بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
بۇ سوئالنى سورىغۇچى ئۆزىدىن چۈشكەن نەرسىنىڭ مەنى ياكى مەزى ئىكەنلىكىدە تەرەددۇت ئىچىدە قالغان.
مەنى بىلەن مەزىنىڭ ئارىسىدىكى پەرق: ئەركىشىنىڭ مەنىسى قويۇق ئاق بولىدۇ، ئايالنىڭ مەنىسى سۇيۇق سارغۇچ بولىدۇ، ئەمما مەزىي بولسا: ئويناشقان ۋاقىتتا ياكى جىنسى مۇناسىۋەتنى ئەسلىگەندە ياكى مەقسەت قىلغاندا ياكى مۇناسىۋەت ئورنىغا قارىغاندا ياكى باشقا خىياللار بىلەن چىقىدىغان سۇيۇق، شىلىمشىق ئاق سۇدىن ئىبارەتتۇر. بۇنىڭدا ئەر-ئايال ئورتاق بولىدۇ. (سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات ۋە دىنى تەشۋىقات پەتىۋا كومىتېتى پەتىۋالىرى 5-توم 418-بەت).
سىزدىن چىققان نەرسە مەنىي ئەمەس بەلكى ئۇ مەزىيدىن ئىبارەتتۇر، چۈنكى مەنىي دېگەن ئېتىلىپ چىقىدۇ، ئىنسان بۇنى ھېس قىلىدۇ.
ئەگەر مەنىي چىققان بولسا ئۇنىڭ بىلەن روزا بۇزۇلىدۇ، خۇددى جىنسى مۇناسىۋەت قىلسا ياكى سۆيسە ياكى قۇچاقلىسا ياكى تەكرار قاراش بىلەن مەنىي چىقسا روزا بۇزۇلغانغا ئوخشاش بۇزۇلىدۇ. بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ئۈچۈن 2571- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.
-مەزى روزىنى بىكار قىلىۋېتەمدۇ؟.
مەزىينىڭ روزىنى بىكار قىلىۋېتىشى توغرىسىدا ئۇنىڭ چىقىش سەۋەبىنى ئېتىبارغا ئېلىش بىلەن ئالىملار ئارىسىدا پەرقلىق قاراش بار. ھەنبەلى مەزھەپ ئۆلىمالىرى ئەگەر مەزىينىڭ چىقىش سەۋەبى: قۇچاقلاش، قولى بىلەن سىلاش، سۆيۈش ياكى شۇنىڭغا ئوخشىغان ئىشلار بىلەن بولسا بۇنىڭ بىلەن روزا بۇزۇلىدۇ دەپ قارايدۇ.
ئەمما مەزىينىڭ چىقىش سەۋەبى تەكرار قاراش بىلەن بولغان بولسا، بۇنىڭ بىلەن روزا بۇزۇلمايدۇ.
ئىمام ئەبۇ ھەنىپە، ئىمام شافىئى قاتارلىق ئالىملار: مەزىي شەھۋەت بىلەن چىقسۇن ياكى باشقا سەۋەبلەردىن چىقسۇن مۇتلەق روزىنى بۇزىۋەتمەيدۇ، روزىنى بۇزۇۋېتىدىغان نەرسە مەزىي ئەمەس پەقەت مەنىي دەپ قارايدۇ. ["مۇغنى ئىبنى قۇدامە" 4-توم 363-بەتكە قارالسۇن].
شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ "شەرھىل مۇمتى" 6-توم 236-بەتتە بۇ مەسىلە توغرىسىدا ھەنبەلى مەزھىبىنىڭ قارىشىنى بايان قىلغاندىن كېيىن مۇنداق دەيدۇ: مەزىي روزىنى بۇزۇۋېتىدۇ دەيدىغانغا سەھىھ دەلىلى يوق، چۈنكى مەزىي دېگەن شەھۋەت تەرەپتىن بولسۇن ياكى بەدەندىن ئاجراش جەھەتتە بولسۇن مەنىگە ئوخشاش ئەمەس، ئۇنى مەنىينىڭ ھۆكمىگە قېتىۋېتىش توغرا بولمايدۇ.
بۇنىڭ توغرىسى: ئىنسان قۇچاقلاشسا ياكى قولى بىلەن ئىستىمنا قىلسا شۇنىڭ بىلەن مەزىي چىقسا ئۇ كىشىنىڭ روزىسى بۇزۇلمايدۇ، تۇتقان روزىسى توغرا بولىدۇ. بۇ شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھنىڭ قارىشى، بۇنىڭدىكى دەلىل: مەزىي چىقسا روزا بۇزۇلىدۇ دەيدىغانغا دەلىلنىڭ بولماسلىقىدۇر، چۈنكى بۇ روزا دېگەن ئىبادەت بولۇپ، ئۇنى ئىنسان شەرىئەت يولغا قويغان پرىنسىپ بىلەن باشلىغانلىقى ئۈچۈن، شەرئى دەلىلسىز بۇ ئىبادەتنى بىكار قىلىۋەتكىلى بولمايدۇ.
شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھدىن: پەتىۋالار توپلىمى 15-توم 267-بەتتە: ئىنسان روزىدار ھالەتتە ئايالىنى سۆيسە ياكى ناچار پىلىملەرنى كۆرسە، ئۇ كىشىدىن مەزى چىقسا بۇنىڭ بىلەن روزىسى بۇزۇلامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: "ئۆلىمالارنىڭ توغرا قارىشىغا كۆرە، مەزىي چىقسا بۇنىڭ بىلەن روزا بۇزۇلمايدۇ، ئۇ ئايالىنى سۆيۈش ياكى ناچار پىلىملەرنى كۆرۈش ياكى ئۇنىڭدىن باشقا شەھۋەتلىرىنى قوزغايدىغان ئىشلار بىلەن بولسۇن ھەممىسى ئوخشاش روزا بۇزۇلمايدۇ. لېكىن مۇسۇلمان كىشىنىڭ ناچار پىلىملەرنى كۆرۈشى ۋە ئاللاھ تائالا چەكلىگەن ھارام ناخشا-مۇزىكىلارنى ئاڭلىشى توغرا بولمايدۇ، ئەمما شەھۋەت بىلەن مەنىي چىقسا بۇ ئايالىنى قۇچاقلاش ياكى سۆيۈش ياكى تەكرار قاراش ياكى ئۇنىڭدىن باشقا ئىستىمنا قىلىشقا ئوخشاش شەھۋىتىنى قوزغايدىغان ئىشلار بىلەن بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن روزا بۇزۇلىدۇ، ئەمما چۈشىدە ئېھتىلام بولۇش، ياكى ئويغاق ھالەتتە پىكىر قىلىش قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن مەنىي چىقسىمۇ بۇنىڭ بىلەن روزا بۇزۇلمايدۇ".
"سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات ۋە دىنى تەشۋىقات پەتىۋا كومىتېتى پەتىۋاسى" 10-توم 273-بەتتە: ئۇلاردىن: رامىزان كۈنلىرىنىڭ بىرىدە ئايالىمنىڭ يېنىدا ئولتۇردۇم، ھەر ئىككەيلەن روزىدار ئىدۇق، يېرىم سائەت ئەتراپىدا ئوينىشىپ، چاقچاقلىشىپ ئولتۇردۇق، مەن ئايالىمدىن يىراق بولۇپ قارىسام كۇسىرىمدا ئەۋرىتىمدىن چىققان بىر قانچە ھۆل نۇقتىلارنى كۆردۈم، بۇ ئىش ئىككىنچى قېتىم يەنە تەكرار بولدى، بۇنىڭدا ماڭا كاپارەت كېلەمدۇ؟ بۇ توغرىدا چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن؟ دەپ سوئال قىلىنغاندا، ئۇلار بۇنىڭغا مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: "ئەمەلىي ۋەقەلىك سىز زىكىر قىلغاندەك بولسا، ئىبادەتنىڭ ئەسلىنىڭ قىلىپ قىلىشىغا رىئايە قىلغانلىقتىن سىزگە ئۇ روزىنىڭ قازاسى كەلمەيدۇ ۋە كاپارەتمۇ كەتمەيدۇ، لېكىن شۇ ۋاقىتتا سىزدىن چىققان نەرسىنىڭ مەنىي ئىكەنلىكى ئىسپاتلانسا، ئۇ ۋاقىتتا سىزگە يۇيۇنۇپ شۇ كۈنلۈك روزىنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەك بولىدۇ لېكىن كاپارەت كەلمەيدۇ".
سۆزنىڭ خۇلاسىسى: سىزگە ھېچ نەرسە كېرەك بولمايدۇ، ھەتتا سىزدىن چىققان نەرسىنىڭ مەنىي ئىكەنلىكىگە ئىشەنچ قىلغان تەقدىردىمۇ تۇتقان روزىڭىز توغرا بولىدۇ، ئەگەر راستىنلا مەنىي بولسا سىزگە پەقەت شۇ كۈنلۈك روزىنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەك بولىدۇ، كاپارەت كەلمەيدۇ.
سىز ئېھتىياج بولمىغاندا ئاياللار بىلەن كۆپ سۆزلەشمەڭ، سۆزلىشىش كېرەك بولغاندا كۆزلىرىڭىزدىن ساقلىنىڭ، بۇ ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايىتىگە ئەمەل قىلغانلىقتۇر: قُلْ لِلْمُؤْمِنِينَ يَغُضُّوا مِنْ أَبْصَارِهِمْ وَيَحْفَظُوا فُرُوجَهُمْ ذَلِكَ أَزْكَى لَهُمْ إِنَّ اللَّهَ خَبِيرٌ بِمَا يَصْنَعُونَ تەرجىمىسى:«مۆمىن ئەرلەرگە ئېيتقىنكى، (نا مەھرەملەرگە) تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئەۋرەتلىرىنى (زىنادىن) ساقلىسۇن، مۇنداق قىلىش ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشىدۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن تولۇق خەۋەردار» [سۈرە نۇر 30-ئايەت].
جەرىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن: ئاياللارغا ئۇشتۇمتۇت قاراپ قىلىش توغرىسىدا سورىغان ئېدىم؟، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «مېنى كۆزۈمنى ئېلىپ قېچىشقا بۇيرىدى». [مۇسلىم رىۋايىتى 2159-ھەدىس].
ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئۇشتۇمتۇت قاراپ قىلىش دېگەن: مەقسەتسىزلا تۇيۇقسىز ئايالغا قاراپ قىلىش بولۇپ، دەسلەپكى قېتىمدا گۇناھ بولمايدۇ، دەرھال كۆزىنى باشقا تەرەپكە بۇراش ۋاجىپ بولىدۇ، بۇنداق ھالەتتە گۇناھ بولمايدۇ، ئەگەر قاراشنى داۋاملاشتۇرسا، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھەدىسنىڭ ھۆكمى بويۇنچە گۇناھكار بولىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىنى كۆزىنى باشقا تەرەپكە ئېلىپ قېچىشقا بۇيرىغان. بۇ ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ ئايىتىگىمۇ مۇۋاپىق كېلىدۇ: ﴿قُل لِّلْمُؤْمِنِينَ يَغُضُّوا مِنْ أَبْصَارِهِمْ﴾ تەرجىمىسى: «مۆمىن ئەرلەرگە ئېيتقىنكى، (نا مەھرەملەرگە) تىكىلىپ قارىمىسۇن». [سۈرە نۇر 30-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].
ئەگەر ئاياللار ئېھتىياجلىق نەرسىلەرنى ئاياللار ساتقان بولسا ۋە ئاياللار ئۆز-ئارا سۆزلەشكەن بولسا نېمىدېگەن ياخشى بولاتتى ھە!.
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.