سوئال سورىغۇچى ئىشارەت قىلغان ھەدىسكە كەلسەك، ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئادەم ئەۋلادلىرى ماڭا ئەزىيەت يەتكۈزىدۇ، زاماننى تىللايدۇ، مەن زاماندۇرمەن، ئىشلار مېنىڭ قولۇمدىدۇر، كېچە-كۈندۈزنى مەن ئالماشتۇرىمەن». [بۇخارى رىۋايىتى 4826-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2246-ھەدىس].
بۇ ھەدىس زاماننىڭ ئاللاھنىڭ ئىسمى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ، ھەقىقەتەن ھەدىسنىڭ مەنىسى: ئاللاھ تائالا زاماننى ئالماشتۇرۇپ ئىشلارنى ئىدارە قىلغۇچى، دېمەكتۇر.
خەتتابى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسى: مەن زاماننىڭ ئىگىسى، زامانغا نىسبەت بېرىلىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى مەن ئىدارە قىلغۇچى، يۈز بەرگەن ئىشلارنى زامان پەيدا قىلدى دەپ زاماننى تىللىغانلىق، زاماننىڭ ھەممە ئىشلىرىنى ئىدارە قىلغۇچى ۋە زاماننىڭ رەببى بولغان زاتنى تىللىغانلىقتۇر".
ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا زاماندۇر» دېگەن بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسى: ئاللاھ تائالا زاماندا يۈزبەرگەن ۋە نازىل بولغان ئىشلارنى قىلغۇچى، كائىناتنىڭ ياراتقۇچىسى دېمەكتۇر".
شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "زامان دېگەن ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىملىرىدىن ئەمەس، زاماننى ئاللاھنىڭ ئىسمى دەپ ئويلاپ قالغان كىشى ئىككى سەۋەپتىن خاتالاشقان بولدى:
بىرىنچى سەۋەپ: ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىملىرىنىڭ ھەممىسى گۈزەل، يەنى گۈزەللىك ۋە مۇكەممەللىكتە ئەڭ يۈكسەك بولۇپ، مۇشۇ زامان دېگەن سۆز ئۆز ئېچىگە ئالغان مەنا ۋە سۈپەتلەردىنمۇ گۈزەل ۋە يۈكسەك مەنا، سۈپەتلەرنى ئۆز ئېچىگە ئېلىشى زۆرۈر، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئىسىملىرىدا بىرەر مەنانى بىلدۈرمەيدىغان ئىسىم يوق، زامان دېگەن پەقەت ۋاقىتنىڭ ئىسمىنىلا بىلدۈرىدىغان ئىسىمدۇر.
ئىككىنچى سەۋەپ: ھەدىسنىڭ كۆرۈنىشىمۇ بۇنى رەت قىلىدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالا: «كېچە-كۈندۈزنى مەن ئالماشتۇرىمەن» دېدى، كېچە بىلەن كۈندۈز بولسا زاماندۇر، ئۇنداقتا ئالماشتۇرۇلغان نەرسە قانداقمۇ ئالماشتۇرغۇچى بولىدۇ؟!.
[ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالىرى 1-توم 163-بەت].