پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

تەۋبىنىڭ قوبۇل بولىشى توغرىسىدا

سۇئال

مەن چوڭ گۇناھ سادىر قىلدىم، ئاللاھدىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىپ، خاتالىقىمنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن دۇئا قىلدىم، ئاشۇ خاتالىقتىن قىلغان تەۋبەم قوبۇل بولارمۇ؟، بولۇپمۇ مەن ماڭا غەزەپ قىلىنىپ تەۋبەمنىڭ قوبۇل بولماسلىقىنى ھېس قىلىمەن، بۇ يەردە تەۋبىنىڭ قوبۇل بولغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان بىرەر ئالامەت بارمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.  

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: سەھۋەنلىك ۋە كەمچىللىك ئىنساننىڭ تەبىئىتىدىن بولۇپ، ئىنسان تائەت-ئىبادەتتە كەمچىللىك، سەھۋەنلىك، غاپىللىق ياكى خاتالىق، ئۇنتۇلۇپ قىلىش ياكى گۇناھ-مەسىيەت قاتارلىقلاردىن خالى بولالمايدۇ، ھەممەيلەن كەمچىلىك سادىر قىلغۇچى، گۇناھكار، خاتالاشقۇچى، بەزى ۋاقىتتا پۈتۈن دىلىمىز بىلەن ئاللاھنىڭ تەرىپىگە يۈزلىنىمىز، بەزى ۋاقىتتا تائەتتىن يۈز ئۆرىمىز، بەزى ۋاقىتتا ئاللاھ تائالانىڭ بىزنى كۈزۈتۈپ تۇرىۋاتقانلىقىنى تۇيساق، يەنە بەزى ۋاقىتتا بۇنىڭدىن غاپىل بولىمىز، گۇناھ-مەسىيەتتىن خالى بولالمايمىز، بىزدىن چوقۇم خاتالىق يۈز بېرىدۇ، بىز خاتالىقتىن ساقلانغۇچى ئەمەس، شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئادەم ئەۋلادلىرىنىڭ ھەممىسى خاتالىق سادىر قىلغۇچى، خاتالىق سادىر قىلغۇچىنىڭ ئەڭ ياخشىسى تەۋبە قىلغۇچىلاردۇر. [تىرمىزى رىۋايىتى 2749 –ھەدىس. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ ھەسەن دېگەن].

    ئاللاھ تائالا ئىنسانغا رەھمەت قىلىپ ئۇنىڭغا تەۋبىنىڭ يولىنى ئاچتى، ئۇنى ئۆزىگە تەۋبە قىلىش ۋە يۈزلىنىشكە بۇيرىدى، ھەر ۋاقىت ئىنسانغا خاتالىق غالىپ كەلسە، گۇناھ-مەسىيەت كىرلاشتۇرسا، ئەگەر تەۋبە قىلىش بولمىغان بولسا، ئىنسان بەك قىيىنچىلىققا چۈشۈپ قالاتتى، ئاللاھقا يېقىنلىشىشنى تەلەپ قىلىش ئىرادىسى ئاجىزلاپ كېتەتتى، ئاللاھنىڭ ئەپۇ قىلىشى ۋە مەغپىرەت قىلىشىدىن ئۈمىدى ئۈزىلەتتى، تەۋبە قىلىش دېگەن ئىنساننىڭ كەمچىلىكىنىڭ تەقەززاسى ۋە لازىمىدۇر.

    ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن مۇشۇ ئۈممەتتىكى تۈرلۈك كىشىلەرگە ئۇلاردىن ياخشىلىققا ئالدىرغۇچى، تائەت-ئىبادەتنى ئوتتۇرىھال قىلغۇچى ۋە چەكلەنگەن ئىشلارنى قىلىش بىلەن ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغۇچى كىشىلەرگە تەۋبە قىلىشنى ۋاجىپ قىلدى. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَتُوبُوا إِلَى اللَّهِ جَمِيعاً أَيُّهَا الْمُؤْمِنُونَ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ  تەرجىمىسى: ئى مۆمىنلەر! بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ھەممىڭلار ئاللاھقا تەۋبە قىلىڭلار. [سۈرە نۇر 31-ئايەت].

   ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  يا أيها الذين آمنوا توبوا إِلَى اللَّه توبة نصوحا  تەرجىمىسى: ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا سەمىمىي تەۋبە قىلىڭلار [سۈرە تەھرىم 8-ئايەت].

    ئەغەررەل مۇزەنىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئى ئىنسانلار! ئاللاھقا تەۋبە قىلىڭلار، ئاللاھدىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىڭلار، مەن ھەر كۈنى ئاللاھ تائالاغا يۈز قېتىم تەۋە-ئىستىغپار ئېيتىمەن. [مۇسلىم رىۋايىتى 2702-ھەدىس].

   ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتى ۋە كۆيۈنىشى بەندىلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالدى، ئاللاھ بەك ھەلىم بولۇپ بىزنى جازالىمايدۇ، ئازابلىمايدۇ ۋە بىزنى دەرھال ھالاك قىلمايدۇ، بەلكى بىزگە مۆھلەت بېرىپ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۆزىنىڭ ئېھسانىنى بېلدۈرۈشكە بۇيرىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  قُلْ يَا عِبَادِيَ الَّذِينَ أَسْرَفُوا عَلَى أَنْفُسِهِمْ لا تَقْنَطُوا مِنْ رَحْمَةِ اللَّهِ إِنَّ اللَّهَ يَغْفِرُ الذُّنُوبَ جَمِيعاً إِنَّهُ هُوَ الْغَفُورُ الرَّحِيمُ  تەرجىمىسى: «(ئى مۇھەممەد! مېنىڭ تىلىمدىن) ئېيتقىنكى، (گۇناھلارنى قىلىۋېرىپ) ئۆزلىرىگە جىنايەت قىلغان بەندىلىرىم! ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلەنمەڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن (خالىغان ئادەمنىڭ) جىمى گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر. [سۈرە زۇمەر 53-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە كۆيۈنۈپ مۇنداق دەيدۇ:  أَفَلا يَتُوبُونَ إِلَى اللَّهِ وَيَسْتَغْفِرُونَهُ وَاللَّهُ غَفُورٌ رَحِيمٌ  تەرجىمىسى: ئۇلار ئاللاھقا تەۋبە قىلمامدۇ؟ ئاللاھتىن مەغپىرەت تەلەپ قىلمامدۇ؟ ئاللاھ (تەۋبە قىلغۇچىلارغا) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر. [سۈرە مائىدە 74-ئايەت]. 

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَإِنِّي لَغَفَّارٌ لِمَنْ تَابَ وَآمَنَ وَعَمِلَ صَالِحاً ثُمَّ اهْتَدَى  تەرجىمىسى: تەۋبە قىلغان، ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، ئاندىن توغرا يولدا ماڭغان ئادەمنى مەن ئەلۋەتتە ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىمەن. [سۈرە تاھا 82-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَالَّذِينَ إِذَا فَعَلُوا فَاحِشَةً أَوْ ظَلَمُوا أَنْفُسَهُمْ ذَكَرُوا اللَّهَ فَاسْتَغْفَرُوا لِذُنُوبِهِمْ وَمَنْ يَغْفِرُ الذُّنُوبَ إِلا اللَّهُ وَلَمْ يُصِرُّوا عَلَى مَا فَعَلُوا وَهُمْ يَعْلَمُونَ  تەرجىمىسى: تەقۋادارلار يامان بىر گۇناھ قىلىپ قالسا ياكى ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلسا ئاللاھنى ياد ئېتىدۇ، گۇناھلىرى ئۈچۈن مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ، گۇناھنى كەچۈرىدىغان ئاللاھتىن باشقا كىم بار؟ ئۇلار قىلمىشلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ داۋاملاشتۇرمايدۇ. [سۈرە ئال-ئىمران 135-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَمَنْ يَعْمَلْ سُوءاً أَوْ يَظْلِمْ نَفْسَهُ ثُمَّ يَسْتَغْفِرِ اللَّهَ يَجِدِ اللَّهَ غَفُوراً رَحِيماً  تەرجىمىسى: كىمكى بىرەر يامانلىق ياكى ئۆزىگە بىرەر زۇلۇم قىلىپ قويۇپ، ئاندىن ئاللاھتىن مەغپىرەت تەلەپ قىلسا، ئۇ ئاللاھنىڭ مەغپىرەت قىلغۇچى، ناھايىتى مېھرىبان ئىكەنلىكىنى كۆرىدۇ. [سۈرە نىسا 110-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا ئۆزىگە شېرىك كەلتۈرگەن، چوڭ گۇناھ سادىر قىلغان، ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ ئوغلى دەپ ئاللاھ تائالا شېرىك كەلتۈرۈش بىلەن ئۆزىگە زۇلۇم قىلغانلارنىڭ توقۇلمىلىرىدىن پاكتۇر ۋە يۈكسەكتۇر. مۇشرىكلارنىمۇ تەۋبە قىلىشقا چاقىرىپ مۇنداق دەيدۇ:  أَفَلا يَتُوبُونَ إِلَى اللَّهِ وَيَسْتَغْفِرُونَهُ وَاللَّهُ غَفُورٌ رَحِيمٌ  تەرجىمىسى: ئۇلار ئاللاھقا تەۋبە قىلمامدۇ؟ ئاللاھتىن مەغپىرەت تەلەپ قىلمامدۇ؟ ئاللاھ (تەۋبە قىلغۇچىلارغا) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر. [سۈرە مائىدە 74-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا يەنە ئۆزىنىڭ كاپىرلىقىنى ئاشكارا ئېلان قىلغان كاپىرلاردىنمۇ ئەشەددى ناچار بولغان مۇناپىقلارغىمۇ تەۋبىنىڭ ئېشىكىنى ئېچىپ مۇنداق دەيدۇ:  إِنَّ الْمُنَافِقِينَ فِي الدَّرْكِ الأَسْفَلِ مِنَ النَّارِ وَلَنْ تَجِدَ لَهُمْ نَصِيرا * إِلا الَّذِينَ تَابُوا وَأَصْلَحُوا وَاعْتَصَمُوا بِاللَّهِ وَأَخْلَصُوا دِينَهُمْ لِلَّهِ فَأُولَئِكَ مَعَ الْمُؤْمِنِينَ وَسَوْفَ يُؤْتِ اللَّهُ الْمُؤْمِنِينَ أَجْراً عَظِيماً  تەرجىمىسى: مۇناپىقلار چوقۇم دوزاخنىڭ ئەڭ ئاستىنقى قەۋىتىگە تاشلىنىدۇ، ئۇلارغا ھەرگىزمۇ (ئازابتىن قۇتقۇزىدىغان) مەدەتكار تاپالمايسەن. پەقەت (مۇناپىقلىقتىن) تەۋبە قىلغان، (ئەمەللىرىنى) تۈزەتكەن، ئاللاھ (نىڭ كىتابى) غا چىڭ يېپىشقان، دىننى ئاللاھ ئۈچۈن خالىس قىلغان (يەنى قىلغان ئەمەلىدىن پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلىگەن) كىشىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا.ئەنە شۇلار مۆمىنلەر بىلەن بىللە (يەنى ئۇلارنىڭ قاتارىدا)دۇر.ئاللاھ مۆمىنلەرگە(ئاخىرەتتە جەننەتتىن ئىبارەت)بۈيۈك ئەجىر ئاتا قىلىدۇ [سۈرە نىسا 145-146-ئايەت].

