نەخ پۇلنىڭ زاكىتى نەخ پۇل بولىشى كېرەك، ئۇنىڭ ئورنىغا ئاشلىق دېگەندەك يىمەكلىك بەرسە توغرا بولمايدۇ، پەقەت نەخ پۇلنىڭ ئورنىغا ئاشلىق، يىمەكلىك بېرىشكە جىددى ئېھتىياج بولۇپ قالسا ئۇ ۋاقىتتا دۇرۇس بولىدۇ. بىز بۇنىڭ تەپسىلاتىنى 138684 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلدۇق.
شۇنىڭغا ئاساسەن: زاكات پۇلىنى ئاشلىق، يېمەكلىكلەرگە ئالماشتۇرۇشنى تەقەززا قىلىدىغان كۈچلۈك مەسلىھەت بولسا، گوياكى كەمبەغەلنى ئەقىلسىز، ئەخمەق، پۇل بەرسە ياخشى سەرپ قىلالمايدۇ، مۇناسىپ ئورۇنغا ئىشلەتمەي، زايە قىلىۋېتىدۇ ياكى ئۇ يۇرتتىكى كىشىلەرنىڭ پۇلغا بولغان ئېھتىياجىدىن ئاشلىق، يىمەكلىككە بولغان ئېھتىياجى كۈچلۈك، پۇل بولسىمۇ ئاشلىق بەك كۆپ تېپىلمايدىغان ياكى كەمبەغەلنىڭ پۇلغا بولغان ئېھتىياجىدىن ئاشلىققا بولغان ئېھتىياجى بەك كۈچلۈك ياكى كەمبەغەل ۋەكىلگە پۇلغا ئاشلىق سېتىۋېلىشنى تەلەپ قىلغان بولسا، شۇنداق ئەھۋاللاردا ۋەكىل مۇشۇ ھاجەتلەرنى كۆزدە تۇتۇپ زاكاتقا ئاشلىق، يىمەكلىكلەردىن بەرسە، ئۇنىڭ قىلغان ئىشى توغرا ۋە دۇرۇس بولىدۇ.
لېكىن ۋەكىل بۇنى پەقەت ۋەكىل قىلغۇچىنىڭ رۇخسىتى بىلەن قىلىشى كېرەك.
ئەمما بۇ يەردە زاكات پۇلىنى ئاشلىق، يېمەكلىكلەرگە ئالماشتۇرۇشنى تەقەززا قىلىدىغان كۈچلۈك مەسلىھەت بولمىسىمۇ، لېكىن ۋەكىل بۇنى ئۆزى ياخشى دەپ قاراپ، ۋەكىل قىلغۇچىغا مەلۇم قىلمايلا پۇلغا ئاشلىق ئىلىپ بېرىۋەتكەن بولسا، ۋەكىل قىلغۇچى ۋەكىلنىڭ ئاشلىق سېتىۋېلىپ بەرگەن زاكاتنى قايتىدىن نەخ پۇل بىلەن ئادا قىلىشى كېرەك بولىدۇ.
بۇ ھالەتتە خاتالىقنى ۋەكىل ئۈستىگە ئالىدۇ، ئاشلىق سېتىۋالغان پۇلنى ۋەكىل قىلغۇچىغا قايتۇرىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى باشقىلارنىڭ مېلىدا، مال ئىگىسىنىڭ رۇختىسىز تەسەررۇپ قىلغان.
ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " ۋەكىل ئاغزاكى بولسۇن ياكى ئۆرپ-ئادەت تەرەپتىن بولسۇن، پەقەت ئۆزىنى ۋەكىل قىلغان كىشىنىڭ رۇخسەت قىلغان دائىرىسىدە تەسەررۇپ قىلىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشىنىڭ تەسەررۇپ قىلىشى رۇخسەت بىلەن بولغان، شۇنىڭ ئۈچۈن رۇخسەت قىلىنغان ئىشقا خاس بولىدۇ". [ئە ل مۇغنى 5 -توم 95 -بەت].
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.