-شەرىئەتنىڭ مەقسىدىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى ئىتتىپاقلىقنىڭ مۇھىملىقى.
ئاللاھ تائالادىن سىلەرنى ھەققە ۋە ياخشىلىققا جۇغلاشنى، دىلىڭلارنى ئۆزىنىڭ تائىتىگە بىرلەشتۈرۈشنى سورايمىز، بىز مۇسۇلمانلارنىڭ ئىتتىپاق بولۇپ، ئېتىقاد، ئەخلاق ۋە ئەمەل-ئىبادەتلەردە سەلەپلەرنىڭ پىرىنسىپى بويۇنچە يول تۇتقانلىقىنى كۆرسەك بەختلىك بولىمىز، ھەممە ياخشىلىقنى سەلەپلەرنىڭ يولىغا ئەگىشىش دەپ قارايمىز.
شۇنى بىلىشىڭلار زۆرۈركى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىنى بۆلىۋېتىش سەلەپلەرنىڭ تۇتقان يولى ئەمەس، بەلكى مۇسۇلمانلارنىڭ دىلىنى بىرلەشتۈرۈش، بىر مەقسەتكە ئىتتىپاقلاشتۇرۇشتۇر شەرىئەتنىڭ ئەڭ كاتتا مەقسەتلىرىدىن بىرىدۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَاعْتَصِمُوا بِحَبْلِ اللَّهِ جَمِيعًا وَلَا تَفَرَّقُوا وَاذْكُرُوا نِعْمَةَ اللَّهِ عَلَيْكُمْ إِذْ كُنْتُمْ أَعْدَاءً فَأَلَّفَ بَيْنَ قُلُوبِكُمْ فَأَصْبَحْتُمْ بِنِعْمَتِهِ إِخْوَانًا وَكُنْتُمْ عَلَى شَفَا حُفْرَةٍ مِنَ النَّارِ فَأَنْقَذَكُمْ مِنْهَا كَذَلِكَ يُبَيِّنُ اللَّهُ لَكُمْ آَيَاتِهِ لَعَلَّكُمْ تَهْتَدُونَ تەرجىمىسى: «ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ ئارغامچىسىغا (يەنى ئاللاھنىڭ دىنىغا) مەھكەم يېپىشىڭلار، ئايرىلماڭلار (يەنى سىلەردىن ئىلگىرى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار ئىختىلاپ قىلىشقاندەك، دىندا ئىختىلاپ قىلىشماڭلار). ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ئەسلەڭلار. ئۆز ۋاقتىدا سىلەر ئۆزئارا دۈشمەن ئىدىڭلار، ئاللاھ دىلىڭلارنى بىرلەشتۈردى، ئاللاھنىڭ نېمىتى بىلەن ئۆزئارا قېرىنداش بولدۇڭلار، سىلەر دوزاخ چۇقۇرىنىڭ گىرۋىكىدە ئىدىڭلار، ئاللاھ سىلەرنى (ئىسلام ئارقىلىق) ئۇنىڭدىن قۇتقۇزدى. سىلەرنىڭ ھىدايەت تېپىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ ئايەتلىرىنى سىلەرگە شۇنداق بايان قىلىدۇ». [سۈرە ئال ئىمران 103 -ئايەت.]
-ئىسلام فىقھىسىدىكى كىچىك نۇقتىلار تۈپەيلىدىن مۇسۇلمانلارنىڭ بۆلۈنۈشىنىڭ ھۆكمى.
