پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ئەرەفات كۈنىدە روزا تۇتۇش سۈننەت ئەمەس دېگەنلەرگە رەددىيە

سۇئال

يۇرتىمىزدا، بىر ئۆلىما ئەرەفات كۈنىدە روزا تۇتۇش سۈننەت ئەمەس. بۇ كۈندە روزا تۇتۇش دۇرۇس ئەمەس دەيدۇ. بۇ سوئالغا جاۋاپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن. چۈنكى مەزكۇر ئالىم كىشىلەرگە ئەرەفات كۈنىدە روزا تۇتۇشتىن چەكلەشنى تەۋسىيە قىلىدىغان ۋاراقچىلارنى تارقىتىۋاتىدۇ، سىلەردىن بۇنىڭغا قارىتا جاۋاپ بېرىشىلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ئەرەفات كۈنىدە روزا تۇتۇش ھەجگە كەلمىگەن مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئالاھىدە تەكىتلەنگەن سۈننەتتۇر. ئەبى قەتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئەرەفات كۈنىدە روزا تۇتۇشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا سورالغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئەرەفات كۈنىنىڭ روزىسى ئۆتكەن بىر يىللىق ۋە كىلىدىغان بىر يىللىق گۇناھقا كاپارەت بولىدۇ،دېگەن. [مۇسلىم رىۋايىتى1162-ھەدىس].

يەنە بىر رىۋايەتتە: ئاللاھ تائالادىن، ئەرەفات كۈنىنىڭ روزىسىنىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق ۋە كىلىدىغان بىر يىللىق گۇناھقا كاپارەت بولىشىنى ئۈمىت قىلىمەن، دېگەن.

ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ (شافىئى مەزھەب كىتابلىرىدىن) "ئەلمەجمۇئ" ناملىق ئەسەر 6-توم 428-بەتتە: "بۇ مەسىلىنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا ئىمام شافىئى ۋە شافىئى مەزھىبىدىكى ئۆلىمالار مۇنداق دەيدۇ: ئەرەفات كۈنى ئەرەفاتتا تۇرمىغان كىشىلەرنىڭ روزا تۇتىشى ياخشى بولىدۇ. ئەمما ئەرەفات مەيدانىغا ھازىر بولغان ھاجىلار توغرىسىدا، ئىمام شافىئى ۋە شافىئى مەزھىبىدىكى ئۆلىمالار مۇنداق دەيدۇ: ئۇممۇل پەزلى رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھەدىسى بويىچە ھاجىلارنىڭ ئەرەفات مەيدانىدا روزا تۇتماسلىقى ياخشىدۇر. شافىئى مەزھىبىدىكى بىر بۆلۈك ئۆلىمالارمۇنداق دەيدۇ: ھاجىلارنىڭ ئەرەفات مەيدانىدا روزا تۇتىشى ياخشى كۆرۈلمەيدۇ. بۇ قاراشنى ئىمام دارىمى، بىندنىيجى، مەھامەلى قاتارلىق ئۆلىمالار "ئەلمەجمۇئ ۋە ئەلمۇسنىپ" ناملىق ئەسەرلەردە ئوچۇق بايان قىلغان".

ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ (ھەنبەلى كىتابلىرىدىن) "ئەلمۇغنى" ناملىق ئەسەر 4-توم 443-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ئەرەفات كۈنى شەرەپلىك، ئۇلۇغ، ئېسىل بايرام كۈن، بۇ كۈننىڭ پەزىلىتى ئىنتايىن كۆپ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە، بۇ كۈننىڭ روزىسى ئىككى يىللىق گۇناھقا كاپارەت بولىدۇ".

ئىبنى مۇپلىھ رەھىمەھۇللاھ (ھەنبەلى كىتابلىرىدىن)"ئەلپۇرۇئ" ناملىق ئەسەر 3-توم 108-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "زۇلھەججىنىڭ دەسلەپكى ئون كۈنىدە روزا تۇتۇش ياخشى، بولۇپمۇ ئەرەفات كۈنىدە روزا تۇتۇش ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. بۇ ئەرەفات كۈنىدۇر، ئۆلىمالار بۇنىڭغا بىرلىككە كەلگەن".

ئىمام كاسانىي رەھىمەھۇللاھ (ھەنەپى كىتابلىرىدىن) "ئەلبەدائىئ ئەسسىنائىئ" ناملىق ئەسەر 2-توم 76-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ئەرەفات كۈنى روزا تۇتۇش ھاجىلارنىڭ غەيرىگە ئەۋزەلدۇر. بۇ كۈندە روزا تۇتۇشقا رىغبەتلەندۈرۈلگەن نۇرغۇن ھەدىسلەر بايان قىلىنغان، چۈنكى بۇ كۈننىڭ باشقا كۈنلەرگە نىسبەتەن ئالاھىدە پەزىلەتلىرى بار. ھاجىلار ئەرەفات مەيدانىدا قىلىنىدىغانئىبادەتلەرنى چارچاپ قالماي روھلۇق ئادا قىلالىسا بۇ كۈندە روزا تۇتۇش بىلەن باشقا ئەمەللەرنى بىرگە قىلسا ياخشى، ئەمما ئەرەفات مەيدانىدا قىلىدىغان ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىشتا چارچاپ قالىدىغان بولۇپ قالسا، ئۇلارنىڭ بۇ كۈندە روزا تۇتىشى ياخشى كۆرۈلمەيدۇ، چۈنكى بۇ كۈندە روزا تۇتۇشنىڭ ساۋابىنى باشقا ۋاقىتتا روزا تۇتۇش بىلەنمۇ تاپقىلى بولىدۇ، ئەمما ئەرەفاتتا تۇرۇش ۋە دۇئا قىلىشنىڭ پەزىلىتىنى ئومۇمى كىشىلەر ئادەتتە ھاياتىدا پەقەت بىر قېتىملا تاپالايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش كېرەك".

(مالىكى كىتابلىرىدىن) ئىمام خەرشىينىڭ "شەرھى مۇختەسەر خەلىل" ناملىق ئەسىرى 6- توم 488-بەتتە مۇنداق كەلتۈرۈلگەن: "ئەرەفات كۈنىدە ۋە زۇلھەججىنىڭ ئاۋۋالقى كۈنلىرىدە روزا تۇتۇش ھەجقىلمىغانلار ئۈچۈن ياخشى كۆرۈلىدۇ. ئەمما ھاجىلارنىڭ جۇشقۇن دۇئا قىلىشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ روزا تۇتماسلىقى ياخشىدۇر. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ ئەرەفات كۈنىدە روزا تۇتمىغان".

ھاشىيەتىل دۇسۇقى ناملىق ئەسەر 5-توم80-بەتتە: "ئاپتۇرنىڭ ئەرەفات كۈنىدە روزا تۇتۇش ياخشى دېگىنى بۇ كۈندە روزا تۇتۇشنى ئالاھىدە تەكىتلەش ئۈچۈندۇر. بولمىسا باشقا كۈنلەردىمۇ روزىنىڭ سۈننەتلىكى مۇتلەقتۇر".

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھدىن: ھاجىلار ۋە ھەجگە بارمىغانلارنىڭ ئەرەفات كۈنىدە روزا تۇتۇشنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: "ئەرەفات كۈنىدە روزا تۇتۇش ھەج قىلمىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئالاھىدە تەكىتلەنگەن سۈننەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئەرەفات كۈنىنىڭ روزىسى توغرىسىدا سورالغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئاللاھ تائالادىن بۇ كۈننىڭ روزىسى بىلەن ئۆتكەن بىر يىللىق ۋە كېلىدىغان بىر يىللىق گۇناھقا كاپارەت بولىشىنى ئۇمىت قىلىمەن، دېگەن.

ھاجىلارنىڭ ئەرەفات كۈنىدە روزا تۇتۇشى سۈننەت ئەمەس. چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەج قىلغاندا، ئەرەفات كۈنىدە روزا تۇتمىغان. مەيمۇنە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلنغان ھەدىستە: كىشىلەر ئەرەفات كۈنىدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ روزا تۇتقان ياكى تۇتمىغانلىقى توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشتى، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەرەفات مەيدانىدا تۇرغاندا ئۇنىڭغا بىر قاچا سۈت ئەۋەتتىم، كىشىلەر قاراپ تۇرۇشتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تۇرغان ئورنىدا سۈتنى ئېچىۋەتتى. [بۇخارى رىۋايىتى]. شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين پەتىۋالار توپلىمى 20-توم 404- نۇمۇرلۇق سوئال.

ھاجىلار ئۈچۈن ئەرەفات كۈنىدە روزا تۇتۇش مۇستەھەپ ئەمەس بەلكى ياخشى كۆرۈلمەيدۇ. ئەگەر سۆزلىگۈچىنىڭ مەقسىدى مۇشۇ بولسا ئۇ كىشى توغرا سۆزلىگەن بولدى، ئەمما ئۇ كىشى: ئەرەفات كۈنى روزا تۇتۇش ھەج قىلمىغان كىشىلەر ئۈچۈن يولغا قويۇلمىغان دېگەننى مەقسەت قىلغان بولسا، يۇقىرىدا بايان قىلنغان سەھىھ ھەدىسنىڭ كۆرسەتمىسىگە خىلاپ ھالدا خاتالاشقان بولىدۇ.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى