شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:
-ئۆمرە ئۈچۈن ئېھرامغا كېرىشتىن بۇرۇن يۇيۇنۇپ، خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىشلىتىش.
ئۆمرە قىلىش ئۈچۈن بەلگىلەنگەن ئورۇندىن (مىيقاتتىن) ئېھرامغا كېرىدۇ، ئېھرامغا كېرىدىغان ۋاقىتتا جۇنابەتتىن يۇيۇنغاندەك پاكىزە يۇيۇنىدۇ، ئەر-ئايال ئۈچۈن ئېھرامغا كېرىدىغان ۋاقىتتا يۇيۇنۇش سۈننەت بولۇپ، ھەتتا ھەيزدار ۋە نىپاسدار ئاياللارمۇ ئېھرامغا كېرىش ئۈچۈن يۇيۇنىدۇ، بېشىغا ۋە چېچىغا خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىشلىتىدۇ، ئېھراملىق كىيىمىنى كېيىپ پەرز نامازنىڭ ۋاقتى كىرگەن بولسا پەرز نامازنى ، ئەگەر بولمىسا تاھارەت ئالغاندا ئوقۇيدىغان ئىككى رەكەت نەپلە ناماز ئوقۇيدۇ، چۈنكى ئېھرامغا كېرىدىغان ۋاقىتتا ئوقۇيدىغان مۇئەييەن نەپلە ناماز يوق. بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن سەھىھ ھەدىس بايان قىلىنمىغان. ھەيزدا ۋە نىپاسدار ئاياللار ناماز ئوقۇمايدۇ، ئاندىن: لبيك اللهم عمرة، لبيك اللهم لبيك، لبيك لا شريك لك لبيك، إن الحمد والنعمة لك والملك، لا شريك لك دەپ تەلبىيە ئېيتىدۇ، مەككىگە يېتىپ كەلگەنگە قەدەر تەلبىيە ئېيتىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.
(بەك يىراقتىن كەلگەنلەر بولسا) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىگە كېرىدىغان ۋاقىتتا يۇيۇنغاندەك، مەككىگە يېقىنلاشقاندا يۇيىنىۋەتسە ياخشى بولىدۇ، مەككىگە كەلگەن كىشى ئالدى بىلەن ھەرەم مەسچىتىگە ئوڭ پۇتى بىلەن كېرىدۇ، كېرگەن ۋاقىتتا بۇ دۇئانى ئوقۇيدۇ: «ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن، ئاللاھنىڭ رەسۇلى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت، سالام يوللايمەن، ئاللاھىم! مېنىڭ گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلغىن، ماڭا رەھمىتىڭنىڭ ئىشىكلىرىنى ئاچقىن. مەن قۇدرەتلىك كاتتا بولغان، كەرەملىك زات ئاللاھ بىلەن ۋە مەڭگۈلۈك ھوقۇقى بىلەن لەنەتلەنگەن شەيتاندىن پاناھ تىلەيمەن».
-كەبىنى قانداق تاۋاپ قىلىش ۋە تاۋاپ جەريانىدا ئوقۇش مۇستەھەب بولغان دۇئالار.
كەبىنى تاۋاپ قىلىشقا باشلىغاندا تەلبىيە ئېيتىشنى توختىتىدۇ، تاۋاپنى ھەجەر ئەسۋەدتىن باشلايدۇ، ھەجەر ئەسۋەدنى سىلايدۇ ۋە مۇمكىن بولسا سۆيىدۇ، بولمىغاندا ئىشارەت قىلىپ بۇ دۇئانى ئوقۇش بىلەن باشلايدۇ: « ئاللاھنىڭ نامى بىلەن، ئاللاھ ئەڭ بۈيۈكتۇر. ئى ئاللاھ، ساڭا بولغان ئىمان، كىتابىڭغا بولغان تەستىق، ئەھدىڭگە ۋاپا قىلىش ۋە پەيغەمبىرىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىش بىلەن باشلايمەن» دەپ، كەبىنى سول تەرىپىگە قىلىپ يەتتە قېتىم تاۋاپ قىلىدۇ، تاۋاپنى ھەجەر ئەسۋەدتىن باشلاپ يەنە ھەجەر ئەسۋەدتە ئاخىرلاشتۇرىدۇ، كەبىدىن ھەجەر ئەسۋەد بىلەن رۇكنۇل يەمانى (ھەجەر ئەسۋەدكە كېلىشتىن بۇرۇنقى بۈرجەك)دىن باشقا ئورۇنلارنى سىلىمايدۇ، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ كەبىدىن بۇ ئىككى ئورۇندىن باشقا ئورۇنلارنى سىلىمىغان، بۇ قېتىمقى تاۋاپتا ئەرلەرگە ئاۋۋالقى ئۈچ قېتىملىق ئايلىنىشتا، يۈگۈرمەستىن قەدەملىرىنى تېزلىتىپ ئىتتىك مېڭىش سۈننەت بولىدۇ، تاۋاپ ئاخىرلاشقىچە ئۈستى تەرىپىدىكى ئېھرامىنىڭ بىر ئۈچىنى ئوڭ قولتۇقىنىڭ ئاستىغا قىلىپ ئوڭ دولىسىنى ئوچۇق قويىدۇ، ئېھرامنىڭ ئىككى ئۇچىنى سول مۆرىسىگە قىلىدۇ، ھەر قېتىم ھەجەر ئەسۋەدكە يېقىنلاشقاندا تەكبىر ئېيتىدۇ، ھەجەر ئەسۋەد بىلەن رۇكنۇل يەمانىينىڭ ئارىسىدا بۇ دۇئانى ئوقۇيدۇ: «رەببىمىز! بىزگە دۇنيادا ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، ئاخىرەتتىمۇ ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن»، تاۋاپنىڭ قالغانلىرىدا زىكىر ۋە دۇئالاردىن خالىغاننى قىلسا بولىدۇ.
كەبىنى تاۋاپ قىلىش جەريانىدا ھەر بىر ئايلانمىدا ئايرىم-ئايرىم ئوقۇيدىغان مەخسۇس بىر دۇئا يوق، بەزى ھاجىلار كۆتۈرۈۋالغان ( تاۋاپنىڭ ھەر بىر ئايلانمىسى ئۈچۈن مەخسۇس دۇئا بېكىتىلگەن) كىتاپچىلارنى ئوقۇشقا دىققەت قىلىش كېرەك، بۇ بىدئەت ئىشلاردىن بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن تاۋاپنىڭ ھەر بىر ئايلانمىسىدا ئايرىم ئوقۇلىدىغان دۇئا بايان قىلىنمىغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «دىندا بايان قىلىنمىغان ھەر قانداق يېڭى ئىش بىدئەتتۇر، ھەرقانداق بىدئەت ئازغۇنلۇقتۇر» دېگەن. [مۇسلىم رىۋايىتى].
تاۋاپ قىلغۇچى تاۋاپ جەريانىدا قىستاڭچىلىق بولۇپ قالغاندا، بەزى كىشىلەردەك خاتالىققا چۈشۈپ قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك، بەزى كىشىلەر تاۋاپ جەريانىدا ھىجىر(ھەتىم)نىڭ كەبىنىڭ دەرۋازىسى تەرىپىدىكى ئىشىكىدىن كېرىپ رۇكنۇل يەمانىغا يېقىن بولغان تەرەپتىكى ئىشىكىدىن چىقىپ تاۋاپنى داۋاملاشتۇرىدۇ، بۇنداق قىلىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ھىجىر(ھەتىم)نىڭ كۆپ قىسمى كەبىنىڭ جۈملىسىدىن بولغاچقا، تاۋاپ جەريانىدا ھەتىمنىڭ بىر ئىشىكىدىن كېرىپ يەنە بىر ئىشىكىدىن چىقىپ كەتسە بۇ كىشى كەبىنى تاۋاپ قىلغان ھېسابلانمايدۇ، قىلغان تاۋاپى توغرا بولمايدۇ.
ساپا-مەرۋە ئارىسىدا مېڭىش ۋە بۇ جەرياندا ئوقۇش مۇستەھەب بولغان دۇئالار.
كەبىنى تاۋاپ قىلىپ بولغاندىن كېيىن مۇمكىن بولسا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ قەدەم ئېزى بولغان ئورۇننىڭ كەينىگە كېلىپ ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇيدۇ، مۇمكىن بولمىسا ھەرەم مەسچىتىنىڭ قايسى يېرىدە ئوقۇسا بولىدۇ، ئاندىن ساپا تېغىغا چىقىدۇ، ئۇ يەرگە يېقىنلاشقاندا بۇ ئايەتنى ئوقۇيدۇ : إِنَّ الصَّفَا وَالْمَرْوَةَ مِنْ شَعَائِرِ اللَّهِ فَمَنْ حَجَّ الْبَيْتَ أَوْ اعْتَمَرَ فَلَا جُنَاحَ عَلَيْهِ أَنْ يَطَّوَّفَ بِهِمَا وَمَنْ تَطَوَّعَ خَيْرًا فَإِنَّ اللَّهَ شَاكِرٌ عَلِيمٌ تەرجىمىسى: «سەفا بىلەن مەرۋە ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ (دىنىنىڭ) ئالامەتلىرىدىندۇر. ھەج قىلغان ياكى ئۆمرى قىلغان ئادەم ئۇلارنىڭ ئارىسىدا سەئيى قىلسا ھېچ گۇناھ يوق. كىمكى ئۆز ئىختىيارى بىلەن بىرەر ياخشىلىق قىلىدىكەن (ئاللاھ ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى بېرىدۇ)، ئاللاھ ئەلۋەتتە شۈكۈرنىڭ مۇكاپاتىنى بەرگۈچىدۇر، ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر»، ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئايەتنى قايتا تەكرار ئوقۇمايدۇ، ئاندىن سەپاغا چېقىپ قىبلىگە يۈزلىنىپ، ئىككى قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئاللاھنى كاتتىلاپ ۋە مەدھىيىلەپ بۇ دۇئانى ئوقۇيدۇ:« ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ يوق، ئۇ يەككە-يېگانە، شېرىكى يوق. پادىشاھلىق ۋە مەدھىيە ئۇنىڭغا خاس، ئۇ ھەممە نەرسىگە قادىر. ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ يوق، ئۇ ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى، بەندىسىگە نۇسرەت ئاتا قىلدى ۋە ئىتتىپاقداشلارنى يالغۇز مەغلۇب قىلدى». ئاندىن باشقا دۇئالارنى قىلىدۇ، بۇ زىكىرنى ئىككىنچى قېتىم يەنە تەكرار ئېيتىدۇ ئاندىن باشقا دۇئالارنى قىلىدۇ، ئۈچىنچى قېتىم يەنە تەكرار ئېيتىپ ئاندىن باشقا دۇئالارنى قىلىدۇ.
ئاندىن ساپادىن چۈشۈپ مەرۋىگە يۈزلىنىدۇ، بەلگە قىلىنغان يېشىل چىراق بار يەرگىچە نورمال مېڭىپ كېلىدۇ، ئىككى تەرەپتىكى يېشىل بەلگە ئارىسىدا باشقىلارغا ئەزىيەت يەتكۈزمەستىن يۈرۈش ئاسان بولسا شۇ شەكىلدە تىز يۈرىدۇ، يېشىل بەلگىدىن ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن مەرۋىگە بېرىپ بولغىچە يەنە نورمال ماڭىدۇ، مەرۋىگە يېتىپ كېلىپ ئۈستىگە چېقىپ كەبىگە يۈزلىنىپ ئىككى قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ساپادا دۇئا قىلغاندەك دۇئا قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ساپا-مەرۋە ئارىسىدا بىر قېتىم مېڭىش تامام بولىدۇ.
-ساپا-مەرۋە قىلىپ ئۆمرە پائالىيىتى ئاخىرلاشقاندا چاچنى قانداق ئالدۇرىدۇ ياكى قىسقارتىدۇ.
ئاندىن ساپادىن مەرۋىگە قايتىدۇ، بۇ ئىككىنچى قېتىملىق مېڭىش بولىدۇ، بۇنىڭدىمۇ بىرىنچى قېتىملىق مېڭىشتا قىلغاننىڭ ئوخشىشىنى قىلىدۇ، يەنى ساپادىن مەرۋىگە بېرىش بىر مېڭىش بولسا، مەرۋىدىن سەپاغا قايتىش يەنە بىر مېڭىش بولىدۇ، شۇ ئارقىلىق يەتتە قېتىم مېڭىش تامام بولغاندا، ئەر كىشى خالىسا چېچىنىڭ ھەممىسىنى ئالدۇرىدۇ، خالىسا چېچىنى قىسقارتىدۇ، قىسقارتىش بېشىنىڭ ھەممە يېرىگە ئوخشاش بولۇش كېرەك(باشقا مەزھەپلەردە چېچىنىڭ بەزىلىرى قىسقارتسا بولىدۇ)، ئايال كىشىنىڭ چېچىنىڭ ئۇچىنىڭ ئەتراپىدىن بارماقنىڭ ئۈچىچىلىك مىقداردا كېسىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تولۇق ئېھرامدىن چىققان بولىدۇ، ئېھرامغا كېرىشتىن بۇرۇن ھالال بولغان كىيىم-كېچەك، خۇشبۇي ئىشلىتىش ۋە ئاياللار بىلەن بىرگە بولۇش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسى ھالال بولىدۇ.
ئۆمرە پائالىيەتلىرىنىڭ خۇلاسىسى:
-جۇنابەتتىن يۇيۇنغاندەك پاكىزە يۇيۇنۇش ۋە خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىشلىتىش.
-ئېھراملىق كىيىمنى كىيىش، ئەرلەرنىڭ ئاستى-ئۈستى ئىككى پارچە بولىدۇ، ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ خالىغان دۇرۇس بولغان كىيىمىنى كىيىدۇ.
-تاۋاپ باشلانغان قەدەر ئۈزۈلدۈرمەي تەلبىيە ئېيتىش.
-كەبىنى ھەجەر ئەسۋەدتىن باشلاپ يەتتە قېتىم تاۋاپ قىلىپ يەنە ھەجەر ئەسۋەدتە ئاخىرلاشتۇرۇش.
-تاۋاپتىن كېيىن ماقامى ئىبراھىمدا ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇش.
-ساپا-مەرۋە ئارىسىدا يەتتە قېتىم مېڭىش، مېڭىش ساپادىن باشلىنىپ ئاخىرى مەرۋىدە تامام بولىدۇ.
-ساپا-مەرۋە قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئەرلەر چېچىنى تولۇق ئالدۇرۇش ياكى قىسقارتىش، ئاياللار چېچىنىڭ ئۇچىدىن قىسقارتىش كېرەك.
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.