ئالىملار ئۆمرە قىلىشنىڭ يولغا قويۇلغانلىقى ۋە ئۇنىڭ پەزىلەتلىك ئەمەل ئىكەنلىكىگە بىرلىككە كەلدى.
ئەمما ئۆمرە قىلىشنىڭ ۋاجىپ ياكى ۋاجىپ ئەمەس ئىكەنلىكى توغرىسىدا پەرقلىق قاراشلاردا بولدى. ئەبۇ ھەنىپە ۋە مالىكتىن ئىبارەت ئىككى ئىمام ئۆمرە قىلىش ۋاجىپ ئەمەس بەلكى ئۇ ياخشى كۆرۈلىدىغان سۈننەت دېگەن قاراشتا بولدى. شۇنداقلا، شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيەمۇ بۇ قاراشنى تاللىدى.
ئۇلارنىڭ بۇ قاراشقا كەلتۈرگەن دەلىلى: جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: ئۆمرە قىلىش ۋاجىپمۇ؟ دەپ سورالغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ياق، ۋاجىپ ئەمەس، ئۆمرە قىلىڭلار، بۇ پەزىلەتلىك ئەمەل دېگەن».
لېكىن بۇ ھەدىس زەئىپ بولۇپ، ئىمام شاپىئى، ئىبنى ئابدۇل بەر، ئىبنى ھەجەر، نەۋەۋىي قاتارلىق ئالىملار ۋە باشقا ئالىملارمۇ زەئىپ دېگەن، شەيخ ئەلبانى تىرمىزىينىڭ زەئىپ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن.
ئىمام شاپىئى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھەدىس زەئىپ بولۇپ، بۇنداق ھەدىسلەر ھۆججەت بولالمايدۇ، ئۆمرە قىلىشنىڭ نەپلە ئەمەل ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان سەھىھ بىر دەلىل يوق".
ئىبنى ئابدۇل بەر مۇنداق دەيدۇ: " بۇ ھەدىس سەھىھ بولمىغان ئىسناد بىلەن بايان قىلىنغان، بۇنداق ھەدىس ھۆججەتلىككە يارىمايدۇ".
ئىمام نەۋەۋىي :ئەل مەجمۇ" 6 -توم 7 -بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ھەدىس ئالىملىرى بۇ ھەدىسنىڭ زەئىپ ئىكەنلىكىگە ئىتتىپاققا كەلگەن".
بۇ ھەدىسنىڭ زەئىپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان يەنە بىر دەلىل بولسا، بىز تۆۋەندە بايان قىلىدىغان، جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان، ئۆمرە قىلىشنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان سۆزدۇر.
شاپىئى ۋە ئەھمەدتىن ئىبارەت ئىككى ئىمام ئۆمرى قىلىش ۋاجىپ دېگەن قاراشتا بولدى. ئىمام بۇخارىمۇ بۇ قاراشنى تاللىغان، (ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە رەھمەت قىلسۇن).
ئۆمرە قىلىش ۋاجىپ دېگەنلەرنىڭ دەلىلى:
1-ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ، مەن: «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئاياللارغىمۇ جىھاد قىلىش كېرەك بولامدۇ؟دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ھەئە، ئۇلارغىمۇ ھەج-ئۆمرىدىن ئىبارەت ئۇرۇش بولمايدىغان جىھاد بار»دېدى. [ئىبنى ماجە رىۋايىتى 2901 -ھەدىس].
ئىمام نەۋەۋىي "ئەل مەجمۇ" 4 -توم 7 -بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھەدىسنىڭ ئىسنادى سەھىھ بولۇپ بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ شەرتىگە چۈشىدۇ. " شەيخ ئەلبانى سەھى دەپ "ئىبنى ماجەنىڭ سەھى ھەدىسلەر توپلىمىدا" كەلتۈرگەن.
بۇ ھەدىستىكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئۇلارغىمۇ جىھاد بار» دېگەن سۆزىدىكى "ئەلا" دېگەن سۆز ۋاجىپلىقنى بىلدۈرىدۇ.
2-ئىبنى خۇزەيمە ۋە دارى قۇتنى قاتارلىق ھەدىس ئالىملىرىنىڭ كەلتۈرگەن، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان جىبرائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئىسلام، ئىمان، ئېھسان، قىيامەت ۋە ئۇنىڭ ئالامەتلىرى توغرىسىدا سورىغان مەشھۇر ھەدىسى، بۇ ھەدىستە ھەجگە قېتىپ ئۆمرى دېگەن سۆز زىيادە بايان قىلىنغان، بۇ ھەدىسنىڭ تېكىستى: «ئىسلام دېگەن: ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىشىڭ، نامازنى تولۇق ئادا قىلىشىڭ، مالنىڭ زاكىتىنى بېرىشىڭ، ھەرەمگە بېرىپ ھەج قېلىشىڭ ۋە ئۆمرى قېلىشىڭ، جۇنابەتتىن غۇسۇل قىلىشىڭ ۋە رامىزان روزىسىنى تۇتىشىڭ». دارىي قۇتنى: بۇ ھەدىسنىڭ ئىسنادى سەھىھ ۋە بېكىتىلگەن ئىسنادتۇر دەيدۇ.
3-سۈببەي ئىبنى مەبەدتىن بايان قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن سەھرالىق خرىستىئان ئېدىم، ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: ئى مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى! مەن مۇسۇلمان بولدۇم، مەن ئاللاھ تائالا ماڭا پەرز قىلغان ھەج ۋە ئۆمرى ئىبادىتىنى بىرگە ئادا قىلدىم دېسەم، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ماڭا: "سەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى بويۇنچە ئىش قېلىپسەن دېدى" [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى1799 -ھەدىس. نىسائى رىۋايىتى 2719 -ھەدىس].
4-ساھابىلاردىن بولغان: ئىبنى ئابباس، ئىبنى ئۆمەر، جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ قاتارلىقلارنىڭ سۆزى. (ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن رازى بولسۇن).
جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: " ھەرقانداق مۇسۇلمانغا ئۆمرە قىلىش لازىم بولىدۇ. ھاپىز ئىبنى ھەجەر مۇنداق دەيدۇ: " بۇ ئەسەرنى ئىبنى جەھم مالىكىي ھەسەن ئىسناد بىلەن بايان قىلغان.
ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ "ئۆمرى قىلىشنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدىكى باپ"تا مۇنداق دەيدۇ: ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: " ھەرقانداق كىشى مۇسۇلمان بولىدىكەن ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەج ۋە ئۆمرە قىلىش لازىم بولىدۇ" .
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ھەج بىلەن ئۆمرى ئاللاھنىڭ كىتابى قۇرئان كەرىمدىمۇ بىرگە كەلگەن: وَأَتِمُّوا الْحَجَّ وَالْعُمْرَةَ لِلَّهِ تەرجىمىسى: «ئاللاھ ئۈچۈن ھەج ۋە ئۆمرىنى تولۇق ئادا قىلىڭلار»، ئايەتتە ئۆمرى دېگەن سۆز ھەجنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى بايان قىلغاندا ھەج بىلەن بىرگە كەلگەن".
شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " سۆزنىڭ توغرىسى: ئۆمرە قىلىشمۇ ھەجگە ئوخشاش ھاياتىدا بىر قېتىم پەرز بولىدۇ. (ئۇنىڭدىن كېيىن تەكرار قىلىش بولسا مۇستەھەپتۇر) [ئىبنى باز پەتىۋالار مەجمۇئەسى 16 -توم 355 -بەت].
شەيىخ ئىبنى ئۇسەيمىن"شەرھىل مۇمتى" 7 -توم 9 -بەتتە مۇنداق دەيدۇ: " ئالىملار ئۆمرە قىلىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا ئۇ ۋاجىپمۇ ياكى سۈننەتمۇ؟ دەپ پەرقلىق قاراشتا بولدى، بىزگە ئۇنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكى ئوچۇق بولدى".
سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى تەشۋىقات پەتىۋا كومىتېتى پەتىۋاسى 11 -توم 317 -بەتتە مۇنداق كەلگەن: "ئالىملارنىڭ قاراشلىرىدىن توغرا بولغىنى ئۆمرە قىلىشنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكىدۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَأَتِمُّوا الْحَجَّ وَالْعُمْرَةَ لِلَّهِ تەرجىمىسى: « ھەج بىلەن ئۆمرىنى ئاللاھ ئۈچۈن تولۇق ئادا قىلىڭلار» [سۈرە بەقەرە 196 -ئايەت].
بۇ توغرىدا نۇرغۇن ھەدىسلەر بايان قىلىنغان، ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر. [ئەل مۇغنى 5 -توم 13 -بەت. ئەل مەجمۇ 4 -توم 7 -بەت. ئىبنى تەيمىيە پەتىۋالىرى 5 -توم 26 -بەت. ئىبنى ئۈسەيمىننىڭ" شەرھىل مۇمتى 7 -توم 9 -بەتكە قارالسۇن].