ئەگەر بۆلۈنۈش ئەمەلىي فىقھى ساھەلىرى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان بولسا، بۇ جەھەتتە ئىختىلاپ قىلىشقا يول قويۇلىدۇ. بۇ ئېناقلىق ۋە بىرلىك ئاساسىدا بولىدۇ. سەلەفلەرنىڭ بۇ جەھەتتە قارىشى سىزنىڭ مەسىلىڭىزدىن چوڭراق مەسىلىلەردىمۇ ناھايىتى كەڭ بولۇپ، ئۇلار تاھارەتنى بۇزۇۋېتىدىغان مەسىلىلەردە ئەگەشكۈچىدىن پەرقلىق ئىمامنىڭ ئارقىسىدا ناماز ئوقۇشقا رۇخسەت قىلىدۇ. مەسىلەن: تۆگە گۆشى يېيىشتىن تاھارەت بۇزۇلىدىغانلىقى، نامازنىڭ بەزى ئەركانلىرىنى تەرك ئېتىش قاتارلىقلار. مەسىلەن: ھەنەفىيلەرنىڭ فاتىھە ئوقۇش ئەركان ئەمەس دېگەن قارىشى. ئۇلار بىسمىللانى فاتىھەنىڭ ئايىتى دەپ قارىمىغان ئادەمنىڭ ئارقىسىدا ناماز ئوقۇشىغا رۇخسەت قىلىدۇ. بۇ يەردە تىلغا ئېلىشقا يېتەرلىك بولمىغان مەسىلىلەردە شۇنداق بولىدۇ، بىز كەلتۈرگەن مىساللار ئۇلارغا يېتەرلىك..
ھېيت نامىزىنىڭ ۋاقتى.
بۇلارنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ ھېيت نامىزىنىڭ ۋاقتى توغرىسىدىكى قارىشىڭىز بىلەن ھەنەفىي قېرىنداشلىرىڭىزنىڭ قارىشى ئوتتۇرىسىدا پەرق بارلىقى پەرەز قىلىنىدۇ. ئەمما بۇ مەسىلىدە ئاراڭلاردا ئىختىلاپ بولمىسا، قانداقمۇ پەرق بولسۇن؟ ، ئاشۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ناماز ئوقۇيدىغان ۋاقتىنىڭ ھېيت نامىزىنىڭ ۋاقتى ئىكەنلىكىنى كۆپچىلىك ئالىملار بىردەك ئېتىراپ قىلغان. بارلىق مەزھەپلەردە ھېيت نامىزىنىڭ باشلىنىش ۋاقتى توغرىسىدا ئىختىلاپ بولسىمۇ، ئاخىرلىشىش ۋاقتىنىڭ قۇياش ئەڭ ئېگىز نۇقتىغا يەتكەندە، يەنى پېشىن نامىزىنىڭ ۋاقتىغا يېقىنلاشقىچە بولىدىغانلىقىغا ئىتتىپاققا كەلگەن، مالىكىي، ھەنەفىي ۋە ھەنبەلىيلەرنىڭ كۆپچىلىكى كۈن نەيزە ئېگىزلىكىگە چىققاندا باشلىنىدۇ دەپ قارايدۇ، شافىيلار بولسا كۈن چىققاندا باشلىنىدۇ دەپ قارايدۇ.
«فىقھ ئېنسىكلوپېدىيىسى» (27/243) دە مۇنداق دېيىلگەن: "ھەنەفىي، مالىكىي ۋە ھەنبەلىيلەرنىڭ كۆپچىلىكى ، ئىككى ھېيت نامىزىنىڭ ۋاقتى قۇياش نەيزە ئېگىزلىكىگە كۆتۈرۈلگەندە باشلىنىدۇ، كۆز بىلەن قارىغاندا بۇ ۋاقىت نەپلە ناماز ئوقۇشقا رۇخسەت قىلىنغان ۋاقىت ۋە ئۇنىڭ ئاخىرقى ۋاقتى قۇياش ئىگىلىشكە باشلىغىچە سوزۇلىدۇ دەپ قارىغان. شافىي مەزھىبىدىكىلەر: ئۇنىڭ ۋاقتى قۇياش چىقىش بىلەن قۇياشنىڭ ئىگىلىشى ئارىلىقىدا بولىدۇ دېگەن. ئۇلارنىڭ ھېيت نامىزىنىڭ ۋاقتىنىڭ قۇياش چىقىش بىلەن باشلىنىدىغانلىقىنىڭ دەلىلى، ھېيت نامىزى بولسا سەۋەبى بار ناماز، شۇڭا ھېيت نامىزىدا ناماز ئوقۇشقا رۇخسەت قىلىنمايدىغان ۋاقىتلار ھېسابقا ئېلىنمايدۇ".
شۇڭا، ئۇ قېرىنداشلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنىڭ رۇخسەت قىلىنغانلىقىدا تالاش-تارتىش قىلىنمايدۇ، ھەمدە بۇ، روزا ھېيت نامىزىنى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئوقۇش كېرەك بولغان شەرىئەت پىرىنسىپىغا ئۇيغۇندۇر. قانداقلا بولمىسۇن، ئۇلارغا قۇربانلىق قىلىنىدىغان ھايۋانلارنى بوغۇزلاشقا يېتەرلىك ۋاقىت بولۇشى ئۈچۈن، قۇربان ھېيت نامىزىنى بالدۇر ئوقۇش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ پىتىر زاكىتىنى ھەقلىق كىشىلەرگە تارقىتىشى ئۈچۈن، روزا ھېيت نامىزىنى كېچىكتۈرۈشنىڭ زىيىنى يوق، چۈنكى پىتىر زاكىتىنى بېرىشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتى روزا ھېيت كۈنى تاڭ ئاتقاندىن ھېيت نامىزى ئوقۇلىدىغان ۋاقىت ئارىلىقىدىكى ۋاقىتتۇر.
ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "قۇربانلىققا كەڭرى ۋاقىت ئاجرىتىش ئۈچۈن قۇربان ھېيت نامىزىنى بۇرۇن ئوقۇش يولغا قۇيىلىدۇ، پىتىر سەدىقىسىنى بېرىشكە كەڭرىي ۋاقىت ئاجرىتىش ئۈچۈن روزا ھېيت نامىزىنى كېچىكتۈرۈپ ئوقۇش ياخشى بولىدۇ، بۇ شاپىئى مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ قارىشى، بۇ توغرىدا پەرقلىق قاراش بارلىقىنى بىلمەيمەن. ھەر بىر ھېيتنىڭ ۋەزىپىسى بولىدۇ، روزا ھېيتنىڭ ۋەزىپىسى ھېيت نامىزىدىن بۇرۇن پىتىر سەدىقىسىنى بېرىش، قۇربان ھېيتنىڭ ۋەزىپىسى بولسا ھېيت نامىزىدىن كېيىن قۇربانلىق قىلىشتۇر، ھەر بىرىنىڭ ۋەزىپىسىنى تولۇق ئادا قىلىش ئۈچۈن، روزا ھېيت نامىزىنى كېچىكتۈرۈپ ئوقۇش، قۇربان ھېيت نامىزىنى بۇرۇن ئوقۇش ياخشى بولىدۇ". [ئەل مۇغنى 2 -توم 232 -بەت].
سىلەرگە قىلىنىدىغان تەۋسىيە: سىلەر ئىككى ھېيت نامىزىنى، جۈمە نامىزىنى ۋە باشقا جامائەت نامىزىنى شۇ يۇرتتىكى ئىمام بىلەن بىرگە ئادا قىلىڭلار، مۇسۇلمان ئارىسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە سەۋەپ بولۇپ قالماڭلار، سەلەپلەرنىڭ پىرىنسىپى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا بۆلگۈنچىلىك بولۇپ قىلىشقا سەۋەپ بولۇشتىن يىراقتۇر ۋە كاتتىدۇر، بۇ سىلەرنى كىشىلەرگە ئىبادەت ئىشلىرىنى سۈننەتلەرنى بايان قىلىپ بېرىشتىن چەكلەپ قويمىسۇن، لېكىن سىلەرگە دىنى ئىشلاردا ئىختىلاپ دۇرۇس بولىدىغان ئىشلار بىلەن ئىختىلاپ دۇرۇس بولمايدىغان ئىشلارنىڭ ئارىسىنى ئايرىشىڭلار ۋاجىپ بولىدۇ، جۈمە ۋە جامائەت نامىزى بولسا مۇسۇلمانلارنىڭ ئېنىق شۇئارى بولۇپ، ئۇنىڭدا سىلەر بىلەن كىشىلەر ئەگىشىپ كېلىۋاتقان پىقھى مەزھەپ قارىشىدا بۆلۈنۈشكە سەۋەپ بولىدىغان بىر ئىش يوق، بىز سىلەرگە ھاۋالە قىلىدىغان سوئاللارنىڭ جاۋابىدا بۇ مەسىلە ناھايىتى ئېنىق، روشەن بايان قىلىنغان.
ئاللاھ سىلەرنى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلسۇن ۋە مۇھاپىزەت قىلسۇن.
بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 36442- 158543-49014- 48988 - نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.