پەيشەنبە 20 جىمادۇل ئەۋۋەل 1446 - 21 نويابىر 2024
Uygur

ئوغۇرلانغان مالدىن تەۋبە قىلىش پەقەت ئوغۇرلانغان مالنى ئېگىسىگە قايتۇرۇش ياكى ئىگىسى ۋاپات بولغان بولسا ئۇنىڭ ۋارىسلىرىغا قايتۇرۇش بىلەن بولىدىغانلىقى توغرىسىدا

سۇئال

ياش ۋاقتىدا چوڭ دادىسى ۋە چوڭ ئانىسىنىڭ مېلىدىن ئوغرىلىدى، كېيىن ھەقنى تونۇپ تەۋبە قىلدى، تەۋبىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن ھەق-ھوقۇقنى ئىگىسىگە قايتۇرۇش كېرەك بولىدۇ، چوڭ دادىسى بىلەن چوڭ ئانىسى ۋاپات بولۇپ كەتكەندىن كېيىن ئوغۇرلانغان مالنىڭ قىممىتىنى ئىئانە قىلسا توغرا بولامدۇ؟ ۋارىسلار كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ مالنى ئۇلارغا يەتكۈزۈش قېيىن بولىدۇ، بۇ شەھەردە مالغا ئېھتىياجلىق كەمبەغەللەرمۇ كۆپ، بۇ مالنىڭ قىممىتىنى ئىئانە قىلىش ئارقىلىق ئەجىر-ساۋابنىڭ چوڭ ئانا ۋە چوڭ دادىسىغا يېتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بەندىلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقىغا ئالاقىدار ئىشلاردىن تەۋبە قىلىشنىڭ توغرا بولىشىنىڭ شەرتلىرىدىن: زۇلۇم قىلىنغان نەرسىلەرنى ئېگىسىگە قايتۇرۇش ياكى ئىگىسىدىن رازىلىق ئېلىش بىلەن بولىدۇ. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: كىمنىڭ ئۈستىدە قېرىندىشىنىڭ يۈز-ئابرۇيى ۋە مال-مۈلكىگە ئالاقىدار زۇلۇم قىلىنغان ئىشلار بولسا، قولىدا ئالتۇن-كۈمۈشلىرى يوق بولغان قىيامەت كۈنىدىن ئىلگىرى ھەق ئىگىسىدىن رازىلىق ئالسۇن، قىيامەت كۈنى زۇلۇم قىلغۇچىنىڭ ياخشى ئەمەللىرى بولسا قىلغان زۇلۇمىنىڭ مىقىدارىدا زۇلۇم قىلىنغۇچىغا ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئەگەر ياخشى ئەمەللىرى بولمىسا، زۇلۇم قىلىنغۇچىنىڭ يامان ئەمەللىرى ئېلىنىپ ئۇ كىشىنىڭ ئۈستىگە يۈكلىنىدۇ. [بۇخارى رىۋايىتى2449-ھەدىس].

    ئىنسان باشقىلارنىڭ مېلىنى ئوغۇرلاپ، كېيىن تەۋبە قىلغاندىن كېيىن ئېگىسىگە خەۋەر بېرىش قېيىن بولسا ياكى خەۋەر بېرىش بىلەن ئارىسى بۇزۇلۇشتىن ئەنسىرىسە، ئۇ ۋاقىتتا خەۋەر بېرىش كېرەك بولمايدۇ، بەلكى مالنى قايسى يول بىلەن قايتۇرۇپ بېرىش مۇمكىن بولسا شۇ يول بىلەن قايتۇرۇپ بېرىدۇ، ياكى ئۇ كىشىنىڭ بانكا ھېسابىغا يوللاپ بېرىدۇ ياكى ئۇ كىشىگە يەتكۈزۈپ بېرىدىغان بىرسىگە بېرىدۇ ياكى شۇنىڭغا ئوخشىغان يوللار بىلەن قايتۇرىدۇ.

    ئىككىنچى: سۇئال سورىغۇچى قېرىندىشىمىز مۇمكىن بولسا قىيىنچىلىق بولغان تەقدىردىمۇ ئۇ مالنىڭ چوڭ دادىسى بىلەن چوڭ ئانىسىنىڭ ۋارىسلىرىغا قايتۇرۇشى كېرەك بولىدۇ.

    بۇ يەردە مالنى قىيىنچىلىق بىلەن بولسىمۇ قايتۇرۇش ئىمكانىيىتى بولۇش بىلەن مالنى قايتۇرۇش مۇمكىن بولماسلىق ئۈزۈرىسىنىڭ ئارىسىدا پەرق بار، مالنى ھەقلىق بولغان ئەسلى ئىگىلىرىگە قايتۇرۇش مۇمكىن بولغان ئەھۋالدا، گەرچە ئۇلار ياشاۋاتقان شەھەردە كەمبەغەللەر كۆپ بولسىمۇ ئۇلارنىڭ خەۋىرى يوق ئۇلارنىڭ ھەقلىق بولغان ماللىرىنى سەدىقە قىلىۋېتىش توغرا بولمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسان باشقىلارنىڭ مېلىنى ئۇلارنىڭ خەۋىرى يوق سەدىقە قىلىشى توغرا بولمايدۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ مېلى بولسا قانداق سەدىقە قىلسا بولىدۇ.

   شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مالنىڭ ئىگىسى بىلىنىدىكەن، ئۇ مالنى چوقۇم ئىگىسىگە قايتۇرۇشى كېرەك، ياكى ئۇلارنىڭ ۋارىسلىرى بىلىنسە ئۇنى ۋارىسلىرىغا يەتكۈزۈش كېرەك بولىدۇ، ئەمما ئۇلارنى ئۇنتۇپ قالغان بولسىڭىز ياكى ئۇلارنى پەقەت بىلمىسىڭىز، ياكى ئۇلارنى تېپىشتىن پۈتۈنلەي ئۈمىدسىزلەنگەن بولسىڭىز، ئۇ ۋاقىتتا بۇ مالنى ئۇلارنىڭ نامىدىن سەدىقە قىلىۋەتسىڭىز بولىدۇ.

     ئەمما ئۇلارنى بىلىدىغان بولسا ياكى ئۇلار ۋاپات بولۇپ كېتىپ ئۇلارنىڭ ۋارىسلىرى بىلىنسە، ئۇ ۋاقىتتا بىر ئىنساننىڭ ئۇلارنىڭ يېنىغا بېرىپ: بۇ مەن سىلەرنىڭ مېلىڭلاردىن ھەقسىز ئېلىۋالغان، بۇ مالنى مەندىن ئېلىپ مېنى كەچۈرىۋىتىڭلار دېگەن سۆزنى دېيىشى قېيىن بولىدۇ، ھەتتا شەيتان ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە سىلەرگە قايتۇرغاندىنمۇ كۆپرەك ئىلىۋالغان بولىشى مۇمكىن دېگەن گۇماننى كەلتۈرۈشى مۇمكىن، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق ئەھۋالدا سىز دىندار، ئەقىللىق ۋە ئىشەنچىلىك بىر كىشىگە مەسلىھەت سىلىپ، پالانى ئۈچۈن ياكى ئۇ كىشى ۋاپات بولۇپ ۋارىسلىرى قالغان بولسا ۋارىسلىرى ئۈچۈن مۇنداق-مۇنداق بىر ئىش بار دەپ ئەمەلى ئەھۋالنى بايان قىلسىڭىز، ئاللاھ خالىسا ئۇ كىشى سىزنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشىڭىز ۋە ھەقنى ئىگىسىگە يەتكۈزۈپ بېرىشىڭىزغا ياردىمى بولىدۇ، ۋە ئۇلارغا: بۇ ئىنسان ياخشى ئادەم بولۇپ، ئاللاھقا تەۋبە قىلىپتۇ، ئۇ كىشى سىلەرنىڭ مۇنداق مېلىڭلارنى ئېلىۋېلىش بىلەن سىلەرگە زۇلۇم قىلىپتىكەن، ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى تونۇپ بۇ مېلىڭلارنى ئەۋەتتى دېگەندەك سۆزلەرنى دەيدۇ. ئۆلىمالار دەيدۇكى: ئىگىسى بىلىنگەن مالنى چوقۇم ئىگىسىگە قايتۇرۇش كېرەك بولىدۇ". ["ئايلىق ئۈچرىشىش" 31-نۇمۇر].

بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 148902-بومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

     ئىنسان كۈچىنىڭ يېتىشچە ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىدىكەن، ھەق-ھوقۇقنى ئۆز ئىگىسىگە قايتۇرۇشقا ھېرىسمەن بولىدىكەن، ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن ئۇ كىشىنىڭ ئىشىنى ھەرقانچە قېيىن ۋە مۇمكىن ئەمەس بولغان تەقدىردىمۇ ئۇنىڭغا ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ.

    سوئال سورىغۇچىنىڭ: "مالنى سەدىقە قىلىۋەتسە ئۇنىڭ ئەجىر-ساۋابى ئۇ ئىككىيلەنگە يېتىدىكەن دېگەن سۆزىگە كەلسەك، بۇ مال ھازىر چوڭ دادىسى بىلەن چوڭ ئانىسىنىڭ مېلى ھېسابلانمايدۇ، بەلكى ئۇ ۋارىسلىرىنىڭ مۈلكى ھېسابلىنىدۇ.

   ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى