قۇربانلىق گۆشنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى پىشۇرۇپ مېھمانلارغا قويسا، بۇ ئۈنى ھەدىيە قىلغاننىڭ ئورنىدا بولامدۇ؟

1

سوئال 317206

قۇربانلىق قىلىنغان ھايۋاننىڭ گۆشىنى، سۈننەت بويىچە ئۈچ قىسىمغا ئايرىپ، ئۇنىڭ بىر قىسمى سەدىقە قېلىنىدۇ، يەنە بىر قىسمى ھەدىيە قېلىنىدۇ، قالغان قىسمىنى ئۆزى ئىستىمال قىلىدۇ دەپ ئاڭلىدىم، مەن گۆشنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى پىشۇرۇپ يېقىنلىرىمنى توي ياكى باشقا مۇناسىۋەت بىلەن چاقىرىپ مېھمان قىلسام، بۇ ھەدىيەنىڭ ئورنىدا بولامدۇ؟ ياكى مەن ئۇلارغا ئۆز قولۇم بىلەن گۆشنى ھەدىيە قىلىشىم كېرەكمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىر قىسىم پىقھى ئالىملىرى قۇربانلىقنى ئۈچ قىسىمغا ئايرىپ، ئۇنىڭ ئۈچتىن بىرنى ئۆزى يېيىش، ئۈچتىن بىرىنى ھەدىيە قىلىش ۋە يەنە ئۈچتىن بىرىنى كەمبەغەللەرگە سەدىقە قىلىشنى ياخشى دەپ قارىغان، بۇ توغرىدا ھەم ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد ۋە ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلاردىنمۇ ئەسەر بايان قىلىنغان.

ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ "ئەل مۇغنى" 9-توم 488-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "قۇربانلىق گۆشنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئۆزى يېيىش، ئۈچتىن بىرىنى ھەدىيە قىلىش ۋە ئۈچتىن بىرى سەدىقە قىلىش مۇستەھەپ بولىدۇ، ئەگەر ئۈچتىن بىرىدىن كۆپرەكىنى يەۋەتسىمۇ دۇرۇس بولىدۇ".

ئىمام ئەھمەد مۇنداق دەيدۇ: "بىز ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ: قۇربانلىقنىڭ گۆشىنىڭ: ئۈچتىن بىرىنى ئۆزى يېيىش، ئۈچتىن بىرىنى ھەدىيە قىلىش ۋە يەنە ئۈچتىن بىرىنى كەمبەغەللەرگە سەدىقە قىلىش دېگەن سۆزىنى تۇتىمىز".

ئەلقەمە مۇنداق دەيدۇ: "ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مەن بىلەن قۇربانلىق گۆشىنى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ئۈچتىن بىرىنى مېنى يېيىشكە، ئۈچتىن بىرىنى قېرىندىشى ئۇتىبە ئىبنى مەسئۇدقا ھەدىيە قىلىشقا ۋە يەنە ئۈچتىن بىرىنى كەمبەغەللەرگە سەدىقە قىلىشقا بۇيرىدى".

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: " قۇربانلىق ۋە ھەدىيە ئۈچۈن بوغۇزلانغان ھايۋاننىڭ گۆشىنىڭ ئۈچتىن بىرى سەن ئۈچۈن، ئۈچتىن بىرى ئائىلە-تاۋابىئاتىڭ ئۈچۈن ۋە يەنە ئۈچتىن بىرى كەمبەغەللەر ئۈچۈندۇر".

مانا بۇ ئىسھاق ئىبنى راھۇۋەينىڭ ۋە ئىمام شاپىئىينىڭ بىر قارىشىدۇر، ئىمام شاپىئى يەنە بىر قارىشىدا: قۇربانلىق قىلغان ھايۋاننىڭ گۆشى ئىككى پارچە قىلىنىپ، ئۇنىڭ يېرىمىنى ئۆزى يەيدۇ ۋە يېرىمىنى سەدىقە قىلىۋېتىدۇ. بۇ ئاللاھ تائالانىڭ قۇرئان كەرىمدە بايان قىلغان: قۇربانلىق قىلغان ھايۋاننىڭ گۆشىدىن يەڭلار ۋە كەمبەغەللەرگىمۇ تارقىتىپ بېرىڭلار دېگەن سۆزىگە ئۇيغۇندۇر دېگەن". [سۈرە ھەج 28-ئايەت].

ھەنەفى مەزھەپ ئالىملىرى مۇنداق دەيدۇ: "سەدىقىنى قانچە كۆپ قىلسا، شۇنچە ياخشى بولىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ يۈز تۆگە ھەدىيە ئۆلتۈرۈپ، ھەر بىر تۆگىنىڭ گۆشىدىن ئازراقتىن كېسىپ قازانغا سېلىپ پىشۇرۇشقا  بۇيرۇپ، ئۆزى ۋە ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن ئۇ گۆشلەردىن يېدى ۋە شورپىسىدىن ئىچتى، ئاندىن يەنە بەش ياكى ئالتە تۆگىنى بوغۇزلاپ: خالىغانلار بۇ گۆشلەردىن ئېلىۋالسۇن دېدى، ئۇنىڭ گۆشلىرىدىن يېمىدى".

بىزنىڭ دەلىلىمىز: ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇربانلىق قىلغانلىق ئەھۋالىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:«پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قۇربانلىقنىڭ گۆشىدىن ئۈچتىن بىرىنى ئائىلىسىدىكىلەرگە يېمەك قىلىپ بېرەتتى، ئۈچتىن بىرىنى كەمبەغەل خوشنىلىرىغا بېرەتتى، قالغان ئۈچتىن بىرىنى سەدىقە قىلاتتى». [بۇ ھەدىسنى ھاپىز ئەبۇ مۇسا ئىسپاھانىي "ئەل ۋەزائىپ" ناملىق ئەسىرىدە ھەسەن دەپ بايان قىلغان].

ئىبنى مەسئۇد ۋە ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارنىڭ سۆزى ۋە پېئىلغا ساھابىلاردىن ھېچ بىرى قارشى كەلمىگەن بۇ، ئىجمانىڭ ئورنىدا بولىدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە:«قۇربانلىقنىڭ گۆشىدىن يەڭلار ۋە سوراپ كەلگەن ۋە تاسادىپىي كەلگەن پېقىر- مىسكىن، كەمبەغەللەرگە سەدىقە قىلىڭلار دېگەن». [سۈرە ھەج 36-ئايەت].

شاپىئى مەزھەپ ئالىملىرى دەلىل قىلغان ئايەت بولسا، ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە قۇربانلىقنىڭ گۆشىدىن يېيىلىدىغان ۋە سەدىقە قىلىدىغان مىقدارنى بايان قىلمىغان. بىز يۇقىرىدا كەلتۈرگەن ئايەتتە بۇنىڭغا دىققەت قىلىنغان. بۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ پېئلى بىلەن، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئاغزاكى ۋە ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇيرۇقى بىلەن چۈشەندۈرگەن.

ئەمما ھەنەفى مەزھەپ ئالىملىرى كەلتۈرگەن خەۋەر بولسا، ئۇ ھەدىيە توغرىسىدىكى خەۋەردۇر. ھەدىيە كۆپ بولىدۇ، ئىنسان ئۇنىڭ ھەممىسىنى  ئىلىپ بولالمايدۇ، ئۇنىڭدىن ئۈچتىن بىرىنى ئالىدۇ، قالغىنىنى سەدىقە قىلىۋېتىدۇ.

ھەدىيىدە كەڭرىچىلىك بولۇپ، ئۇنىڭ ھەممىسىنى ياكى كۆپ قىسمىنى سەدىقە قىلىۋەتسىمۇ بولىدۇ، ياكى ھەممىنى يەۋېتىپ مەلۇم مىقداردا مال سەدىقە قىلىۋەتسىمۇ بولىدۇ".

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " ئۈچتىن بىرىنى يەيدۇ، ئۈچتىن بىرىنى ھەدىيە قىلىدۇ ۋە ئۈچتىن بىرىنى سەدىقە قىلىدۇ دېگەن قاراشنى ئىمام ئەھمەدنىڭ مەزھىپىدىكى ئالىملار تاللىغان، سەلەپ ئالىملىرىنىڭ كۆپچىلىكىمۇ مۇشۇ قاراشتا بولغان.

بەزىلەر: ئاللاھ تائالانىڭ «قۇربانلىق-ھەدىيەنىڭ گۆشىدىن ئۆزۇڭلارمۇ يەڭلار ۋە پېقىر-مىسكىن، كەمبەغەللەرگىمۇ بېرىڭلار» دېگەن ئايىتىگە كۆرە ئىككىگە ئايرىپ، يېرىمىنى يەيدۇ ۋە يېرىمىنى سەدىقە قىلىدۇ دەيدۇ. ئاللاھ تائالا: «قۇربانلىقنىڭ گۆشىدىن يەڭلار ۋە سوراپ كەلگەن ۋە تاسادىپىي كەلگەن پېقىر- مىسكىن، كەمبەغەللەرگە سەدىقە قىلىڭلار دېگەن»، ئەمما ئايەتتە ھەدىيەنى زىكىر قىلمىغان، چۈنكى ھەدىيە دېگەن ئۆز ئارا دوستلۇق، يېقىنلىقنى كەلتۈرىدىغان نەرسە بولغانلىقتىن، ئۇ قۇربانلىق گۆشى بىلەنمۇ ۋە باشقا نەرسىلەر بىلەنمۇ ھاسىل بولىدۇ.

بۇ قۇرئان-ھەدىسنىڭ كۆرۈنۈشىگە ئەڭ يېقىن قاراشتۇر، لېكىن شۇنداق بولسىمۇ، كىشىلەر قۇربانلىق گۆشلىرىنى ھەدىيە قىلىپ ئادەتلەنگەنلىكتىن ۋە بۇ  كىشىلەر ئارىسىدا دوستلۇق، يېقىنلىق پەيدا قىلىدىغان ئىشلاردىن بولغانلىقى ئۈچۈن مۇستەھەپ بولغان ئىشلاردىن ھېسابلىنىدۇ. ھەقىقەتەن سىز قۇربان ھېيت كۈنلىرىدە ئىقتىسادى بار كىشىگە قۇربانلىق گۆشىدىن ھەدىيە قىلسىڭىز، ئۇ كىشىنىڭ كۆڭلىگە كېلىدۇ، مۇبادا ئۇنىڭغا خورما ۋە باشقا نەرسىلەرنى ھەدىيە قىلسىڭىز بۇنىڭ تەسىرى ياخشى بولىدۇ، قۇربانلىقنىڭ گۆشىدىن ھەدىيە قىلىش ياخشى بولغان ۋە تەلەپ قىلىنغان ئىش بولسىمۇ، ئۇنى ئۈچكە ئايرىپ تەقسىم قىلىشنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش  سۈننەتتىن بولغان دەلىلگە ئېھتىياجلىق بولىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىيە بوغۇزلىغاندا ئۇنىڭ گۆشلىرىنىڭ ھەممىسىنى سەدىقە قىلىۋېتىپ، پەقەت ھەر تۆگىدىن بىر پارچىدىن گۆشنى كېسىۋېلىپ قازانغا سېلىپ پىشۇرۇپ يېگەن". [شەرھىل مۇمتى 7-توم 482-ئايەت].

بۇنىڭدا كەڭرىچىلىك بار، گۆشنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ھەدىيە قىلىۋەتسىڭىزمۇ بولىدۇ، مۇبادا ئۇنى پىشۇرۇپ يېقىن-يورۇقلارنى چاقىرىپ مېھمان قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ، لېكىن ئۇنى خام ھالىتىدە ھەدىيە قىلىۋەتسڭىز بەك ياخشى بولىدۇ، چۈنكى قۇربانلىق گۆشىدە كىشىلەرگە گۆشنى شۇ ھالەتتە ھەدىيە قىلىش ياخشىدۇر.

ئەمما كەمبەغەلنى ئىگە قىلىدىغان مىقدار بولسا، ئۇنىڭدا بىر نەرسىگە ئىگە قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ، گۆش بەرسىمۇ ياكى ئۆيگە چاقىرىپ پىشۇرۇلغان گۆش بىلەن مېھمان قىلسىمۇ بولىدۇ.

"شەرھىل مۇنتەھا" 1-توم 613-بەتتە مۇنداق كەلگەن: بۇنىڭدا كەمبەغەلنى قۇربانلىق قىلىنغان يېڭى گۆشكە ئىگە قىلىش ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ، (يەنى بۇ كەمبەغەلنىڭ قازىنىدىمۇ گۆش قاينىشى تەقەززا قىلىنىدۇ). بۇ خۇددى كاپارەتتىكى ۋاجىپقا ئوخشاش يېمەك بېرىشنىڭ ئۆزى كۇپايە قىلمايدۇ".

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەرجەلەر

قۇربانلىق

مەنبە

موقع الإسلام سؤال وجواب

at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android