    ئاللاھ تائالانىڭ سۈپەتلىرىدىن بەندىلىرىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىش، ئۇنىڭ بىلەن خۇرسەن بولۇش، بەندىسىگە سېخىلىق ۋە ئېھسان قىلىشتۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَهُوَ الَّذِي يَقْبَلُ التَّوبَةَ عَنْ عِبَادِهِ وَيَعْفُو عَنِ السَّيِّئَاتِ وَيَعْلَمُ مَا تَفْعَلُونَ تەرجىمىسى: ئاللاھ بەندىلىرىدىن تەۋبىنى قوبۇل قىلىدۇ، يامان ئىشلارنى ئەپۇ قىلىدۇ، قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ [سۈرە شۇرا 25-ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  أَلَمْ يَعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ هُوَ يَقْبَلُ التَّوْبَةَ عَنْ عِبَادِهِ وَيَأْخُذُ الصَّدَقَاتِ وَأَنَّ اللَّهَ هُوَ التَّوَّابُ الرَّحِيمُ  تەرجىمىسى:ئۇلار (يەنى تەۋبە قىلغۇچىلار) ئاللاھنىڭ ئۆز بەندىلىرىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى،(خالىس نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ)سەدىقىسىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئاللاھنىڭ تەۋبىنى بەكمۇ قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى، ناھايىتى مېھرىبان ئىكەنلىكىنى بىلمەمدۇ؟تەۋبە سۈرىسى 104-ئايەت.

   ھەمزىنىڭ دادىسى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ خىزمەتچىسى ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئاللاھنىڭ بەندىنىڭ تەۋبىسىگە بولغان خوشاللىقى، سىلەرنىڭ بىرىڭلار چۆل باياۋاندا تۆگىسىنى يوقۇتۇپ قويۇپ ئاندىن ئۇنى تېپىۋالغان ۋاقتىدىكى خۇشاللىقىدىنمۇ ئارتۇقتۇر. [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

    مۇسلىمنىڭ يەنە بىر رىۋايىتىدە2747-ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: بەندە ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلغان ۋاقتىدا، ئاللاھ تائالا بەندىسىنىڭ تەۋبىسىدىن مۇنداق بىر ئادەمنىڭ خوشاللىقىدىنمۇ بەكرەك خوشال بولىدۇ، سىلەرنىڭ بېرىڭلار بىر چۆل-باياۋاندا سەپەر قېلىۋىتىپ يۈك-تاقا، ئوزۇق-تۈلۈكى ئارتىلغان ئۇلۇغىنى يۈتتۈرۈپ قويىدۇ، ئۇ ئادەم ئۇلۇغىنى تېپىۋىلىشتىن ئۈمىدىنى ئۈزۈپ بىر دەرەخنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭ سايىسىدە يېنىچە ياتىدۇ، ئۇ ئۇلۇغىنىڭ تېپىلىشىدىن پۈتۈنلەي ئۈمىدىنى ئۈزگەن بىر پەيتتە ئۇنىڭ ئۇلۇغى تۇيۇقسىزلا پەيدا بولۇپ قالىدۇ، ئۇ، ئۇنىڭ نوختىسىدىن تۇتقان ھالدا قاتتىق خوشال بولۇپ كەتكەنلىكتىن: ئى ئاللاھ! سەن مېنىڭ بەندەم، مەن سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ دەپ تاشلايدۇ، ئۇ ئادەم قاتتىق خوشال بولۇپ كەتكەنلىكىدىن سۆزدە خاتالىشىدۇ.

    ئەبۇ مۇسا ئابدۇللاھ ئىبنى قەيس ئەشئەرى رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: شەك-شۈبھىسىزكى، كۈن شەرقتىن چىققۇچە، ئاللاھ تائالا كۈندۈزدە گۇناھ قىلغۇچىنىڭ گۇناھىغا تەۋبە قېلىۋىلىشى ئۈچۈن كېچىدە قولىنى يېيىپ تۇرىدۇ ۋە كېچىدە گۇناھ قىلغۇچىنىڭ گۇناھىغا كۈندۈزدە تەۋبە قېلىۋىلىشى ئۈچۈن كۈندۈزدە قولىنى يېيىپ تۇرىدۇ. [مۇسلىم رىۋايىتى 2759-ھەدىس].

     ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: بەندە سەكراتقا چۈشۈپ قالمىغانلا بولسا، ئاللاھ ئۇ بەندىسىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ. [تىرمىزى رىۋايىتى3537-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ ھەسەن دېگەن].

    ئىككىنچى: تەۋبىنىڭ بەرىكىتى ئىلگىرى-كېيىن بولسۇن، ئاشكارا-يوشۇرۇن بولسۇن ئاشكارا بولىدۇ، تەۋبىنىڭ ساۋابى دىلنى پاكلاش، خاتالىقلارنى ئۆچۈرۈش ۋە ياخشىلىقنى زىيادە قىلىشتۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا تُوبُوا إِلَى اللَّهِ تَوْبَةً نَصُوحاً عَسَى رَبُّكُمْ أَنْ يُكَفِّرَ عَنْكُمْ سَيِّئَاتِكُمْ وَيُدْخِلَكُمْ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الأَنْهَارُ يَوْمَ لا يُخْزِي اللَّهُ النَّبِيَّ وَالَّذِينَ آمَنُوا مَعَهُ نُورُهُمْ يَسْعَى بَيْنَ أَيْدِيهِمْ وَبِأَيْمَانِهِمْ يَقُولُونَ رَبَّنَا أَتْمِمْ لَنَا نُورَنَا وَاغْفِرْ لَنَا إِنَّكَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ  تەرجىمىسى:« ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا سەمىمىي تەۋبە قىلىڭلار. ئۈمىدكى، پەرۋەردىگارىڭلار سىلەرنىڭ گۇناھىڭلارنى يوققا چىقىرىدۇ. سىلەرنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ. ئۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ئاللاھ پەيغەمبەرنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان مۆمىنلەرنى رەسۋا قىلمايدۇ. ئۇلارنىڭ نۇرى ئۇلارنىڭ ئالدىدا ۋە ئوڭ تەرىپىدە يۈرىدۇ. ئۇلار:ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە نۇرىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ بەرگىن، بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، سەن بولساڭ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىرسەن دەيدۇ.» [سۈرە تەھرىم 8-ئايەت].

تەۋبىنىڭ ساۋابى ئاللاھنىڭ ئاتا قىلغانلىرىغا قانائەت قىلىش، رازى بولۇش، تېنچ-خاتىرجەم بولۇش ۋە كۆڭلى-كۆكسى كەڭرى بولۇشتىن ئىبارەت ئىمان سايىسى ئاستىدىكى پاك ھاياتتىن ئىبارەتتۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَأَنِ اسْتَغْفِرُوا رَبَّكُمْ ثُمَّ تُوبُوا إِلَيْهِ يُمَتِّعْكُمْ مَتَاعاً حَسَناً إِلَى أَجَلٍ مُسَمّىً وَيُؤْتِ كُلَّ ذِي فَضْلٍ فَضْلَهُ  تەرجىمىسى: سىلەر پەرۋەردىگارىڭلاردىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىڭلار، ئاندىن ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىڭلار. ئاللاھ سىلەرنى مۇئەييەن مۇددەتكىچە (يەنى ئۆمرۈڭلار ئاخىرلىشىپ، ئەجىلىڭلار يەتكۈچە ھاياتىي دۇنيادىن) ئوبدان بەھرىمەن قىلىدۇ. ياخشى ئىش قىلغۇچىغا قىلغان ياخشىلىقنىڭ ساۋابىنى بېرىدۇ. [سۈرە ھۇد 3-ئايەت].

    تەۋبىنىڭ ساۋابى بولسا ئاسماندىن نازىل بولغان، زېمىندىن ئاشكارا بولغان بەرىكەت، مال-مۈلۈك، ئەۋلادلارنىڭ كۆپ بولىشى، ئىش-ھەرىكەتلىرىنىڭ بەرىكەتلىك بولىشى، سالامەتلىكىنىڭ ياخشى بولىشى، تۈرلۈك-بالا-مۇسىبەتلەردىن ساقلىنىشتىن ئىبارەتتۇر. ئاللاھ تائالا ھۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ:  وَيَا قَوْمِ اسْتَغْفِرُوا رَبَّكُمْ ثُمَّ تُوبُوا إِلَيْهِ يُرْسِلِ السَّمَاءَ عَلَيْكُمْ مِدْرَاراً وَيَزِدْكُمْ قُوَّةً إِلَى قُوَّتِكُمْ وَلا تَتَوَلَّوْا مُجْرِمِينَ  تەرجىمىسى: ئى قەۋمىم! پەرۋەردىگارىڭلاردىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئاندىن ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىڭلار، سىلەرگە ئۇ كۆپ يېغىن ياغدۇرۇپ بېرىدۇ، سىلەرگە تېخىمۇ كۈچ ـ قۇۋۋەت بېرىدۇ، سىلەر گۇناھقا چۆمگەن ھالدا (مېنىڭ دەۋىتىمدىن) يۈز ئۆرۈمەڭلار. [سۈرە ھۇد 52-ئايەت].

    ئۈچىنچى: ئاللاھ تائالا تەۋبە قىلغان ھەر بىر كىشىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ، تەۋبە قىلغۇچىلار كارۋىنىنىڭ يۈرىشى كۈن شەرقتىن چىققانغا قەدەر ئۈزۈلمەي داۋاملىشىدۇ.

    بىر كىشى يول توسۇپ قاراقچىلىق قىلغانلىقىدىن تەۋبە قىلىدۇ، يەنە بىرى زىنا-پاھىشە قىلغانلىقىدىن تەۋبە قىلىدۇ، بۇ ھاراق ئىچكەنلىكىدىن تەۋبە قىلسا، ئاۋۇ كىشى زەھەرلىك چىكىملىك چەككەنلىكىدىن تەۋبە قىلىدۇ، بۇ ئۇرۇغ-تۇغقانلىقنى ئۈزگەنلىكىدىن تەۋبە قىلسا، ئۇ نامازنى تەرك قىلغان ياكى جامائەت بىلەن ئوقۇشقا سەل قارىغانلىقىدىن تەۋبە قىلىدۇ، بۇ ئاتا-ئانىسىنى قاقشاتقانلىقىدىن تەۋبە قىلسا، ئۇ جازانىخورلۇق ۋە پارىخورلۇق قىلمىشىدىن تەۋبە قىلىدۇ، بۇ ئوغۇرلۇقتىن تەۋبە قىلسا، ئۇ ناھەق قان تۆككەنلىكىدىن تەۋبە قىلىدۇ، بۇ كىشىلەرنىڭ مال-مۈلكىنى ھەقسىز يىۋالغانلىقىدىن تەۋبە قىلسا، ئۇ تاماكۇ-شېشە چەككەنلىكىدىن تەۋبە قىلىدۇ. تۈرلۈك گۇناھ-خاتالىقلاردىن تەۋبە قىلغۇچى ھەر بىر كىشىگە خۇش بىشارەتلەر بولسۇن. ئۇلار ھەقىقى تەۋبە قىلىش بىلەن خۇددى دۇنياغا يېڭىدىن كۆز ئاچقان بوۋاقتەك بولىدۇ.

    ئەبۇ سەئىد خۇدەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: سىلەردىن ئىلگىرى توقسان توققۇز ئادەمنى ئۆلتۈرگەن بىر ئادەم بار ئىدى، ئۇ زېمىندىكى ئەڭ ئالىم كىشىنى سوراپتۇ، شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئۇنى بىر راھىبنىڭ يېنىغا باشلاپ قويۇپتۇ، ئۇ راھىپتىن: مەن توقسان توققۇز ئادەمنى ئۆلتۈردۈم، ئەمدى مېنىڭ تەۋبە قىلىشىمغا يول بارمۇ؟ دەپ سورىسا، ئۇ راھىب: ياق دەپتۇ، ئاندىن ئۇنىمۇ ئۆلتۈرۈپ ئۆلتۈرگەن ئادەمنىڭ سانىنى يۈزگە يەتكۈزۈپ ئاندىن زېمىن ئەھلىدىن ئالىمراق بىر كىشىنى سوراپتۇ، كىشىلەر ئۇنى بىر ئالىم كىشىنىڭ يېنىغا باشلاپ قويۇپتۇ، ئۇ كىشى ئالىمدىن: مەن يۈز ئادەمنى ئۆلتۈردۈم، مېنىڭ تەۋبە قىلىشىمغا يول بارمۇ؟دەپ سوراپتۇ، ئالىم: ھەئە بار، سەن بىلەن تەۋبىنىڭ ئارىسىنى كىم توسۇپ قالالايدۇ، سەن پالانى شەھەرگە بارغىن، ئۇ شەھەردە ھەقىقەتەن كىشىلەر ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىدۇ، سەنمۇ شۇ كىشىلەر بىلەن ئىبادەت قىلغىن، يۇرتۇڭغا ھەرگىزمۇ قايتىپ كەلمىگىن، بۇ يەر يامان جايدۇر، دەپتۇ، ئۇ كىشى شۇ شەھەرگە قاراپ مىڭىپتۇ، يېرىم يولغا كەلگەندە، ئۇ كىشىنىڭ ئەجىلى توشۇپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئادەمنىڭ جېنىنى ئېلىش ئۈستىدە رەھمەت پەرىشتىلىرى بىلەن ئازاب پەرىشتىلىرى تالىشىپ قاپتۇ، رەھمەت پەرىشتىلىرى: ئۇ تەۋبە قىلغان پۈتۈن نىيىتى بىلەن ئاللاھقا يۈزلەنگەن ھالدا كەلدى دەپتۇ، ئازاب پەرىشتىلىرى: ئۇ پەقەت ياخشى ئەمەللەرنى قىلىپ باقمىغان دەپتۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر پەرىشتە ئادەم سۈرىتىدە بولۇپ ئۇلارنىڭ قېشىغا كەپتۇ، ئۇلار ئۇنى ئارىسىدا ھۆكۈم چىقارغۇچى قىلىپتۇ، ئۇ پەرىشتە ئۇلارغا سىلەر ئىككى شەھەرنىڭ ئارىسىنى ئۆلچەڭلەر، ئۇ قايسى شەھەرگە يېقىن بولسا شۇنىڭغا ھېساب بولسۇن دەپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆلچەپ ئۇ كىشىنىڭ قاراپ ماڭغان شەھەرگە(ئاللاھقا ئىبادەت قىلىدىغان كىشىلەر بار شەھەر) يېقىن ئىكەنلىكىنى بىلىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ جېنىنى رەھمەت پەرىشتىسى ئاپتۇ. [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

    مۇسلىم بايان قىلغان 2716-ھەدىستە: ئۇ ئادەم ياخشى كىشىلەرنىڭ شەھرىگە بىر غېرىچ يېقىن بولغان ئىدى، شۇڭا ئۇ ياخشىلارنىڭ قاتارىدىن قېلىندى دېيىلگەن.

   بۇخارى بايان قىلغان 3470-ھەدىستە: «ئاللاھ تائالا يامان زېمىنغا: «ئۇ ئادەمدىن يىراقلاشقىن، ياخشى زېمىنغا: ئۇ ئادەمگە يېقىنلاشقىن دەپ ۋەھىي قىلدى، پەرىشتىلەرگە ئىككى زېمىننىڭ ئارىسىنى ئۆلچەڭلەر دېدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىككى زېمىننىڭ ئارىسىنى ئۆلچەپ، ئۇ ئادەمنىڭ ئاشۇ ياخشى زېمىنغا بىر غېرىچ يېقىن ئىكەنلىكىنى بىلدى، ئاندىن ئۇ ئادەمگە مەغپىرەت قىلىندى دېيىلگەن.

   مۇسلىم بايان قىلغان 2766-ھەدىستە: ئۇ ئادەم ياخشى زېمىن تەرەپكە كۆكرىكى بىلەن ئىلگىرلىگەن دېيىلگەن.

