پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ئاللاھنىڭ بىرلىكى

تارقاتقان ۋاقىت : 18-01-2021

كۆرگۈچىلەر : 11096

سۇئال

ئاللاھنىڭ بىرلىكى ھەققىدە مۇشرىكلارغا ( ئاللاھقا باشقىلارنى شىرىك قىلىدىغان كۆپ خۇداچىلار ) دەلىل بىرىش مۇمكىنمۇ ؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن .
پۈتكۈل كائىنات ئۆزىنىڭ يارىتىلىشى ۋە تىزگىنلىنىشى جەھەتتىن ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە دەلىل بولىدۇ :
ﺷﯜﺑﻬﯩﺴﯩﺰﻛﻰ، ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﯖﻼﺭ ﺍﻟﻠﻪ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﯞﻩ ﺯﯦﻤﯩﻨﻨﻰ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﻛﯜﻧﺪﻩ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺩﻩﯞﺭﺩﻩ) ﻳﺎﺭﺍﺗﺘﻰ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ (ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘﻟﯘﻏﻠﯘﻗﯩﻐﺎ ﻻﻳﯩﻖ ﺭﻩﯞﯨﺸﺘﻪ) ﺋﻪﺭﺵ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﺋﺎﻟﺪﻯ، ﺍﻟﻠﻪ ﻛﯧﭽﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ (ﻳﻪﻧﻰ ﻛﯧﭽﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘﻟﯘﻗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ) ﻛﯜﻧﺪﯛﺯﻧﻰ ﻳﺎﭘﯩﺪﯗ، ﻛﯧﭽﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯜﻧﺪﯛﺯ ﺑﯩﺮ- ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﻏﻠﯩﺸﯩﺪﯗ (ﻳﻪﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺋﺎﻟﻤﯩﺸﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ)؛ ﺍﻟﻠﻪ ﻗﯘﻳﺎﺵ، ﺋﺎﻱ ﯞﻩ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭﻧﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﺮﯨﮕﻪ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﺪﯗﺭﯗﻟﻐﯘﭼﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﺎﺭﺍﺗﺘﻰ، ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﻪﻣﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﺶ (ﻳﻪﻧﻰ ﻛﺎﺋﯩﻨﺎﺗﻨﻰ ﺗﻪﺳﻪﺭﺭﯗﭖ ﻗﯩﻠﯩﺶ) ﺭﺍﺳﺘﯩﻨﻼ ﺍﻟﻠﻪﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﻜﯩﺪﯨﺪﯗﺭ. ﺋﺎﻟﻪﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﻯ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﻰ ﻛﺎﺗﺘﯩﺪﯗﺭ . [ ئىگىزلىك( ئەئراف) : 54 ]
ئاسمانلارنىڭ ۋە زىمىننىڭ يارىتىلىشى ، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ ئالمىشىشى ،جانسىز شەيئىلەرنىڭ ، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ، مىۋە- چىۋىلەرنىڭ ھەرخىل تۈرلىرى ،ئىنسانلار ۋە ھايۋانلارنىڭ يارىتىلىشى....بۇلارنىڭ ھەممىسى تەڭداشسىز ياراتقۇچىنىڭ بىر ،ھىچقانداق شىرىكى يوقلۇقىنى كۆرسىتىدۇ :
ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﺍﻟﻠﻪ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﯖﻼﺭﺩﯗﺭ، ﻫﻪﻣﻤﻪ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﯘﭼﯩﺪﯗﺭ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻫﯧﭻ ﺋﯩﻼﻫ ﻳﻮﻗﺘﯘﺭ، ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻤﯘ (ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯘﺗﻼﺭﻏﺎ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ) ﺑﯘﺭﯗﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﺴﯩﻠﻪﺭ؟ [ كەچۈرگۈچى ( غافىر) : 62 ]
بۇ مەخلۇقاتلارنىڭ ھەرخىللىقى ۋە كاتتىلىقى ، ئۇلارنىڭ يارىتىلىشتىكى مۇكەممەللىك، ئۇلارنىڭ قوغدىلىنىشى ۋە تىزگىنلىنىشى، ھەممىسى ياراتقۇچىنىڭ بىر ،خالىغىنىنى قىلىدىغانلىقىنى ھەمدە ئۆزىنىڭ خالىغىنىچە باشقۇرىدىغانلىقى ۋە قارار قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ :
ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﯞﻩ ﺯﯦﻤﯩﻨﻨﯩﯔ (ﺧﻪﺯﯨﻨﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ) ﺋﺎﭼﻘﯘﭼﻠﯩﺮﻯ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﻜﯩﺪﯨﺪﯗﺭ، ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﻨﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻼﺭ - ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻻﺭ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﺗﺎﺭﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭﺩﯗﺭ . [ زۇمەر : 62 ]
يۇقارقىلارنىڭ ھەممىسى بۇ كائىناتنىڭ بىر ياراتقۇچىسى بارلىقىنى ، بۇ ھۆكۈمرانلىقنىڭ بىر پادىشاھى بارلىقىنى ، بۇ شەكىللەرنىڭ ئارقىسىدا ئۇلارغا شەكىل بەرگۈچىنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ :
ﺍﻟﻠﻪ (ﻫﻪﻣﻤﯩﻨﻰ) ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﯘﭼﯩﺪﯗﺭ، (ﻳﻮﻗﻠﯘﻗﺘﯩﻦ) ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﺪﯗﺭ، (ﻫﻪﻣﻤﻪ ﻧﻪﺭﺳﯩﮕﻪ) ﺳﯜﺭﻩﺕ (ﺷﻪﻛﯩﻞ) ﺑﯧﻐﯩﺸﻠﯩﻐﯘﭼﯩﺪﯗﺭ، ﺋﻪﯓ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﺋﯩﺴﯩﻤﻼﺭﻏﺎ ﺋﯩﮕﯩﺪﯗﺭ، ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﯞﻩ ﺯﯦﻤﯩﻨﺪﯨﻜﻰ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺗﻪﺳﺒﯩﻬ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ، ﺋﯘ ﻏﺎﻟﯩﺒﺘﯘﺭ، ﻫﯧﻜﻤﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﺪﯗﺭ . [ سۈرگۈن قىلىش ( ھەشر) : 24 ]
ئاسمانلارنىڭ ۋە زىمىننىڭ ساق تۇرۇشى ،كائىناتنىڭ تەرتىپلكى ،مەخلۇقاتلاردىكى ماسلىق ،ھەممىسى ياراتقۇچىنىڭ بىر ،ھىچقانداق شىرىكى يوقلۇقىنى كۆرسىتىدۇ :
ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ- ﺯﯦﻤﯩﻨﺪﺍ ﺍﻟﻠﻪ ﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯩﻼﻫﻼﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯩﺪﻯ، (ﻛﺎﺋﯩﻨﺎﺗﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﻰ) ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺑﯘﺯﯗﻻﺗﺘﻰ، ﺋﻪﺭﯨﺸﻨﯩﯔ ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﻯ ﺍﻟﻠﻪ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﯩﮕﻪﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﭘﺎﻛﺘﯘﺭ . [ پەيغەمبەرلەر : 22 ]
بۇ كاتتا مەخلۇقاتلارنىڭ ئۆزىنى يارىتىشى مۇمكىن ئەمەس ، بىر ئادەمنىڭ ئۆزىنى يارىتىشى ئاندىن ئۇلارنى يارىتىشىمۇ ھەم مۇمكىن ئەمەس :
ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯘﻻﺭ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﯘﭼﯩﺴﯩﺰ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻧﻤﯘ؟ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﯘﭼﯩﻤﯘ؟ (35). ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﯞﻩ ﺯﯦﻤﯩﻨﻨﻰ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻧﻤﯘ؟ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯘﻻﺭ (ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﯩﮕﻪ) ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﻪﻳﺪﯗ .
[ تاغ ( تۇر ): 35-36 ]
ئەقىل ، ئىلھام (ۋەھى) ، تەبىئەت (فىترەت) بۇ كائىناتنىڭ بىر بارلىققا كەلتۈرگۈچىسى بارلىقىنى، بۇ مەخلۇقاتلارنىڭ ھەمىشە ھايات، مەڭگۈ تۇرىدىغان، ھەممىنى بىلگۈچى ، ھەممىدىن خەۋەردار ، بەقۇۋۋەت،ھەممىدىن غالىپ ،شەپقەتچى ۋە ئەڭ مىھرىبان بىر ياراتقۇچىسى بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ .ئۇنىڭ ئەڭ گۈزەل ئىسىملىرى ۋە ئەڭ يۈكسەك سۈپەتلىرى بار ھەمدە ئۇ ھەممە نەرسىلەرنى بىلىدۇ .ھىچقانداق نەرسە ئۇنىڭ كونتىرولى سىرتىدا ئەمەس،ھەمدە ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان ھىچقانداق نەرسە يوق :
ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻼﮬﯩﯖﻼﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻼﮬﺘﯘﺭ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﮬﯧﭻ ﻣﻪﺑﯘﺩ (ﺑﻪﺭﮬﻪﻕ) ﻳﻮﻗﺘﯘﺭ؛ ﺋﯘ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺷﻪﭘﻘﻪﺗﻠﯩﻜﺘﯘﺭ، ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻣﯧﮭﺮﯨﺒﺎﻧﺪﯗﺭ . [ كالا : 163 ]
ئاللاھنىڭ مەۋجۇتلىقى بىرنەرسىكى ، بىلمەسلىككە ھىچقانداق بانا يوق . ئۇ ئىنتايىن چۈشىنىشلىك مەسىلىدۇر :
« ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﯩﺮﻯ: ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﯞﻩ ﺯﯦﻤﯩﻨﻨﻰ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﯘﭼﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ (ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﯩﺪﻩ) ﺷﻪﻙ ﺑﺎﺭﻣﯘ؟ دىدى . [ ئىبراھىم : 10 ]
ئاللاھ كىشىلەرنى ئۇنىڭ پەرۋەردىگارلىقىنى ۋە بىرلىكىنى ئىتراپ قىلىدىغان تۇغما تەبىئەت بىلەن ياراتقان ، بىراق شەيتانلار ئادەم ئەۋلاتلىرىنىڭ قىشىغا كەلدى ھەمدە ئۇلارنى دىنىدىن بۇرىۋەتتى . بىر ھەدىس قۇدۇستا : مەن بەندىلىرىمنى توغرا يولدا ماڭغۇچى( بىر خۇداچى) قىلىپ ياراتتىم ، بىراق شەيتانلار ئۇلارنىڭ قېشىغا كەلدى ھەمدە ئۇلارنى دىنىدىن بۇرىۋەتتى ، ھەمدە ئۇلار مەن ئۇلارغا رۇخسەت قىلغان نەرسىنى چەكلىدى . دىيىلگەن .(مۇسلىم نەقىل قىلغان ،2865-)
ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاللاھنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىنكار قىلغۇچىلارمۇ ، شەيتانغا ئىبادەت قىلغۇچىلارمۇ ھەمدە ئادەمگە ئىبادەت قىلغۇچىلارمۇ بار . ۋە يەنە پۇلغا ، ياكى ئوتقا ، ياكى جىنسىي ئەزاغا ، ياكى ھايۋانغا ئىبادەت قىلغۇچىلار بار .
يەنە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا زىمىندىكى تاشنى ياكى ئاسماندىكى يۇلتۇزنى ئاللاھقا بولغان ئىبادەتكە شىرىك قىلغۇچىلار بار .
ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلنغان بۇ نەرسىلەر بىر نەرسە يارىتالمايدۇ ياكى رىزىق بىرەلمەيدۇ؛
ئۇلار ئاڭلىيالمايدۇ ياكى كۆرەلمەيدۇ ، ياكى پايدا ئىلىپ كىلەلمەيدۇ ياكى زىيان كەلتۈرەلمەيدۇ .شۇڭا ئۇلار قانداقسىگە ئاللاھنى قويۇپ ئۇلارغا ئىبادەت قىلىدۇ ؟
« ﺗﯜﺭﻣﯩﺪﺍﺵ ﺋﺎﻏﯩﻨﯩﻠﻪﺭ! ﺗﺎﺭﻗﺎﻕ ﻛﯚﭖ ﻣﻪﺑﯘﺩﻻﺭ ﻳﺎﺧﺸﯩﻤﯘ؟ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﯘﺩﺭﻩﺗﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﺍﻟﻠﻪ ﻳﺎﺧﺸﯩﻤﯘ؟
» [ يۇسۇف : 39 ]
ئاللاھ بۇ ئاڭلىيالمايدىغان ،كۆرەلمەيدىغان ، ياكى پىكىر يۈرگۈزەلمەيدىغان بۇتلارغا ئىبادەت قىلغۇچىلارنى ئەيىپلىدى :
« ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﻰ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯘﺗﻼﺭ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻣﻪﺧﻠﯘﻗﻼﺭﺩﯗﺭ، (ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﯩﻼﻫ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺩﻩﯞﺍﻳﯩﯖﻼﺭﺩﺍ) ﺭﺍﺳﺘﭽﯩﻞ ﺑﻮﻟﺴﺎﯕﻼﺭ، ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺩﯗﺋﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﻘﯩﯖﻼﺭ، ﺩﯗﺋﺎﻳﯩﯖﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩﺠﺎﺑﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﻗﺴﯘﻥ (194). ﺋﯘﻻﺭ (ﻳﻪﻧﻰ ﺑﯘﺗﻼﺭ) ﻧﯩﯔ ﻣﺎﯕﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﯘﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭﻣﯘ؟ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﯘﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭﻣﯘ؟ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﯚﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭﻣﯘ ﯞﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﯕﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯘﻻﻗﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭﻣﯘ؟ (ﺋﻰ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ! ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ) ﺋﯧﻴﯩﺘﻘﯩﻨﻜﻰ، «ﺷﯧﺮﯨﻜﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭﻧﻰ (ﻳﻪﻧﻰ ﺑﯘﺗﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭﻧﻰ ﻣﺎﯕﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ) ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﯖﻼﺭ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ (ﻗﻮﻟﯘﯕﻼﺭﺩﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﭽﻪ) ﻣﺎﯕﺎ ﺯﯨﻴﺎﻧﻜﻪﺷﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ، ﺋﺎﺯﺭﺍﻗﻤﯘ ﻣﯚﻫﻠﻪﺕ ﺑﻪﺭﻣﻪﯕﻼﺭ (ﻣﻪﻥ ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎ ﻳﯚﻟﻪﻧﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻢ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﭘﻪﺭﯞﺍ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﻤﻪﻥ).
» [ ئىگىزلىك ( ئەئراف) : 194-195 ]
(ﺋﻰ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ!) ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺍﻟﻠﻪ ﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﭘﺎﻳﺪﺍ- ﺯﯨﻴﺎﻥ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﺷﻜﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﭼﻮﻗﯘﻧﺎﻣﺴﯩﻠﻪﺭ؟ ﺩﯦﮕﯩﻦ. ﺍﻟﻠﻪ ﺑﻮﻟﺴﺎ (ﺳﯚﺯﯛﯕﻼﺭﻧﻰ) ﺋﺎﯕﻼﭖ ﺗﯘﺭﻏﯘﭼﯩﺪﯗﺭ، (ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﯩﯖﻼﺭﻧﻰ) ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﯘﭼﯩﺪﯗﺭ .» [ داستىخان (مائىدە) : 76 ]
ئىنسان ئۆزىنى ياراتقان ئە ئۇنىڭغا رىزىق بىرىدىغان پەرۋەردىگارىنى نىمانچىۋالا تونۇمىغان - ھە ! ... ئۇ قانداقسىگە ئۇنى ئىنكار قىلىدۇ ،ئۇنى ئۇنتىيدۇ ھەمدە ئۇنى قويۇپ باشقىلارغا ئىبادەت قىلىدۇ :
ﺋﯘﻻﺭ ﺯﯦﻤﯩﻨﺪﺍ ﺳﻪﻳﺮ ﻗﯩﻠﻤﯩﺪﯨﻤﯘ؟ ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭ (ﻳﻪﻧﻰ ﺳﻪﻳﺮ ﻗﯩﻠﯩﭗ) ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﯨﻠﻼﺭﻏﺎ، ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﯕﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯘﻻﻗﻼﺭﻏﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻤﯩﺪﯨﻤﯘ؟ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﻛﯚﺯﻟﻪﺭﻻ ﻛﻮﺭ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻛﯚﻛﺮﻩﻛﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻗﻪﻟﺒﻠﻪﺭ ﻛﻮﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ (ﻳﻪﻧﻰ ﻫﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﻛﻮﺭﻟﯘﻕ ﻛﯚﺯﻧﯩﯔ ﻛﻮﺭﻟﯘﻗﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺩﯨﻠﻨﯩﯔ ﻛﻮﺭﻟﯘﻗﯩﺪﯗﺭ، ﻛﻮﺭ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯩﺒﺮﻩﺕ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ﯞﻩ ﭼﯜﺷﻪﻧﻤﻪﻳﺪﯗ) . [ ھەج : 46 ]
ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئۇنىڭغا شىرىك قىلغان نەرسىلىرىدىن پاكتۇر . مەدھىيە دۇنيالارنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا بولسۇن :
« ﺟﯩﻤﻰ ﻫﻪﻣﺪﯗﺳﺎﻧﺎ ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎ ﺧﺎﺳﺘﯘﺭ! ﺋﯘﻧﯩﯔ (ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﯩﻜﻜﻪ) ﺗﺎﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﻪﻧﺪﯨﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﯩﻠﻪﻳﻤﻪﻥ! ﺩﯦﮕﯩﻦ. ﺍﻟﻠﻪ ﻳﺎﺧﺸﯩﻤﯘ؟ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺷﯧﺮﯨﻚ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﺑﯘﺗﻠﯩﺮﻯ ﻳﺎﺧﺸﯩﻤﯘ؟ (59) ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﯞﻩ ﺯﯦﻤﯩﻨﻨﻰ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ، ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﯘﻟﯘﺗﺘﯩﻦ ﻳﺎﻣﻐﯘﺭ ﻳﺎﻏﺪﯗﺭﯗﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺑﺎﻏﻼﺭﻧﻰ ﻳﯧﺘﯩﺸﺘﯜﺭﯛﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻛﯩﻢ؟ ﺋﯘ ﺑﺎﻏﻼﺭﻧﯩﯔ ﺩﻩﺭﻩﺧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﯛﺵ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯘﯕﻼﺭﺩﯨﻦ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ، ﺍﻟﻠﻪ ﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯩﻼﻫ ﺑﺎﺭﻣﯘ؟ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯩﻼﻫ ﻳﻮﻗﺘﯘﺭ، ﺋﯘﻻﺭ (ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﺘﯩﻦ) ﺑﯘﺭﯗﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﻗﻪﯞﻣﺪﯗﺭ (60). ﺯﯦﻤﯩﻨﻨﻰ (ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﯞﻩ ﻫﺎﻳﯟﺍﻧﻼﺭﻏﺎ) ﺗﯘﺭﺍﻟﻐﯘ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺩﻩﺭﻳﺎﻻﺭﻧﻰ ﺋﺎﻗﻘﯘﺯﻏﺎﻥ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ (ﺗﻪﯞﺭﻩﭖ ﻛﻪﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ)ﺗﺎﻏﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﺭﻧﺎﺗﻘﺎﻥ، ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺩﯦﯖﯩﺰ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ (ﻳﻪﻧﻰ ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ ﺳﯘ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﻮﺭﻟﯘﻕ ﺳﯘ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ) ﺗﻮﺳﺎﻗﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻛﯩﻢ؟ ﺍﻟﻠﻪ ﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯩﻼﻫ ﺑﺎﺭﻣﯘ؟ (ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯩﻼﻫ ﻳﻮﻕ) ﺋﯘﻻﺭ (ﻳﻪﻧﻰ ﻣﯘﺷﺮﯨﻜﻼﺭ) ﻧﯩﯔ ﺗﻮﻟﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯗ (61). ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﻛﯜﻥ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺩﯗﺋﺎ ﻗﯩﻠﺴﺎ (ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺩﯗﺋﺎﺳﯩﻨﻰ) ﺋﯩﺠﺎﺑﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯧﻐﯩﺮﭼﯩﻠﯩﻘﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﯞﯦﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺯﯦﻤﯩﻨﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﯗﻧﺒﺎﺳﺎﺭﻟﯩﺮﻯ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻛﯩﻢ؟ ﺍﻟﻠﻪ ﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯩﻼﻫ ﺑﺎﺭﻣﯘ؟ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﺎﺯﻏﯩﻨﺎ ﯞﻩﺯ- ﻧﻪﺳﯩﻬﻪﺕ ﺋﺎﻟﯩﺴﯩﻠﻪﺭ (62). ﻗﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻗﻨﯩﯔ ﯞﻩ ﺩﯦﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘﻟﯘﻗﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻳﻮﻝ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺭﻩﻫﻤﯩﺘﯩﺪﯨﻦ (ﻳﻪﻧﻰ ﻳﺎﻣﻐﯘﺭ ﻳﺎﻏﺪﯗﺭﯗﭖ ﺑﯧﺮﯨﺸﺘﯩﻦ)ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺷﺎﻣﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﺑﯩﺸﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﻢ؟ ﺍﻟﻠﻪ ﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯩﻼﻫ ﺑﺎﺭﻣﯘ؟ (ﻫﯧﭻ ﺋﯩﻼﻫ ﻳﻮﻗﺘﯘﺭ) ﺍﻟﻠﻪ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺷﯧﺮﯨﻚ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﭘﺎﻛﺘﯘﺭ (63). (ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﻰ) ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﻪﺗﻜﻪﻥ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯘﻧﻰ ﺗﯩﺮﯨﻠﺪﯛﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﻢ؟ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﺪﯨﻦ ﯞﻩ ﺯﯦﻤﯩﻨﺪﯨﻦ ﺭﯨﺰﯨﻖ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﻢ؟ ﺍﻟﻠﻪ ﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯩﻼﻫ ﺑﺎﺭﻣﯘ؟ (ﻫﯧﭻ ﺋﯩﻼﻫ ﻳﻮﻗﺘﯘﺭ) ﺋﯧﻴﺘﻘﯩﻨﻜﻰ، (ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺩﻩﯞﺍﻳﯩﯖﻼﺭﺩﺍ) ﺭﺍﺳﺘﭽﯩﻞ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﯕﻼﺭ، ﺩﻩﻟﯩﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭﻧﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﯕﻼﺭ » [ چۈمۈلىلەر(نەمل): 59-64 ] .

مەنبە: الشيخ محمد بن ابراهيم التويجري نىڭ ئەسىرى : أصول الدين الإسلامي دىن ئىلىندى .