سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

قۇربانلىق قىلىشنى مەقسەت قىلغان ئەر-ئايال، چاچ ۋە تىرناق ئىلىش قاتارلىق ئىشلاردىن چەكلىنىدۇ

سۇئال

قۇربانلىق قىلىشنى مەقسەت قىلغان كىشى ئەر ياكى ئايال بولسۇن چاچنى قىسقارتىشى ۋە تىرناق ئىلىشى توغرا بولامدۇ؟، زۇلھەججە ئېيى كىرگەندىن كېيىن قۇربانلىق قىلغۇچىلارنىڭ دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرى قايسى؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    زۇلھەججە ئېيى كىرگەندىن كېيىن قۇربانلىق قىلىشنى مەقسەت قىلغان كىشىلەر ئۈچۈن چاچ ئېلىش، تىرناق ئىلىش ۋە بەدەنلىرىنىڭ مۇيلىرىنى ئىلىشى چەكلىنىدۇ. ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: قۇربانلىق قىلىشنى مەقسەت قىلغان كىشى، زۇلھەججە ئېيى كىرگەندىن باشلاپ قۇربانلىق قىلغۇچە بولغان ئارىلىقتا، چاچ-ساقال ۋە بەدەن مۇيلىرىدىن بىر نەرسەلەرنى ئالماسلىقى كېرەك.

    يەنە بىر رىۋايەتتە: زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئاۋۋالقى ئون كۇنى كىرگەندە، سىلەرنىڭ بىرىڭلار قۇربانلىق قىلىشنى مەقسەت قىلسا، چاچلىرىدىن ۋە بەدەن مۇيلىرىدىن ھېچ نەرسىنى ئالمىسۇن، دېيىلگەن. [مۇسلىم رىۋايىتى 1977-ھەدىس].

    نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "قۇربانلىق قىلىشنى مەقسەت قىلغان كىشى زۇلھەججىنىڭ ئاۋۋالقى ئون كۈنى كىرگەندە نېمە ئىشلارنى قىلماسلىقى توغرىسىدا ئۆلىمالار ئارىسىدا ئىختىلاپ بولدى، سەئىيد ئىبنى مۇسەييىب، رەبىيئە، ئەھمەد، ئىسھاق، داۋۇد ۋە بەزى شاپىئى مەزھەب ئۆلىمالىرى: ئۇ كىشىنىڭ قۇربانلىقنى قىلىپ بولغانغا قەدەر چاچ ئېلىشى، تىرناق ئېلىشى ۋە بەدەن مۇيلىرىدىن بىر نەرسە ئېلىشى چەكلىنىدۇ دەپ قارايدۇ. ئىمام شاپىئى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى: ئۇ كىشىنىڭ چاچ، تىرناق ئېلىشى قاتارلىق ئىشلار ھارام ئەمەس بەلكى ياخشى كۆرەلمەيدۇ دەپ قارايدۇ. "مۇسلىمنىڭ شەرھىسىدىن ئېلىندى". بۇ ھۆكۈم قۇربانلىق قىلىدىغان بارلىق ئەر-ئاياللارنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ.

    شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھدىن: زۇلھەججە ئېيى كىرگەندە، ئۆزى ياكى ئائىلىسى ياكى ئاتا-ئانىسى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىشنى مەقسەت قىلىغان ئايال چېچىنى قانداق قىلىدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ: ئۇ ئايال چېچىنى چۇۋۇپ يۇسا بولىدۇ لېكىن تاغاق سېلىپ تارىسا بولمايدۇ، چۈنكى چاچنى تارىغاندا چاچ يۇلۇنۇپ كېتىدۇ، ئەمما چاچنى چۇۋۇپ ياكى يۇيۇپ بولغىچە چاچ چۈشۈپ كەتسە بۇنىڭ زېيىنى يوق دەيدۇ. ["شەيخ ئىبنى باز پەتىۋالىرى"18-توم 47-بەت].

    ئەمما ئۇنىڭدىن باشقا كىيىم-كىچەك، خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئېشلىتىش ۋە جىنسى مۇناسىۋەت قىلىش قاتارلىق ئىشلاردىن چەكلەنمەيدۇ. بۇ ھەقتە 70290- نۇمۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى