دۇشەنبە 14 شەۋۋال 1440 - 17 ئىيۇن 2019
Uygur

ئەمەلدە ئىخلاسنىڭ ئۆلچىمى

240287

تارقاتقان ۋاقىت : 14-01-2019

كۆرگۈچىلەر : 313

سۇئال

   ئىنسان ھەرقانداق ئەمەلنى قىلىشتىن ئىلگىرى نىيەتنى توغرا قىلىشى كېرەك، بۇ قانداق بولىدۇ؟ قىلغان ئىشىنىڭ توغرا ۋە خالىس ئاللاھ ئۈچۈن بولغانلىقىنى بىلىشنىڭ بېكىتىلگەن ئۆلچىمى قايسى؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   بىرىنچى: نىيەتنى توغرىلاش ۋە ئىشنىڭ بېشىدا نىيەتنى ھازىر قىلىش مۇسۇلمان مەشغۇل بولىدىغان ئىشنىڭ ئەڭ كاتتىسىدۇر. ھەقىقەتەن ئەمەللەرنىڭ قوبۇل بولىشى ياكى رەت قىلىنىشى، قەلبنىڭ ساپ بولىشى ياكى بۇزۇق بولىشى نىيەتكە ئاساسەن بولىدۇ.

   قىلغان ئىشىدا ياخشى نىيەتنى مەقسەت قىلغان كىشى شۇ ئىشنى قىلىشقا چاقىرىشقا تۈرتكە بولغان ئامىلغا قارىشى كېرەك. ئۇ تۈرتكىنىڭ ئاللاھنىڭ رازىلىقى، تائىتى ۋە بۇيرىقىغا بويسۇنۇش بارمۇ يوق ئۇنىڭغا دېققەت قىلىش كېرەك.

    نىيەت-مەقسەتنىڭ ئاللاھ ئۈچۈن بولۇشى: يەنى بۇ ئىشنى ئاللاھ ئۈچۈن خالىس قىلىشقا تۈرتكە بولغان ئەسلى ئامىلنى مۇھاپىزەت قىلىش كېرەك. ئەمەل قىلىش جەريانىدا تۈرتكە بولغان ئامىلغا قارىماسلىق، قەلبىنى ۋە نىيىتىنى ئاللاھنىڭ غەيرىگە ئۆرىمەسلىك ۋە ئۇنىڭغا شېرىكنى كىرگۈزمەسلىكى كېرەك. بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن 162186-ۋە 220806- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    ئىككىنچى: ئىنسان تۆۋەندىكى ئىشلارغا رىئايە قىلغاندا، قىلغان ئىشىنىڭ ئىخلاس بىلەن خالىس ئاللاھ ئۈچۈن بولغانلىقىنى بىلەلەيدۇ:

   -قىلغان ئىشىنى كىشىلەرگە رىيا قىلىپ كۆرسۈتۈش ياكى ئاڭلىتىش ئۈچۈن قىلماسلىقى كېرەك. جۇندۇپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى باشقىلارغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن ئەمەل قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى ئاڭلىتىدۇ، كىمكى باشقىلارغا رىيا قىلىش ئۈچۈن ئەمەل قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى باشقىلارغا كۆرسىتىدۇ.» [بۇخارى رىۋايىتى 6499-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى2987-ھەدىس].

    ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: خەتتابىي مۇنداق دەيدۇ:" ھەدىسنىڭ مەنىسى: كىمكى ئىخلاس قىلماستىن ئەمەل قىلىپ ئۇنى كىشىلەرگە كۆرسۈتۈش ۋە ئاڭلىتىشنى مەقسەت قىلىدىكەن، شۇنىڭغا ئاساسەن جازالىنىدۇ، ئاللاھ ئۇنى تارقىتىدۇ ۋە رەسۋا قىلىدۇ، يوشۇرغان مەقسىتىنى ئاشكارا قىلىدۇ، بەزى ئالىملار مۇنداق دەيدۇ: "قىلغان ئەمىلى بىلەن ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى مەقسەت قىلماستىن بەلكى كىشىلەر ئارىسىدا يۈز-ئابرۇي تېپىشنى مەقسەت قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇ ئادەمنىڭ قىلغان ئىشىنى يۈز-ئابرۇي تېپىشنى مەقسەت قىلغان كىشىلەر ئارىسىدا سۆز-چۆچەك قىلىدۇ، ئاخىرەتتە ئۇ كىشىگە ئەجىر-ساۋاپ بولمايدۇ". ["پەتھۇلبارى"11-توم 336-بەت].

   ئىززىبنى ئابدۇسالام رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مەخپى قىلىنىدىغان ئەمەللەردىن: ئىلىمنى خاتىرلەش دېگەندەك، كىشىلەرگە مەنپەئەتلىك بولغان ۋە كىشىلەرنىڭ ئەگىشىشى مەقسەت قىلىنغان ئەمەللەرنى ئاشكارا قىلىش ياخشى بولىدۇ". ["پەتھۇلبارى"11-توم 337-بەت]. تەپسىلى مەلۇمات ئۈچۈن 148158- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    ئىنساننىڭ قەلبى كىشىلەرنىڭ ماختاش ياكى سۆكۈشلىرىگە ئالاقىدار بولۇپ قالماسلىقى كېرەك.

   ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىنساننىڭ قەدىمى يوشۇرۇن ئىش قىلىش يولىدا مۇستەھكەم بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغاندا، ئۇنىڭ ھىممىتى يۇقىرى بولىدۇ، نەپسى باشقلارنىڭ ماختاش ۋە سۆكۈشلىرىدىن يۈكسەك بولىدۇ، كىشىلەرنىڭ ماختىغىنىدىن خۇرسەن بولمايدۇ، سۆكۈشىدىن قايغۇرمايدۇ، بۇ ئۆز نەپسىنىڭ نېسىۋىسىدىن چېقىپ پەرۋەردىگارىغا بەندىچىلىك قىلىشقا لايىق بولغان كىشىنىڭ سۈپىتىدۇر، شۇنىڭ بىلەن دىلىدا ئىمان ۋە ئىشەنچنىڭ لەززىتىنى تېتىيدۇ". ["مەدارىجۇس سالىكىين"2-توم8-بەت].

   -ئۇ كىشىگە ئەمەلنى مەخپى-يوشۇرۇن قىلىش ئاشكارا قىلغاندىن ياخشى كۆرۈلىدۇ. ئاسىم مۇنداق دەيدۇ: "ئەبۇ ۋائىل ئۆيىدە ناماز ئوقۇغاندا بەك مۇڭلىنىپ ئوقۇيتتى، ئەمما بىرەر كىشى كۆرۈپ قالىدىغان جايدا پۈتۈن دۇنيانى بېرەي دېسىمۇ ئۇنداق قىلمايتتى. ["ئەززۇھد"290-بەت].

-شەرئى تەرەپتىن پايدىسى بولىدىغان ئشلاردىن باشقا ئىشلاردا نام-شۆھرەت قازىنىدىغان ئورۇنلاردىن يىراق بولۇشى كېرەك.

   ئىبراھىم ئەدھەم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "شۆھرەت قازىنىشنى خالىغان كىشى ئاللاھقا سەمىمى بولمايدۇ". ["ئىھيائۇلۇمىددىن"3-توم 297-بەت].

   -كىشىلەرنىڭ كۆرىشى ئۈچۈن قىلىۋاتقان ئېشىنى ئاشۇرۇپ زىيادە قىلماسلىق. "بەندىنىڭ ئاشكارا-يوشۇرۇن ئىشلىرى باراۋەر بولغاندا" ئىخلاس بولىدۇ دېيىلىدۇ.

ئاشكارا ئىشى مەخپى ئىشىدىن ياخشى بولغاندا رىيا بولىدۇ. ["مەدارىجۇسسالىكىين" 2-توم 91-بەت].

  -دائىم ئۆزىدە كەمچىللىك بار، ئارتۇقچىلىق يوق دەپ، بارلىق پەزىلەت ئاللاھ ئۈچۈن ۋە ئەگەر ئاللاھنىڭ ھىدايىتى بولمىغان بولسا ئۆزىنىڭ ھالاك بولىدىغانلىقىنى بىلىش. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَلَوْلَا فَضْلُ اللَّهِ عَلَيْكُمْ وَرَحْمَتُهُ مَا زَكَى مِنْكُمْ مِنْ أَحَدٍ أَبَدًا وَلَكِنَّ اللَّهَ يُزَكِّي مَنْ يَشَاءُ  تەرجىمىسى: «ئاللاھنىڭ سىلەرگە پەزلى ۋە مەرھەمىتى بولمىسا ئىدى، سىلەردىن ھېچ ئادەم ئەبەدىي پاك بولماس ئىدى، لېكىن ئاللاھ خالىغان بەندىسىنى پاك قىلىدۇ.» [سۈرە نۇر 21-ئايەت].

   -ئىشنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن كەمچىلىكىنى ھېس قىلىپ ئىستىغپارنى كۆپ ئېيتىش كېرەك.

    سەئدى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىنسان ئىبادەتتىن بىكار بولغاندا، ئۆزىنىڭ كەمچىللىكىگە ئىستىغپار ئېيتىش ۋە ئاللاھنىڭ مۇۋەپپەق قىلغانلىقىغا شۈكۈر ئېيتىش كېرەك بولىدۇ، ئىبادەتنى كامىل قىلدىم دەپ، ئاللاھقا مىننەت قىلغان، ئىبادەتنى ئالى مەرتىۋېنىڭ ئورنى قىلىۋالغان كىشىگە ئوخشاش بولماسلىقى كېرەك، بۇنداق كىشىنىڭ قىلمىشى رەت قىلىنىدۇ، ئازابقا ھەقلىق بولىدۇ، ئەمما بىرىنچى كىشى باشقا ئەمەللىرىنىڭ قوبۇل بولىشىغا مۇۋەپپەق بولىدۇ. ["تەپسىر سەئدى"92-بەت].

   -ئاللاھنىڭ ياخشى ئەمەللەرگە مۇۋەپپەق قىلغانلىقىدىن خۇرسەن بولۇش. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  قُلْ بِفَضْلِ اللَّهِ وَبِرَحْمَتِهِ فَبِذَلِكَ فَلْيَفْرَحُوا هُوَ خَيْرٌ مِمَّا يَجْمَعُونَ  تەرجىمىسى: «ئېيتقىنكى، «ئۇلار ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە رەھمىتىدىن خۇشال بولسۇن، بۇ ئۇلارنىڭ يىغقان (دۇنيا ـ ماللىرىدىن) ياخشىدۇر.» [سۈرە يۈنۈس 58-ئايەت].

بەندە ئەمەلدە يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىشلارغا رىئايە قىلسا (ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن) چوقۇم ئىخلاسمەنلەردىن بولىدۇ. قىلغان ئىشىدا ئىخلاسنى ئۈزۈپ قويۇشنىڭ ھېچ يولى يوق، چۈنكى بۇنىڭ ئىلمى يالغۇز ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدىدۇر، لېكىن بەندە ئىخلاسنىڭ سەۋەبلىرىنى قىلىشى كېرەك، ئاللاھ تائالادىن ياخشى ئەمەلگە مۇۋەپپەق قىلىشىنى سوراش لازىم.

   ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

كۆز قاراش ئەۋەتىش