يەكشەنبە 19 شەۋۋال 1445 - 28 ئاپرىل 2024
Uygur

ئەر كىشىگە قاچان توي قىلىش ۋاجىپ بولىدىغانلىقى توغرىسىدا

سۇئال

ئەر كىشىگە قاچان توي قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   ئەرلەرگە نىسبەتەن توي قىلىشنىڭ ھۆكمى ئۇلارنىڭ ياشاۋاتقان مۇھىتى ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىغا كۆرە پەرقلىق بولىدۇ. توي قىلىشقا ماددىي ۋە مەنىۋى تەرەپتىن ئىمكانىيىتى يار بەرگەن، توي قىلمىسا خاتالىققا چۈشۈپ قىلىشتىن ئەنسىرىگەن كىشىگە توي قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ، چۈنكى ئۆزىنى ۋە ئىپپىتىنى ھارامدىن ساقلاش ۋاجىپ بولىدۇ، بۇ پەقەت توي قىلىش بىلەن مۇكەممەل بولىدۇ.

   قۇرتۇبىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:" بويتاق كىشى توي قىلماي قالسا ئۆزىنىڭ ئىپىتى ۋە دىنىدىن ئەنسىرىسە بۇنداق ھالەتتە ئۇ كىشىنىڭ توي قىلىشىنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكىدىن ھېچ كىشى ئىختىلاپ قىلمايدۇ".

مىرداۋىي رەھىمەھۇللاھ "ئەلئىنساپ" ناملىق ئەسىرىنىڭ ئۈچىنچى قىسىمدا مۇنداق دەيدۇ: "خاتاغا-زىناغا-چۈشۈپ قىلىشتىن ئەنسىرىگەن كىشى ئۈچۈن ئالىملارنىڭ بىرلىككە كەلگەن توغرا قارىشىدا توي قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ.

   بەزىلەر: زىنا بىلەن ھالاك بولۇپ كېتىشتىن ئەنسىرىگەن دەيدۇ، بەزىلەر: ئۆزىنىڭ چەكلەنگەن ئىشنى قىلىپ سېلىشىدىن ئەنسىرىگەن كىشى، چەكلەنگەن ئىشنى قىلىشنى ئويلىسا، ئۇ كىشىگە توي قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ.                                      

   "پۇرۇ" ناملىق ئەسەردە: ئۆزىنىڭ زىناغا چۈشۈپ قىلىشىنى بىلسە توي قىلىشقا يۈزلىنىدۇ دەپ كەلگەن.

   "ئەل ئىنساپ" 8-توم نىكاھ كىتابى: نىكاھنىڭ ھۆكۈملىرى بابىدا مۇنداق كەلگەن: كۆڭلى زىناغا مايىل بولۇپ، توي قىلىش خىراجىتىدىن قىسىلسا، ئۇ كىشى ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزى بويۇنچە تىرىشچانلىق قىلىدۇ: وَلْيَسْتَعْفِفِ الَّذِينَ لَا يَجِدُونَ نِكَاحًا حَتَّىٰ يُغْنِيَهُمُ اللَّهُ مِن فَضْلِهِ  تەرجىمىسى: «ئۆيلىنەلمەيدىغانلار ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز كەرىمى بىلەن باي قىلغىچە، ئۆزلىرىنى ئىپپەتلىك تۇتسۇن» [سۈرە نۇر 33-ئايەت].

   يەنى روزىنى كۆپ تۇتسۇن، ھەدىس ئالىملىرى ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئى توي قىلىش يېشىغا يەتكەن ياشلار! سىلەردىن توي قىلىشقا قادىر بولغانلار توي قىلسۇن، چۈنكى توي قىلىش بولسا ئىنساننىڭ كۆزىنى ۋە ئىپپىتىنى ھارامدىن ساقلايدۇ، توي قىلىشقا قادىر بولالمىغانلار روزا تۇتسۇن، ھەقىقەتەن روزا ئۇ كىشى ئۈچۈن زىنادىن توسىدىغان قالقاندۇر». 

   ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەبى زەۋائىدقا: «ھەقىقەتەن سېنى توي قىلىشتىن ئاجىزلىق ياكى پاسىقلىق چەكلەپ قويىدۇ دېگەن». [پىقھى سۈننە 2-توم 15-18-بەت].

    ئەگەر توي قىلماي ياشاپ قالسا قاراش ۋە سۆيۈش قاتارلىق ئىشلار بىلەن  خاتالىققا چۈشۈپ قالىدىغان كىشىگە توي قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ، ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن ئۆز قارىشىدا توي قىلمىسا زىناغا چۈشۈپ قالىدىغان ياكى يېقىنلىشىپ قالىدىغان ياكى قولى بىلەن بولسىمۇ ئىستىمنا قىلىدىغان ئىشنى خىيال قىلغانلارنىڭمۇ توي قىلىشى ۋاجىپ بولىدۇ، شۇنىڭدەك توي قىلسىمۇ ناچار ئىشلارنى تەرك قىلالمايدىغانلىقى بىلىنگەن كىشىنىڭمۇ توي قىلىشى ۋاجىپ بولىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى توي قىلسا بويتاق ياشاپ ھەممە ۋاقتى ئاسىيلىق بىلەن ئۆتكەنگە قارىغاندا ناچار ئىشلارنى قىلىش نىسبىتى ئاز بولىدۇ، بەزى ۋاقىتتا ناچار ئىشلارنى قويۇپ ئائىلىسى بىلەن مەشغۇل بولىدۇ.

    ھازىرقى دەۋرىمىزگە ۋە بۇ دەۋرىدىكى كىشىلەرنى ئازدۇرىدىغان تۈرلۈك شەكىلدىكى رەڭگارەڭ بۇزۇقچىلىققا نەزەر سالغىنىمىزدا، ئۆتكەن دەۋرگە قارىغاندا ھازىر تىزدىن توي قىلىشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكى ھەر كىشىنى قانائەتلەندۈردى. ئاللاھ تائالادىن بىزنىڭ قەلبىمىزنى پاك قىلىشىنى، بىز بىلەن ھارامنىڭ ئارىسىنى يىراق قىلىشىنى، بىزگە پاكلىق ۋە ئىپپەتلىك بولۇشنى رىزىق قىلىپ بېرىشنى سورايمىز. 

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد