ئەقىقە نىيىتى قۇربانلىققا كۇپايە قىلامدۇ؟ ياكى قۇربانلىق نىيىتى ئەقىقىگە كۇپايە قىلامدۇ؟

سوئال 82161

قۇربان ھېيتتا قۇربانلىق قىلىنىدىغان بىر ئۇلاغقا ئەقىقە ۋە قۇربانلىق نىيىتىنى بىرگە قىلسا، كۇپايە قىلامدۇ؟، بۇنىڭ بىلەن ئەقىقە دۇرۇس بولامدۇ؟، سۈننەتكە يېقىن بولغان ئەمەلنى كۈچلاندۇرۇپ بايان قىلىپ ماڭا ياردەم بېرىڭلار؟.

قىسقىچە جاۋاپ

قۇربانلىق قىلىنىدىغان بىر ئۇلاغقا ئەقىقە ۋە قۇربانلىق نىيىتىنى بىرگە قىلسا، كۇپايە قىلامدۇ؟ دېگەن بۇ مەسىلە توغرىسىدا پىقھى ئالىملىرى پەرقلىق ئىككى قاراشتا بولدى:

بىرىنچى قاراش: ئۇ ئىككىسىگە كۇپايە قىلىدۇ، ئىككىنچى قاراش: ئۇ ئىككىسىگە كۇپايە قىلمايدۇ، بىزگە مەلۇم بولغىنى مۇشۇ، ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

قۇربانلىق قىلىنىدىغان بىر ئۇلاغقا ئەقىقە ۋە قۇربانلىق نىيىتىنى بىرگە قىلسا، كۇپايە قىلىدۇ دېگەن قاراشنى شەيخ مۇھەممەد بىن ئىبراھىم رەھىمەھۇللاھ تاللىغان.

مەزمۇنغا ئالاقىدار تىمىلار

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

قۇربانلىق قىلىنىدىغان بىر ئۇلاغقا ئەقىقە ۋە قۇربانلىق نىيىتىنى بىرگە قىلسا، كۇپايە قىلامدۇ؟ دېگەن بۇ مەسىلە توغرىسىدا پىقھى ئالىملىرى پەرقلىق ئىككى قاراشتا بولدى:

بىرنچى قاراش: قۇربانلىق ئەقىقىدىن كۇپايە قىلىدۇ. بۇ ھەسەن بەسەرىي، مۇھەممەد بىن سىيرىن، قەتادە قاتارلىق ئالىملارنىڭ سۆزىدۇر. ھەنەفى مەزھەپ ئالىملىرىمۇ بۇ قاراشتا، ئىمام ئەھمەدتىن بايان قىلىنغان ئىككى قاراشنىڭ بىرىدۇر.

ئۇلار بۇ مەسىلىنى جۈمە كۈنى بىلەن ھېيت-بايرام- بىرلىكتە كەلگەنلىككە ئوخشاش قىلدى، چۈنكى بۇ كۈندە ئىككى نامازنىڭ بىرىنى ئادا قىلغان بولسا يەنە بىرىنى جامائەت بىلەن ئوقۇشتىن كۇپايە قىلىدۇ. ھەقىقەتەن بۇ ئىككى ناماز خۇتبىدە، رەكەت سانىدا، قىرائەتنى ئۈنلۈك قىلىشتا بىردەك بولدى، شۇنىڭدەك ئەقىقە ۋە قۇربانلىقتىمۇ بوغۇزلايدىغان مال بىردۇر.

ئۇلار يەنە مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھەر قانداق مۇسۇلمان مەسچىتكە كىرگەندە مەسچىت ھۆرمىتى نامىزى بىلەن ئىككى رەكەت سۈننەتنى بىرگە نىيەت قىلىپ ئوقۇغانغا ئوخشاشدۇر.

ئىككىنچى قاراش: قۇربانلىق ئەقىقىدىن كۇپايە قىلمايدۇ، بۇ، مالىكى ۋە شاپىئىي مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ قارىشىدۇر ۋە ئىمام ئەھمەدتىنمۇ مۇشۇنداق بىر قاراش بايان قىلىنغان.

ئۇلار مۇنداق دەيدۇ: قۇربانلىق ۋە ئەقىقە دېگەن پەرقلىق ئىككى سەۋەپ ئۈچۈن بوغۇزلىنىدىغان ئىككى ئۇلاغدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇنىڭ بىرى يەنە بىرىدىن كۇپايە قىلمايدۇ، قانداقكى، مۇبادا ھەج تەمەتتۇنىڭ قۇربانلىقى بىلەن پىديىنىڭ قۇربانلىقى بىرگە كېلىپ قالسا، ئۇنىڭ بىرى يەنە بىرىدىن كۇپايە قىلمىغانغا ئوخشاشتۇر.

ئۇلار يەنە مۇنداق دەيدۇ: "شاپىئى مەزھىپىدىكى مەككىدە ياشىغان ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھدىن: قۇربانلىق كۈنلىرىدە قۇربانلىقنى ئەقىقە نىيىتى بىلەن بىرگە بوغۇزلىسا، قۇربانلىق ۋە ئەقىقە بىردەك ھاسىل بولامدۇ؟، دەپ سورالغاندا، ئۇ كىشى مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: "بىزنىڭ مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ قارىشى ۋە يىللاردىن بىرى ئىجرا بولۇپ كەلگەن پرىنسىپقا كۆرە، بۇنى بىر-بىرىگە كىرگۈزۈشكە بولمايدۇ، چۈنكى قۇربانلىق ۋە ئەقىقىنىڭ ھەر بىرى ئۆز زاتى مەقسەت قىلىنىدىغان، سەۋەبى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان، بىرىدىن مەقسەت قىلىنغان نەرسە يەنە بىرىدىن مەقسەت قىلىنمايدىغان پەرقلىق ئىبادەتتۇر، چۈنكى، قۇربانلىق دېگەن جاندىن بولغان پىدادۇر، ئەقىقە بولسا بالىدىن بولغان پىدادۇر، چۈنكى بۇنىڭ بىلەن بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىدۇ، ياراملىق بولىدۇ، ئۇنىڭ ياخشىلىقى ۋە قىيامەتتە شاپائىتى ئۈمىت قىلىنىدۇ. ئۇ ئىككى ئىبادەتنى بىر-بىرىگە كىرگۈزۈشكە بولىدۇ دېگەن سۆز بىلەن، ئۇ ئىككىسىدىن ھەر بىرىدىن بولغان مەقسەت يوق بولۇپ كېتىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ بىرى يەنە بىرىدىن كۇپايە قىلىدۇ دېيىش مۇمكىن بولمايدۇ.

ئۇلار يەنە ھېيت نامىزى ئۈچۈن يۇيۇنۇش ۋە جۈمە كۈنىدە يۇيۇنۇشنىڭ سۈننەتلىكى، پېشىننىڭ سۈننىتى بىلەن ئەسىرنىڭ سۈننىتى ھەققىدىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سۆزنى قىلغان. ئەمما مەسچىت ھۆرمىتى نامىزى ۋە ئۇنىڭ ئوخشاشلىرى بولسا ئۆز زاتى مەقسەت قىلىنىدىغان ئەمەللەردىن ئەمەس، بەلكى مەسچىتنىڭ ھۆرمىتى ئاياغ-ئاستى قىلىنمىسۇن دەپ قىلىنىدۇ، بەلكى بۇ باشقا نامازلار بىلەنمۇ ھاسىل بولىدۇ. شۇنىڭدەك، دۈشەنبە كۈنىدە روزا تۇتۇش، بۇنىڭ بولغان مەقسەت:  بۇ كۈننى روزىدىن ئىبارەت مەخسۇس ئىبادەت بىلەن ئېھيا قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. بۇ شۈ كۈندە تۇتۇلغان ھەر قانداق روزا بىلەن بولسا بولىدۇ.  ئەمما قۇربانلىق ۋە ئەقىقە مەسىلىسى بولسا، ئۇنداق ئەمەس، بۇنى يۇقىرىدا ناھايىتى ئېنىق بايان قىلدۇق". [پىقھى پەتىۋالىرى 4 -توم 256 -بەت].

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر. ئېنىقراق بولغىنى: قۇربانلىق ئۈچۈن ۋە ئەقىقە ئۈچۈن بىر قۇربانلىق كۇپايە قىلىدۇ، بۇ ھۆرمەتلىك شەيخ مۇھەممەد بىن ئىبراھىم رەھىمەھۇللاھنىڭ تاللىغان قارىشىدۇر. بىز بۇنىڭ دۇرۇسلىقى توغرىسىدا 106630 -نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا:  شەيخنىڭ سۆزىنى ۋە باشقا نەقىل قىلىنغان سۆزلەرنىمۇ بايان قىلدۇق.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەرجەلەر

ئەقىيقە ۋە بوۋاق ھەققىدىكى ئەھكاملار
قۇربانلىق

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

Previous
كېيىنكى
answer

مەزمۇنغا ئالاقىدار تىمىلار

at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android