بىز ئىلگىرى68818- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا، ئايالدىن كەلگەن قاننىڭ قانداق ھالەتتە ھەيزنىڭ قېنى بولىدىغانلىقى ۋە قانداق ھالەتتە ئىستىھازە قېنى بولىدىغانلىقى، ئەگەر ھەيزنىڭ قېنى بولسا ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەيزنىڭ ھۆكمى بېرىلىدىغانلىقى، ئەگەر ئىستىھازە بولسا، ئىستىھازىنىڭ ھۆكمى بېرىلىدىغانلىقى تەپسىلى بايان قىلىنغان.
70438 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدىمۇ ھەيزگە ئالاقىدار بولغان مۇھىم ھۆكۈملەر بايان قىلىنغان.
ئىستىھازىنىڭ ھۆكۈملىرى بولسا، پاكىز ئايالنىڭ ھۆكمىگە ئوخشاش بولۇپ، تۆۋەندىكى ئىشلاردىن باشقا ئىشتا پاك ئايال بىلەن ئىستىھازە بولغان ئايالنىڭ ھۆكمىنىڭ ئارىسىدا پەرق يوق:
بىرىنچى: ئىستىھازە (خۇن كېسىلى) بولغان ئايالنىڭ ھەر نامازنىڭ ۋاقتى كىرگەندە يېڭىدىن تاھارەت ئىلىشى ۋاجىپ بولىدۇ، بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پاتىمە بىنت ئەبى ھۇبەيشكە مۇنداق دېگەن: «ئاندىن ھەر بىر ناماز ئۈچۈن تاھارەت ئىلىڭ». ئىمام بۇخارى قاننى يۇيۇش توغرىسىدىكى باپتا كەلتۈرگەن. بۇنىڭ مەنىسى: ۋاقتى بېكىتىلگەن ھەر نامازنىڭ ۋاقتى كىرگەندىن كېيىنلا تاھارەت ئالىدۇ، ئەمما ۋاقتى بېكىتىلمىگەن نەپلە نامازلار ئۈچۈن قاچان تاھارەت ئىلىپ ئوقۇسا بولىدۇ.
ئىككىنچى: تاھارەت ئالماقچى بولغاندا قان ئىزلىرىنى يۇيىۋېتىدۇ، قاننىڭ تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن ئەۋرىتىگە قېلىن لاتا ياكى ھازىرقى دەۋرىدىكى پامپىرىس دېگەندەك نەرسىلەرنى قويىۋالىدۇ، بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھىمنە رەزىيەللاھۇئەنھاغا: «قېلىن لاتا قويىۋالغىن، ئۇ قاننى كەتكۈزىۋېتىدۇ» دېگەندە، ئۇ ئايال: مەندىن بەك كۆپ كېلىدۇ دەيدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۈستىگە يەنە بىر قات كىيىم كېيىۋالغىن» دېگەندە، ئۇ: مەندىن بەك كۆپ كېلىدۇ بىر قات كىيىم كۇپايە قىلمايدۇ دەيدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : «ئۇنداق بولسا توسقىدەك بىر نەرسە قويغىن»دەيدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن چىققان نەرسىنىڭ زېيىنى بولمايدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام پاتىمە بىنت ئەبۇ ھۈبەيشكە مۇنداق دېگەن: «ھەيز كۈنلىرىڭدە نامازدىن يىراق بولغىن، ھەيز ئاخىرلاشقاندا، غۇسۇل قىلغىن، ھەر نامازنىڭ ۋاقتى كىرگەندە بىر قېتىم تاھارەت ئالغىن، ئاندىن ناماز ئوقۇغىن، ھەتتا بۇ ۋاقىتتا بورا ئۈستىگە قان تېمىپ تۇرسىمۇ ھېچ نەرسە بولمايدۇ». [ئىمام ئەھمەد ۋە ئىبنى ماجە بايان قىلغان].
ئۈچىنچى: جىنسى مۇناسىۋەت قىلىش. ئالىملار ئىستىھازە بولۇپ قالغان ئايال بىلەن ئۇنى ئۆز ھالىغا قويۇپ قويسا قىيىنچىلىق بولۇشتىن ئەنسىرىمىگەندە، جىنسى مۇناسىۋەت قىلىشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكى توغرىسىدا پەرقلىق قاراشتا بولدى، توغرىسى، ئۇنىڭ بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت قىلىش مۇتلەق دۇرۇس بولىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە ئون ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك ئاياللار ئىستىھازە (خۇن كېسىلى) بولۇپ قالغان بولۇپ، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئۇلارنىڭ ئەرلىرىنى ئۇلار بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت قىلىشتىن چەكلىمىگەن. بەلكى بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: فَاعْتَزِلُوا النِّسَاءَ فِي الْمَحِيض تەرجىمىسى: «ھەيز مەزگىلىدە ئاياللىرىڭلاردىن نېرى تۇرۇڭلار» [سۈرە بەقەرە 222 -ئايەت].
يۇقىرىدىكى ئايەت ئۇلاردىن ھەيز ۋاقتىدىن باشقا ۋاقىتتا نېرى تۇرۇشنىڭ ۋاجىپ بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ شۇ ھالەتتە ناماز ئادا قىلىشى دۇرۇس بولىدىكەن، جىنسى مۇناسىۋەت قىلىش دېگەن ئۇنىڭدىن تۆۋەن بولىدۇ يەنى ئەلۋەتتە دۇرۇس بولىدۇ. ئىستىھازە بولۇپ قالغان ئايال بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت قىلىشنى ھەيزدار ئايال بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت قىلىشقا سېلىشتۇرۇش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بۇ ئىككى ھالەت قىياسقا تايىنىپ ھارام دېگەنلەرنىڭ نەزىرىدىمۇ باراۋەر بولمايدۇ".
شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىننىڭ: " ئايال ئۈچۈن بولغان تەبىئىي قاننىڭ ھۆكمى توغرىسىدىكى رىسالە" ناملىق ئەسىرىدىن ئېلىندى.