جۈمە 2 شەۋۋال 1442 - 14 ماي 2021
Uygur

رامىزان روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلىشنى ئۇنتۇپ قىلىپ، يەنە بىر رامىزان كىرسە قانداق قىلىش كېرەكلىكى توغرىسىدا

سۇئال

    بىر كىشى رامىزان روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلىشنى ئۇنتۇپ قىلىپ، يەنە بىر رامىزان كىرسە قانداق قىلىشى كېرەك؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

   ئۇنتۇپ قىلىشنىڭ ئۈزۈر ھېسابلىنىدىغانلىقى، ئۇ كىشىدىن گۇناھ كۆتۈرلۈپ كېتىدىغانلىقى، بارلىق قائىدىسىزلىكتە جازالانمايدىغانلىقىغا ئالىملار ئىتتىپاققا كەلگەن. بۇ توغرىدا قۇرئان-ھەدىستە نۇرغۇن دەلىللەر كەلگەن، لېكىن ئۇلار ئۇنتۇپ قالغان كىشى جازالانمىسىمۇ لېكىن ئۇنىڭ قازاسىنى قىلىش بىلەن بىرگە پىديە كېلەمدۇ؟ دېگەن مەسىلىدە ئۆلىمالارنىڭ كۆز-قاراشلىرى ئوخشىمايدۇ.

    بۇ يىل رامىزان كىرگىچە ئۆتكەن يىل رامزاندا قالغان روزىنىڭ قازاسىنى قىلىشنى ئۇنتۇپ قالغان كىشىنىڭ مەسىلىسىدە، ئۇ كىشى: ئالىملار ئۇ كىشىگە بۇ رامىزاندىن كېيىن ئۇ روزىنىڭ قازاسىنى تۇتۇش كېرەك، ئۇنتۇپ قىلىش بىلەن قازاسىنى قىلىش چۈشۈپ كەتمەيدۇ دېگەنگە ئىتتىپاققا كەلدى. لېكىن ئۇلار، قازاسىنى قىلىش بىلەن بىرگە پىديە بېرىش يەنى كەمبەغەلگە يېمەك بېرىش مەسىلىسىدە ئىككى خىل قاراشتا بولدى:

    بىرىنچى قاراشتىكىلەر: ئۇ كىشىگە پىديە بېرىش كېرەك بولمايدۇ، چۈنكى ئۇنتۇپ قىلىش دېگەن ئۈزۈر بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن گۇناھ ۋە پىديە كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ دەيدۇ.  شاپىئى مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ كۆپ قىسمى ۋە بەزى مالىكى مەزھەپ ئالىملىرى بۇ قاراشتا بولدى. [ئىبنى ھەجەر ھەيتەمىينىڭ: "تۆھپەتىل مۇھتاج" ناملىق ئەسىرى 3-توم 445-بەت، "نىھايەتۇل مۇھتاج" ناملىق ئەسەرنىڭ 3-توم 196-بەت، "مەنھىل جەلىيل" ناملىق ئەسەر 2-توم 154-بەت، ۋە "شەرھى مۇختەسەر خەلىل" ناملىق ئەسەر 2-توم 263-بەتلەرگە قارالسۇن].

   ئىككىنچى قاراشتىكىلەر: ئۇ كىشىگە قازاسىنى قىلىش بىلەن بىرگە پىديە بېرىش كېرەك بولىدۇ، ئۇنتۇپ قىلىش ئۈزۈر بولۇپ بۇنىڭ بىلەن پەقەت گۇناھ كۆتۈرلۈپ كېتىدۇ دەيدۇ.

    بۇ شاپىئىي مەزھەپ ئالىملىرىدىن: خەتىب شىربىينىنىڭ قارىشى بولۇپ، ئۇ كىشى "مۇغنىل مۇھتاج" ناملىق ئەسىرىنىڭ 2-توم 176-بىتىدە مۇنداق دەيدۇ: "ئوچۇق مەسىلە، ئۇ كىشىدىن ئۇنتۇپ قىلىش بىلەن گۇناھ كۆتۈرلۈپ كېتىدۇ، لېكىن پىديە كۆتۈرلۈپ كەتمەيدۇ".

   مالىكى مەزھەپ ئالىملىرىدىن بەزىسىمۇ بۇنىڭغا دەلىل كەلتۈرگەن. "مەۋاھىبۇل جەلىيل شەرھى مۇختەسەر خەلىيل" 2-توم 450-بەتكە قارالسۇن.

    بۇ مەسىلىدىكى كۈچلۈك قاراش بولسا، ئاللاھ خالىسا بىرىنچى قاراشتۇر، ئۇنداق بولىشى بۇ توغرىدا ئۈچ تۈرلۈك دەلىل بايان قىلىنغان:

    بىرىنچى: ئۇنتۇلۇپ قالغۇچىدىن جازانىڭ كۆتۈرۈلۈپ كېتىشى توغرىسىدىكى ئايەت-ھەدىسلەرنىڭ ئومۇم بولغانلىقى ئۈچۈندۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  رَبَّنَا لَا تُؤَاخِذْنَا إِنْ نَسِينَا أَوْ أَخْطَأْنَا  تەرجىمىسى: «پەرۋەردىگارىمىز! ئەگەر بىز ئۇنۇتساق ياكى خاتالاشساق (بىز ئۇنتۇش ياكى سەۋەنلىكتىن ئەمرىڭنى تولۇق ئورۇنلىيالمىساق)، بىزنى جازاغا تارتمىغىن.» [سۈرە بەقەرە 286-ئايەت].

    ئىككىنچى: ئەسلىدە ئىنساننىڭ مەسئۇلىيەتتىن پاك بولىشىدۇر، ئىنساننى دەلىلسىز ياكى بۇ مەسىلىنى كۈچلاندۇرىدىغان دەلىل بولمىغان ئەھۋالدا، ئۇنىڭغا كاپارەت ياكى پىديە يۈكلەپ قويۇش توغرا بولمايدۇ.

    ئۈچىنچى: ھەقىقەتەن پىديە مەسىلىسىدە، ئەسلىدە رامىزان روزىسىنىڭ قازاسىنى قەستەن كېچىكتۈرگەن كىشىگىمۇ پىديە كېرەك بولىدۇ، دېگەن مەسىلىدە ئالىملار ئارىسىدا ئىختىلاپ بار. ھەنەپىي ۋە زاھىرىي مەزھەپ ئالىملىرى پىديە كېرەك بولمايدۇ دەپ قارايدۇ.

    ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھمۇ مۇشۇ قاراشنى تاللاپ، پىديە بېرىشنى ياخشى دەپ قارىغان، چۈنكى پىديە بېرىش بەزى ساھابىلاردىن يۈز بەرگەن بولۇپ، رەسمى دەلىل كەلمىگەن، شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن بۇنى زۈرۈر دەپ بېكىتىش كۈچلۈك قاراش ئەمەس. بولۇپمۇ ئاللاھ تائالا ئۈزۈرسىنى قوبۇل قىلغان كىشىلەرگە بېكىتىش ئاجىز قاراشتۇر. 26865- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    جاۋاپنىڭ خۇلاسىسى: ئۇ كىشىگە ئۇنتۇپ قالغان رامىزان روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەك بولىدۇ. كەپپارەت بېرىش كېرەك بولمايدۇ، ئۇ كىشى رامىزاندىن كېيىن قازاسىنى قىلسا بولىدۇ.

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى