۋا ئېشەك(قۇلان) قاتارلىقلار مەيلى ئەركىكى بولسۇن ياكى چىشىسى بولسۇن قۇربانلىققا يارىمايدۇ. بىزنىڭ مەزھەپتە بۇ توغرىدا ھېچ ئىختىلاپ يوق".
قوي بىلەن نەسىللەندۈرۈلگەن كېيىكتىن تۇغۇلغان ھايۋانلار قۇربانلىققا يارىمايدۇ".
ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھمۇ "ئەلمۇغنى" 368-بەتتە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سۆز قىلغان.
شەيخ مۇھەممەد بن سالىھ ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ ئۆزىنىڭ "قۇربانلىق ۋە زاكات ھۆكۈملىرى" ناملىق رىسالىسىدە مۇنداق دەيدۇ: "قۇربانلىق قىلىنىدىغان ھايۋانلار بولسا پەقەت چارۋىلاردىن بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَلِكُلِّ أُمَّةٍ جَعَلْنَا مَنْسَكًا لِيَذْكُرُوا اسْمَ اللَّهِ عَلَى مَا رَزَقَهُمْ مِنْ بَهِيمَةِ الأَنْعَام تەرجىمىسى: «ھەر ئۈممەت ئاللاھ ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن چارۋىلارنى (شۈكۈر قىلىش يۈزىسىدىن قۇربانلىق قىلغانلىرىدا) ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئېيتسۇن دەپ، ئۇلارغا قۇربانلىقنى بەلگىلىدۇق» [سۈرە ھەج 34-ئايەت].
قۇربانلىق قىلىنىدىغان چارۋىلار بولسا: تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكە قاتارلىقلاردۇر، ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھمۇ بۇنى كەسكىنلەشتۈردى.
ھەسەن بەسەرى ۋە قەتادە قاتارلىق ئالىملارمۇ شۇنداق دېگەن.
ئىبنى جەرىير" ئەرەبلەرنىڭ قارىشىدىمۇ مۇشۇلاردىن ئىبارەتتۇر دېگەن.
بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئۇلاغلاردىن قۇربانلىق قىلسا بولىدۇ دېگەن ياشقا تولغاننى قۇربانلىق قىلىڭلار، ئەگەر ئۇنىڭدا سىلەرگە قىيىنچىلىق بولۇپ قالسا، ئالتە ئايلىقتىن ئاشقان سىمىز پاقلاننى قۇربانلىق قىلساڭلارمۇ بولىدۇ». [مۇسلىم رىۋايىتى 1963- ھەدىس].
چۈنكى قۇربانلىق دېگەن ھەجدىكى ھەدىيگە ئوخشاش ئىبادەت بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭدا پەقەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن نەقىل قىلىنغان چارۋىلار قۇربانلىق قىلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۆگە، كالا، قوي ياكى ئۆچكىدىن باشقا ھايۋانلارنى ھەدىيە ياكى قۇربانلىق قىلغانلىقى توغرىسىدا بىرەر نەقىل كەلمىگەن.