سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

بالاغەتكە يەتكەندىن كېيىنمۇ بىر قانچە يىل روزا تۇتمىغان كىشى توغرىسىدا

سۇئال

   مەن يىگىرمە بەش ياشلىق بىر قىز، لېكىن مەن، بالاغەتكە يەتكەندىن باشلاپ يىگىرمە بىر ياشقا كىرگەنگە قەدەر روزا تۇتمىدىم، ۋە ھورۇنلۇق قىلىپ نامازمۇ ئوقۇمىدىم، دادام ماڭا بۇ توغرىدا كۆپ نەسىھەت قىلاتتى، لېكىن مەن پەرۋا قىلمايتتىم، ھازىر نېمە قىلىشىم كېرەك بولىدۇ؟، ئاللاھ تائالا مېنى توغرا يولغا باشلىدى، مەن ھازىر روزا تۇتىۋاتىمەن ۋە نامازنىمۇ ئادا قىلىۋاتىمەن، ئۆتكەن ئىشلىرىمغا كۆپ پۇشايمان قىلىمەن؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

   تەۋبە قىلىش بىلەن ئىلگىرىكى گۇناھلار يوق بولىدۇ، سىز ئۆتكەن قىلمىشىڭىزغا پۇشايمان قىلىپ، كەسكىن ئىرادىگە كېلىپ، ئىبادەتنى سەمىمىيلىك بىلەن ئادا قىلىڭ، كېچىلىك ناماز، چاشكا نامىزى ۋە باشقا نەپلە نامازلارنى كۆپ ئوقۇڭ، نەپلە روزا تۇتۇڭ، كۆپ زىكىر-تەسبىھ ئېيتىڭ، قۇرئان ئوقۇڭ ۋە دۇئا قىلىڭ، ئاللاھ تائالا ئۆزىگە ئىلتىجا قىلغان بەندىسىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ، خاتالىقلىرىنى ئەپۇ قىلىدۇ.

مەنبە: پەزىلەتلىك شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ پەتىۋالىرىدىن ئىلىندى.