جۈمە مۇبارەك دېيىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سوئال 134741

جۈمە كۈنىنى تەبرىكلەشنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟، ھازىر بىز ياشاۋاتقان دۆلەت-رايونلاردىكى كىشىلەر جۈمە كۈنىدە تىلېفۇن ئارقىلىق بىر-بىرىنى تەبرىكلەپ قىسقا ئۇچۇر يوللاپ، جۈمە مۇبارەك بولسۇن ياكى خەيرلىك جۈمە كۈنى دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىشىدۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

قىسقىچە جاۋاپ

جۈمە كۈنىدە كىشىلەرنىڭ بىر-بىرىنى جۈمە مۇبارەك دەپ تەبرىكلىشى بىزنىڭچە شەرىئەتتە يولغا قويۇلمىغان بىر ئىش، ئەمما مۇسۇلمان كىشى جۈمە كۈنىدە قېرىندىشىڭ كۆڭلىنى خۇرسەن قىلىش، ياخشى تىلەكلەرنى تىلەش ئارقىلىق دۇئا ئىجابەت بولىدىغان ۋاقىتلارنى تاللاپ ئۇچۇرلارنى يوللىسا بۇنىڭ زېيىنى يوق.

مەزمۇنغا ئالاقىدار تىمىلار

جاۋاپنىڭ تېكىستى

جۈمە كۈنىنىڭ پەزىلىتى

شەكسىزكى جۈمە كۈنى ھەدىستە بايان قىلىنغاندەك مۇسۇلمانلارنىڭ ھېيت-بايرام كۈنىدۇر. بۇ توغرىدا ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن جۈمە كۈنىنى ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ھېيت-بايرام كۈنى قىلدى، بۈ كۈندە جۈمەگە كەلگەن كىشى يۇيۇنۇپ كەلسۇن، ئەگەر ئۆيىدە خۇشبۇي نەرسىلىرى بولسا ئىشلەتسۇن، كۆپ مىسۋاك قىلىڭلار« . [ئىبنى ماجە رىۋايىتى 1098 -ھەدىس. شەيخ ئەلبانى ھەسەن دەپ، ئىبنى ماجەنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ جۈمە كۈنىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى بايان قىلىپ، ئون ئۈچىنچى خۇسۇسىيىتى:  "بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ھەر ھەپتىدە تەكرارلىنىدىغان ھېيت-بايرام كۈنىدۇر" دېگەن.  [زادىل مىيئاد 1 -توم 369 -بەت].

بۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ ھېيت-بايرىمى يىلدا ئۈچ قېتىم بولىدۇ، يىلدا بىر قېتىم تەكرارلىنىدىغان روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيت بايرىمى ۋە ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم تەكرارلىنىدىغان جۈمە كۈنىدىن ئىبارەتتۇر.

جۈمە مۇبارەك دېيىشنىڭ ھۆكمى

مۇسۇلمانلارنىڭ روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيت بايرىمىدا بىر-بىرىنى تەبرىكلەش يولغا قويۇلغان، ساھابىلاردىنمۇ بۇ توغرىدا ئەسەرلەر بايان قىلىنغان. بۇ ھەقتە49021 - 36442 - نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىدا تەپسىلى مەزمۇن بايان قىلىنغان.

ئەمما جۈمە كۈنىنى تەبرىكلەش توغرىسىدا بولسا، بىزگە مەلۇم بولىشىچە بۇ شەرىئەتتە يولغا قويۇلمىغان، چۈنكى جۈمە كۈنىنىڭ ھەپتىلىك ھېيت ئىكەنلىكى ئېنىق بولۇپ، بۇ كۈننىڭ پەزىلىتىنى ساھابىلار-ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن- بىزدىن ياخشى بىلەتتى، ئۇلار بۇ كۈننى ئۇلۇغلاشقا ۋە ھەققىنى تولۇق تۇرغۇزۇشقا بەك ھېرىسمەن ئىدى، شۇنداق تۇرۇقلۇق، ئۇلارنىڭ ھېچ بىرىدىن جۈمە كۈنىدە بىر-بىرىنى تەبرىكلىگەنلىكى توغرىسىدا ئەسەر بايان قىلىنمىدى، ياخشىلىقنىڭ ھەممىسى دىنى ئىشلاردا ئۇلارغا ئەگىشىش ئارقىلىق بولىدۇ.

شەيخ سالىھ پەۋزاندىن:  كىشىلەرنىڭ جۈمە كۈنىدە بىر-بىرىنى تەبرىكلەپ جۈمە مۇبارەك دېگەن قىسقا ئۇچۇرلارنى ئەۋەتىشنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ مۇنداق دېگەن: " ئىلگىرىكى سەلەپ-سالىھلىرىمىز جۈمە كۈنىدە بىر-بىرىنى تەبرىكلىمىگەن ئېكەن، ئۇلار قىلمىغان ئىشنى بىز پەيدا قىلمايمىز" .  [ئىسلام دەۋىتى ژورنىلىدا سوئاللارغا بېرىلگەن جاۋاپتىن ئېلىندى].

شەيخ سۇلايمان ماجىدمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پەتىۋا بېرىپ مۇنداق دېگەن: " بىز جۈمە كۈنىدە كىشىلەرنىڭ بىر-بىرىنى جۈمە مۇبارەك دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەر بىلەن تەبرىكلىگەنلىكىنى شەرىئەتتە يولغا قويۇلغان دەپ قارىمايمىز، چۈنكى بۇ دەلىلدە كەلگەن بويۇنچە توختايدىغان دۇئا ۋە زىكىرلەرنىڭ قاتارىدىن ھېسابلىنىدۇ، بۇ خاس ئىبادەت ساھەسى، ئەگەر بۇنىڭدا ياخشىلىق بولغان بولسا ئېدى، ئەلۋەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلار بۇنى قىلغان بولاتتى، مۇبادا بىرەرسى دۇرۇس دېگەن بولسا ئىدى، ئۇنىڭ بىلەن بەش ۋاقىت نامازنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن دۇئا قىلىش، تەبرىكلەش ۋە  باشقا ئىبادەتلەرنىڭمۇ يولغا قويۇلغانلىقى تەلەپ قىلىناتتى، بۇنداق ئورۇنلاردا دۇئا قىلىدىغان ئىشلارنى ئىلگىرىكى سەلەپ-سالىھلىرىمىز قىلمىغان". [شەيخنىڭ تور بىتىدىن ئىلىندى].

مۇبادا مۇسۇلمان كىشى جۈمە كۈنىدە قېرىندىشىڭ كۆڭلىنى خۇرسەن قىلىش، ياخشى تىلەكلەرنى تىلەش ئارقىلىق دۇئا ئىجابەت بولىدىغان ۋاقىتلارنى تاللاپ ئۇچۇرلارنى يوللىسا بۇنىڭ زېيىنى يوقتۇر.

جۈمە كۈنىگە ئالاقىدار بەزى ھۆكۈملەر توغرىدا تەپسىلى مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 13815- 9211 - 112165 - نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

مەرجەلەر

ئىسلام قانۇنشۇناسلىقىنىڭ ئاساسلىرى
بىدئەتچىلىك

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

Previous
كېيىنكى
answer

مەزمۇنغا ئالاقىدار تىمىلار

at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android