    تەۋبە قىلىشنىڭ مەنىسى: ئاللاھنىڭ تەرىپىگە قايتىش، خاتالىقتىن قول ئۈزۈش ۋە ئۇنى ئۆچ كۆرۈش، تائەت-ئىبادەتلەرنى تولۇق ئادا قىلالمىغانغا پۇشايمان قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ھەرقانداق گۇناھدىن تەۋبە قىلىش زۆرۈردۇر، ئەگەر گۇناھ ئاللاھ بىلەن بەندە ئوتتۇرسىدا بولسا، ئىنسانلارنىڭ ھەققى بىلەن ئالاقىدار بولمىسا، تەۋبە قىلىشنىڭ ئۈچ شەرتى باردۇر: 1-گۇناھدىن يېنىش. 2- گۇناھقا پۇشايمان قىلىش. 3-شۇ گۇناھنى قايتا قىلماسلىققا بەل باغلاش.

    ئەگەر ئۇ ئۈچ شەرتنىڭ بىرى كەم بولۇپ قالسا ئۇنىڭ تەۋبىسى قوبۇل بولمايدۇ، ئەگەر گۇناھ بەندىنىڭ ھەققىگە ئالاقىدار بولسا ئۇنىڭ شەرتلىرى تۆتتۇر، يۇقىرىقى ئۈچ شەرت بىلەن بىرگە تۆتىنچى شەرت: ھەق ئىگىسىنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىشتۇر، ئەگەر گۇناھ ياكى مالغا ئوخشاش نەرسىگە ئائىت بولسا، ئۇنى ئۆز ئىگىسىگە قايتۇرۇش، ئەگەر گۇناھ بۆھتان بىلەن بىرەرسىگە دەررە ئۇردۇرغان ئىشقا ئائىت بولسا ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش باشقا ئىشلار بولسا، ئۆزىدىن ئۇ ئادەمنى ئۆچ ئېلىشقا قادىر قىلىش ياكى ئۇنىڭ ئەپۇ قىلىشىنى تەلەپ قىلىش كېرەك، ئەگەر گۇناھ، غەيۋەت قىلغان ئىشقا ئائىت بولسا، ئاشۇ كىشىدىن ئەپۇ سوراش كېرەك. تەۋبە قىلغۇچى پۈتۈن گۇناھلىرىغا تەۋبە قىلىشى كېرەك. بەزى ئۆلىمالارنىڭ كۆز قارىشىدا: تەۋبە قىلغۇچى بىر قىسىم گۇناھلىرىغا تەۋبە قىلغان تەقدىردە، ئۇنىڭ شۇ گۇناھلىرى ھەققىدىكى تەۋبىسى قوبۇل قېلىنىدۇ، تەۋبە قىلىنماي قالغانلىرى ئۇنىڭ گەردىنىدە قالىدۇ".

   شۇنىڭغا ئاساسەن، تەۋبە قىلغۇچى كىشىدە يۇقىرىقى شەرتلەر ئەمەلىلىشىدىكەن، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئۇ كىشىنىڭ تەۋبىسى قوبۇل قىلىنىشغا لايىقتۇر، شۇنىڭدىن كېيىن تەۋبىسىنىڭ قوبۇل بولماسلىقى توغرىسىدا ۋەسۋەسىگە چۈشۈپ قىلىشى توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ شەيتاندىندۇر. ئەگەر تەۋبە قىلغۇچى سەمىمىيەت بىلەن تەۋبە قىلغان بولسا، تەۋبەم قوبۇل بولغاندىمۇ قانداق دەپ ئىككىلەنمەسلىكى لازىم. ئۇنداق بولمىغاندا بۇ ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى تەۋبىنىڭ قوبۇل بولىشى توغرىسىدا بەرگەن خەۋىرىنىڭ خىلاپىدا بولىدۇ.

    بۇ مەسىلە مۇھىم بولغانلىقى ئۈچۈن:  624- 13990- ۋە 14289  نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى