سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

ئېتىكاپنىڭ ھۆكمى ۋە ئۇنىڭ يولغا قويۇلۇشنىڭ دەلىلى توغرىسىدا

سۇئال

ئېتىكاپ قىلىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   بىرىنچى: ئېتىكاپ قىلىش بولسا قۇرئان، ھەدىس ۋە ئۈممەتنىڭ بىرلىكى بىلەن يولغا قويۇلغان ئىبادەتتۇر. قۇرئاندىن بولغان دەلىلى، ئاللاھ تائالا بەقەرە سۈرىسى 125-ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ:  وَعَهِدْنَا إِلَى إِبْرَاهِيمَ وَإِسْمَاعِيلَ أَنْ طَهِّرَا بَيْتِيَ لِلطَّائِفِينَ وَالْعَاكِفِينَ وَالرُّكَّعِ السُّجُودِ   تەرجىمىسى: ئىبراھىم بىلەن ئىسمائىلغا ئۆيۈمنى (يەنى كەبەمنى) تاۋاپ قىلغۇچىلار، ئېتىكاپتا ئولتۇرغۇچىلار، رۇكۇ قىلغۇچىلار ۋە سەجدە قىلغۇچىلار ئۈچۈن پاك تۇتۇشنى بۇيرۇدۇق.

    ئاللاھ تائالا بەقەرە سۈرىسى 187-ئايەتتە مۇنداق دەيداۇ:  وَلا تُبَاشِرُوهُنَّ وَأَنْتُمْ عَاكِفُونَ فِي الْمَسَاجِدِ   تەرجىمىسى: سىلەر مەسجىدتە ئېتىكاپتا ئولتۇرغان چېغىڭلاردا (كۈندۈز بولسۇن كېچە بولسۇن)، ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلماڭلار.

    ئېتىكاپ قىلىش توغرىسىدا نۇرغۇن ھەدىسلەر بايان قىلىنغان، ئۇنىڭ جۈملىسىدىن: ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ۋاپات تاپتۇزغانغا قەدەر رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە ئېتىكاپ قىلاتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دۇنيادىن كەتكەندىن كېيىن ئاياللىرى ئېتىكاپ قىلغان. [بۇخارى رىۋايىتى 2026-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1172-ھەدىس].

    ئىمام نەۋەۋىي، ئىبنى قۇدامە ۋە شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە قاتارلىق نۇرغۇن ئۆلىمالار ئۈممەت ئۆلىمالىرىنىڭ ئېتىكاپنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىغا بىرلىككە كەلگەنلىكى توغرىسىدىكى قارارىنى نەقىل قىلدى. ["ئەلمەجمۇى"6-توم 404-بەت، "ئەلمۇغنى"4-توم 456-بەت ۋە "شەرھۇل ئۆمدە"2-توم 711-بەتكە قارالسۇن].

    شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ"پەتىۋالار مەجمۇئەسى"15-توم 437-بەتتە مۇنداق دەيدۇ:"ھەقىقەتەن مەسچىتتە ئېتىكاپ قىلىش بولسا ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىدىغان ئەمەللەردىن بولۇپ، باشقا ۋاقىتتا قىلغاندىن رامىزاندا قىلسا ياخشى بولىدۇ، ئېتىكاپ قىلىش رامىزاندا ۋە رامىزاندىن باشقا ۋاقىتلاردىمۇ يولغا قويۇلغاندۇر".

    ئىككىنچى: ئېتىكاپنىڭ ھۆكمى: ئەسلىدە ئېتىكاپ قىلىش ۋاجىپ بولماستىن بەلكى سۈننەت بولغان ئەمەللەردىن ھېسابلىنىدۇ، لېكىن بىر كىشى ئۆزىگە ئېتىكاپ قىلىشنى قارار قىلغان-نەزىر قىلغان-بولسا، ئۇ ۋاقىتتا ئېتىكاپ قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ، بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىشنى نەزىر قىلغان كىشى بۇنىڭغا ۋاپا قىلىپ ئاللاھغا ئىتائەت قىلسۇن، ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلىشنى نەزىر قىلغان كىشى ھەرگىزمۇ ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلمىسۇن. [بۇخارى رىۋايىتى 6696-ھەدىس].

   بۇ توغرىدا، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! مەن جاھىلىيەت دەۋرىدە ھەرەم مەسچىتىدە بىر كېچە ئىبادەت قىلىشنى نەزىر قىلغان ئىدىم دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: قىلغان نەزىرەڭگە ۋاپا قىلغىن دېدى. [بۇخارى رىۋايىتى6697-ھەدىس].

   ئىبنى مۇنزىر ئۆزىنىڭ "ئەلئىجمائ" ناملىق ئەسىرى 53-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ئۆلىمالار ئېتىكاپنىڭ ۋاجىپ ئەمەس، سۈننەت ئىكەنلىكىگە پەقەت ئىنسان ئۆزىگە ئېتىكاپ قىلىشنى نەزىر قىلسا، ئۇ ۋاقىتتا ۋاجىپ بولىدىغانلىقىغا بىرلىككە كەلدى".

    دوكتۇر خالىد مۇشەيقىھنىڭ "پىقھۇل ئېتىكاپ" ناملىق ئەسىرى 31-بەتكە قارالسۇن.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى