بىرىنچى: كىيىمدىكى سۈرەتلەر ئىسلامدا چەكلەنگەن ئاياللارنىڭ، كېرست بەلگىسى ياكى مۇسۇلمانلارغا دۈشمەنلىك قېلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بەلگىلىرى، جانلىق نەرسىلەرنىڭ سۈرەتلىرى، ھاراق، تاماكا، چوشقا قاتارلىق ھارام يېمەكلىك قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ سۈرەتلىرى بولسا بۇنداق كىيىمنى كىيىش ئەسلا توغرا بولمايدۇ. بۇ كېيىم بىلەن ناماز ئادا قىلىشنىڭ ھاراملىقى ئېنىقتۇر، چۈنكى بۇ سۈرەتلەر ئەسلىدىنلا ھارام، ئالىملارنىڭ توغرا قارىشىدا بۇنداق سۈرەتلەر بولغان كىيىملەرنى كىيىش توغرا بولمايدۇ.
بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئۈچۈن 10439- ۋە 143709 - نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.
ئىككىنچى: ئەگەر كىيىمدە سۈرەت بولماستىن بەلكى ئىنگىلىز تىلىدىكى پاھىشە، بۇزۇقچىلىققا چاقىرىدىغان "مېنى سۆي"، "ماڭا ئەگەشكىن" دېگەندەك ياكى ئېتىقادقا تەسىر كۆرسىتىدىغان سۆزلەر بولسا بۇنداق كىيىملەرنى نامازنىڭ سىرتىدا كىيىش توغرا بولمايدىغان تۇرسا، ئۇنى نامازدا كىيىش ئەسلا توغرا بولمايدۇ، بۇنىڭ ھاراملىقى ئېنىق، ئۇنىڭغا ناچار، ئاشكارا كۆرۈنىدىغان مۇنكەر، بۇزۇقچىلىق ۋە كۇپۇرغا چاقىرىدىغان سۆزلەر يېزىلغان بولۇپ، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَتَّبِعُوا خُطُوَاتِ الشَّيْطَانِ وَمَنْ يَتَّبِعْ خُطُوَاتِ الشَّيْطَانِ فَإِنَّهُ يَأْمُرُ بِالْفَحْشَاءِ وَالْمُنْكَرِ تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! شەيتاننىڭ كەينىگە كىرمەڭلار، كىمكى شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىدىكەن، شەيتان ئۇنى قەبىھ (سۆز ـ ھەرىكەتلەر)گە، يامان ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ. ئاللاھنىڭ سىلەرگە پەزلى ۋە مەرھەمىتى بولمىسا ئىدى، سىلەردىن ھېچ ئادەم ئەبەدىي پاك بولماس ئىدى ۋەلېكىن ئاللاھ خالىغان بەندىسىنى پاك قىلىدۇ، ئاللاھ سىلەرنىڭ (سۆزلىرىڭلارنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر،(نىيەتلىرىڭلارنى)بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.» [سۈرە نۇر 21-ئايەت].
ئۈچىنچى: ئەگەر كېيمدە سۈرەت ۋە چەكلەنگەن ھارام سۆزلەر بولمىسا، لېكىن تۈرلۈك نەقىش، شەكىل ۋە باشقا سۆزلەر بولسا، بۇنىڭ ھۆكمى مۇنداق بولىدۇ:
1-كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان، كۆپ ۋاقىتلاردا ناماز ئادا قىلغۇچىلارنى ئويلىنىشقا ۋە زېھنى چېچىلىشقا ئېلىپ بارىدىغان بولسا، بۇنداق كىيىمدە ناماز ئادا قىلىش ياخشى كۆرەلمەيدۇ، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىنساننى نامازدىن مەشغۇل قىلىدىغان كىيىملەرنى كىيىشتىن چەكلىگەن. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يوللۇق رەختتە كەشتىلىنىپ تىكىلگەن بىر توننى كېيىپ ناماز ئادا قىلدى، نامازدا توننىڭ كەشتىلىرىگە قارىدى، نامازنى ئادا قىلىپ بولۇپلا: «مېنىڭ بو چاپىنىمنى ئەبى جەھمىگە ئاپىرىپ بېرىپ، ئۇنىڭدىن ئەنبىجانىيەدە-كەشتىلەنمىگەن ئاددى-توقۇلغان چاپاننى ئېلىپ كېلىڭلار، بۇ چاپاننىڭ كەشتىلىرى ھازىر مېنى نامازدا مەشغۇل قىلىپ قويدى» دېدى. [بۇ ھەدىسنى بۇخارى سەھىھ كىتابىدا 373-ھەدىستە كەلتۈرگەن ۋە "كەشتىلەنگەن كىيىمدە ناماز ئادا قىلغاندا، كەشتىلىرىگە قاراشنىڭ بابى" دەپ باب كەلتۈرگەن].
ئەللامە ئىبنى دەقىق ئىيد رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "پىقھى ئالىملىرى: ئىنساننى نامازدا مەشغۇل قىلىپ قويىدىغان كەشتە، نەقىش، رەڭ ھەر قانداق نەرسىنىڭ ياقتۇرۇلمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ سەۋەبى نامازدىن مەشغۇل قىلىش بولغانلىقى ئۈچۈن سەۋەبى ئومۇم بولغان ئىشنىڭ ھۆكمىنىڭمۇ ئومۇم بولىدىغانلىقىنى مۇشۇ ھەدىستىن ئالدى". ["ئىھكامۇل ئەھكام" 219-بەت].
ئىمام قۇرتۇبىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " ئىنساننى قارىسا نامازدىن مەشغۇل قىلىدىغان ھەر قانداق نەرسىنىڭ چەكلىنىدىغانلىقى مۇشۇ ھەدىستىن ئېلىنىدۇ". ["ئەل مەپھۇم لىما ئەشكەلە مىن تەلخىس مۇسلىم"2-توم 163-بەت].
ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىنساننى نامازدىن مەشغۇل قىلىدىغان ھەر قانداق نەرسە مەكرۇھ بولىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ئاللاھ تائالا كۈچلاندۇرۇپ، مۇھاپىزەت قىلىپ، خۇشۇ بىلەن تۇرماقلىقى بىلەن نامازدىن مەشغۇل قىلغان يەردە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن باشقا ئىنسانلارنى ئەلۋەتتە مەشغۇل قىلىدۇ". ["ئەل مۇغنى"2-توم 72-بەت].
ھەنبەلى مەزھىبىدىكى ئالىم بەھۇتىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "نامازغا تۇرغاندا ئالدى تەرەپتە ئىنساننى مەشغۇل قىلىدىغان نەرسىنىڭ بولىشى ياخشى كۆرۈلمەيدۇ، چۈنكى ئۇ ئىنساننى نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلىشتىن مەشغۇل قىلىپ قويىدۇ". ["كەشاپۇل قىنا"1-توم 307-بەت].
بۇ ھەقتە مەلۇمات ئۈچۈن 90097-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.
2-ئەمما كىيىمدىكى كەشتە، نەقىش، سۆزلەر چەكلەنگەن بولمىسا، ئاز بولسا، ناماز ئادا قىلغۇچىلار ئۇنىڭغا دىققەت قىلمايدىغان بولسا، ياكى ئادەتتە ئىنسانلارنىڭ كىيىمدە شۇنداق نەرسىلەر بولىدىغان، قارىغۇچىنى مەشغۇل قىلمايدىغان بولسا، بۇ كىيىمدە چەكلىنىدىغان سەۋەپ بولمىغاندىن كېيىن ئۇنى نامازدا كىيسە بولىدۇ.
ھەرب رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىسھاقتىن يېشىل رەڭدە نەقىشلەنگەن رەختتە ناماز ئادا قىلسا بولامدۇ؟ دەپ سورىسام، ئۇ : بولىدۇ دېگەن. [ئىبنى رەجەبنىڭ "پەتھۇل بارى" 2-توم 206-بەت].
شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " ئەگەر ئىمام ئەما بولغانلىقى ياكى بۇنداق ئىشلار كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا پەرۋا قىلمايدىغان ۋە ئۇنى مەشغۇل قىلمايدىغان بولسا، بىزنىڭ قارىشىمىزدا، بۇ كىيىمدە ناماز ئادا قىلسا بولىدۇ". ["شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالار مەجمۇئەسى"12-توم 362-بەت].
سۆزنىڭ خۇلاسىسى: سوئالدا سورالغان كۆينەك گەرچە ھارام ، چەكلەنگەن سۆزلەر يېزىلمىغان بولسىمۇ، نامازدا قارىغۇچىلارنى مەشغۇل قىلىدىغان بولسا، بۇ كىيىمدە ناماز ئادا قىلىش ياخشى بولمايدۇ، ئەگەر مەشغۇل قىلمىسا نامازنى ئادا قىلسا بولىدۇ.
ئەگەر كىيىمگە يېزىلغان سۆزلەر چەكلەنگەن مەنالارنى ئىپادىلەيدىغان بولسا، بۇنداق كىيىمنى نامازنى ئادا قىلغاندىمۇ ۋە باشقا ۋاقىتتىمۇ كىيىشكە بولمايدۇ.
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.