جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

ئېھرامغا كىرگەندىن كىيىن ئۇنتۇپ قىلىپ ياكى بىلمەي قىلغان كىشى توغرىسىدا

سۇئال

ئېھراملىق كىشى چەكلەنگەن ئىشلارنى ئۇنتۇغان ياكى ھۆكۈمنى بىلمەستىن قىلغان بولسا قانداق بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئېھراملىق كىشى چەكلەنگەن ئىشلارنى ئۇنتۇپ قىلىپ ياكى بىلمەي قىلغان بولسا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئەمما ئېسىگە كەلگەندە ياكى بىلگەن ۋاقتىدا چەكلەنگەن ئىشلاردىن دەرھال قول ئۈزۈشى كېرەك. ئۇنتۇپ قالغان كىشىنىڭ ئېسىگە سىلىش ۋە بىلمىگەن كىشىگە تەلىم بېرىش كېرەك. بۇنىڭ مىسالى: بىر كىشى ئۇنتۇپ ياكى ئېھرامنى نىيەت قىلىپ بولۇپ، ئېچ كىيىم ياكى باشقا كىيىملەرنى كىيگەن بولسا گۇناھ بولمايدۇ لېكىن ئېسىگە ئالغاندا ياكى ئەسلىتىلگەندە دەرھال سېلىۋېتىش كېرەك. شۇنىڭدەك ئۇنىڭ ھۆكمىنى بىلمەي قىلغان بولسىمۇ گۇناھ بولمايدۇ. بۇنىڭ مىسالى: بىر كىشى ئىچ كىيىمنى يىڭنىدە تىكىلگەن كىيىملەردىن ئەمەس دەپ ئويلاپ ئېھرامنىڭ ئىچىگە كىيگەن بولسا، ئۇنىڭ ئۈچۈن گۇناھ بولمايدۇ، لېكىن ئېھرامدا ھەرقانداق كىيىم كىيىشنىڭ چەكلەنگەنلىكى بايان قىلىپ بېرىلگەندە دەرھال سىلىۋىتىشى كېرەك.

بۇ مەسىلىدىكى ئومۇمى قائىدە: ئىنسان ئېھراملىق ھالىتىدە چەكلىنىدىغان ئىشلارنى ئۇنتۇپ قىلىپ ياكى بىلمەي ياكى مەجبۇرى قىلىپ سالغان بولسا گۇناھ بولمايدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: رَبَّنَا لَا تُؤَاخِذْنَا إِن نَّسِينَا أَوْ أَخْطَأْنَا تەرجىمىسى: پەرۋەردىگارىمىز! ئەگەر بىز ئۇنتۇساق ياكى خاتالاشساق (يەنى بىز ئۇنتۇش ياكى سەۋەنلىك سەۋەبىدىن ئەمرىڭنى تولۇق ئورۇنلىيالمىساق)، بىزنى جازاغا تارتمىغىن. [سۈرە بەقەرە 286-ئايەت].

ئىنسان بۇ دۇئانى ئوقۇغاندا ئاللاھ تائالا مەن شۇنداق قىلدىم دەيدۇ. بۇنىڭ دەلىلى: وَلَيْسَ عَلَيْكُمْ جُنَاحٌ فِيمَا أَخْطَأْتُم بِهِ وَلَـٰكِن مَّا تَعَمَّدَتْ قُلُوبُكُمْوَكَانَ اللَّـهُ غَفُورًا رَّحِيمًا تەرجىمىسى: سىلەر سەۋەنلىكتىن قىلىپ سالغان ئىشلاردا سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، لېكىن قەستەن قىلغان ئىشىڭلاردا سىلەرگە گۇناھ بولىدۇ. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر. [سۈرە ئەھزاب 5-ئايەت].

ئاللاھ تائالا ئېھراملىق ھالەتتە ئوۋ ھايۋانلىرىنى ئۆلتۈرۈشنىڭ چەكلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: وَمَن قَتَلَهُ مِنكُم مُّتَعَمِّدًا تەرجىمىسى: سىلەردىن كىمكى ئۇنى قەستەن ئۆلتۈرىدىكەن (ئوۋ ھايۋانلىرىنى). [سۈرە مائىدە 95-ئايەت].

بەزى ئالىملار، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان چەكلەنگەن ئىشلاردىن كىيىم كىيىش، خۇشبۇي نەرسە ئىشلىتىش بىلەن چېچىنى ئالدۇرۇش، ئوۋ ئوۋلاشنىڭ ئارىسىنى پەرقلەندۈرگەن، ئەمما توغرا قاراشتا ئېھرامدا چەكلەنگەن ئىشلارنىڭ قايسىسىنى قىلسا ئوخشاش ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھېچ پەرق يوق. چۈنكى ئىنسان بۇ ئىشلارنىڭ قايسىسىنى ئۇنتۇپ قىلىپ، بىلمەي ياكى مەجبۇرى قىلغان بولسا ئۈزۈرلۈك ھېسابلىنىدۇ.

مەنبە: [ئىسلام ئاساسلىرى پەتىۋالىرى ناملىق ئەسەرنىڭ 536-537-بەتلىرىگە قارالسۇن]